بۇلۇڭ يېزىسى

بۇلۇڭ يېزىسى

 بۇلۇڭ يېزىسى باي ناھىيەسى بازىرىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 464.9 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بۇلۇڭ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 464.9 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 布隆乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون باي ناھىيەسى
نوپۇسى 9528 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇلۇڭ يېزىسىبۇلۇڭ يېزىسى باي ناھىيەسى بازىرىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىق ئارىلىقى 3.1 كىلومېتىر. باي ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان. شەرقىي ياتۇر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب ، جەنۇبىي تەرىپى باي بازىرى بىلەن قوشنا، شەرقىي جەنۇبى كانچى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمال تەرىپى  قاراباغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغقا تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 464.9 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزىغا قاراشلىق 7 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار، نوپۇس 9528 ئادەم .يېزىلىق ھۆكۈمەت ئوتتۇرا بۇلۇڭ كەنتىدە.

بۇلۇڭ يېزىسىبۇلۇڭ يېزىسىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس، چېگرا ئىچىنىڭ كۆپ قىسمى تۈزلەڭ، ئاز بىر قىسىمى تاغ جىلغا ئىچىدە.  كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃7.6، يەتتىنچى ئايدا ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃21.4، قىروسىز مەزگىل 163 كۈن ئەتراپىدا، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 96 مىللىمېتىرغا يىتىدۇ. يېزىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىقى تەڭرىتاغنىڭ قار-مۇز سۈيى ئىشلىتىلىدۇ، چېگرا ئىچىدىكى ئېرىق گىرەلىشىپ كەتكەن، ناھىيەنىڭ قىزىلبايراق شىمالىي تاش ئۆستىڭى ئۈچ تارماق بويىچە يېزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۇغىرىلىدىغان يەر. 

بۇلۇڭ يېزىسىبۇلۇڭ يېزىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە چارۋىچىلىق ۋە كىچىك تىپتىكى سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 25500 مو تېرىلغۇ يەر بار، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، قىچا، زىغىر ئۆستۈرىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#