جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي خىزمەت قانۇنى

ھەربىي خىزمەت قانۇنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي خىزمەت قانۇنى 1984-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1998-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6-يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي خىزمەت قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي خىزمەت قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1984-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国兵役法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1984-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن ىنىڭ 55-ماددىسىدىكى «ۋەتەننى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىر پۇقراسىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر. قانۇن بويىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ شەرەپلىك مەجبۇرىيىتىدۇر» دېگەن بەلگىلىمىگە ۋە باشقا ئالاقىدار ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۈزۈلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلىك بىلەن ئىختىيارىي ئەسكەرلىك، خەلق ئەسكەرلىك بىلەن زاپاس ھەربىيلىك ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ھەربىي خىزمەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

3-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ مىللىتى، ئىرقى، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى ۋە بىلىم دەرىجىسىگە قارىماي، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەجبۇرىيىتى بار.

جىسمانىي جەھەتتە ئېغىر نۇقسانى بولغانلىقى ياكى ئېغىر مېيىپ بولغانلىقى سەۋەبلىك ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە لاياقەتلىك بولمىغانلار ھەربىي خىزمەت ئۆتەشتىن خالىي قىلىنىدۇ.

قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنغانلارنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

4-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىىڭ قوراللىق كۈچلىرى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىن، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىدىن ۋە خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

5-ماددا ھەربىي خىزمەت رەسمىي ۋە زاپاس دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى دە رەسمىي خىزمەت ئۆتەۋاتقانلار رەسمىي ھەربىيلەر دەپ ئاتىلىدۇ؛ خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈلگەن ياكى رويخەتكە ئېلىنىپ زاپاس ھەربىيلىك خىزمىتى ئۆتەۋاتقانلار زاپاس خادىملار دەپ ئاتىلىدۇ.

6-ماددا رەسمىي ھەربىيلەر بىلەن زاپاس خادىملار ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، پۇقرا لىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىققا كەلگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنىڭ بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەندىن باشقىلىرى ھەربىي ئۇستاپتا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

7-ماددا رەسمىي ھەربىيلەر ئارمىيىنىڭ ئۇستاپىغا ۋە نىزامىغا رىئايە قىلىپ، ئۆز ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇپ، ۋەتەننى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلىشقا ھەرقاچان تەييار تۇرۇشى كېرەك.

زاپاس خادىملار بەلگىلىمە بويىچە ھەربىي تەلىمگە قاتنىشىشى، ئارمىيىگە، جەڭگە قاتنىشىپ، ۋەتەننى قوغداشقا ھەرقاچان تەييار تۇرۇشى كېرەك.

8-ماددا رەسمىي ھەربىيلەر ۋە زاپاس خادىملارنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەنلىرىگە مېدال، ئىزناك ۋە پەخرىي نام بېرىلىدۇ.

9-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدە ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

10-ماددا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش خىزمىتىگە گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسئۇل بولىدۇ.

ھەرقايسى ھەربىي رايونلار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تاپشۇرغان ۋەزىپىگە بىنائەن، ئۆز رايونىدىكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش خىزمىتىنى بېجىرىشكە مەسئۇل بولىدۇ.

ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون قىسىملىرى، شەھەر مۇداپىئە قىسىملىرى)، شۆبە ھەربىي رايون (شەھەر مۇداپىئە قىسىملىرى) ۋە ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق قوراللىق كۈچلىرى بۆلۈمى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەربىي خىزمەت ئورگىنى بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئورگانلارنىڭ ۋە ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆز رايونىدىكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش خىزمىتىنى بېجىرىشكە مەسئۇل بولىدۇ.

ئىدارە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش خىزمىتى جەھەتتىكى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلايدۇ. ھەربىي خىزمەت كەسپىنى خەلق قوراللىق كۈچلىرى بۆلۈمى قۇرۇلغان ئورۇنلاردا خەلق قوراللىق كۈچلىرى بۆلۈمى بېجىرىدۇ؛ خەلق قوراللىق كۈچلىرى بۆلۈمى قۇرۇلمىغان ئورۇنلاردا بەلگىلەنگەن ئورۇن بېجىرىدۇ.

2–باب ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئەسكەر ئېلىش

11-ماددا مەملىكەت بويىچە ھەر يىلى رەسمىي ئەسكەرلىككە ئېلىنىدىغانلارنىڭ سانى، قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە ئەسكەر ئېلىش ۋاقتى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.

12-ماددا ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن ئىلگىرى 18 ياشقا توشقان ئەر پۇقرالار رەسمىي ئەسكەرلىككە ئېلىنسا بولىدۇ. شۇ يىلى ئېلىنمىغانلار 22 ياشتىن ئاشقىچە رەسمىي ئەسكەرلىككە ئېلىنسىمۇ بولىدۇ.

ئارمىيىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئايال پۇقرالار يۇقىرىقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە رەسمىي ئەسكەرلىككە ئېلىنسا بولىدۇ.

ئارمىيىنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە ئىختىيارىيلىق پرىنسىپىغا ئاساسەن، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن ئىلگىرى 18 ياشقا توشمىغان ئەر-ئايال پۇقرالار رەسمىي ئەسكەرلىككە ئېلىنسا بولىدۇ.

13-ماددا ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن ئىلگىرى 18 ياشقا توشقان ئەر پۇقرالار شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ئىلگىرى، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلاردىكى ھەربىي خىزمەت ئورگىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۆزلىرىنى ھەربىي خىزمەت ئۆتەش رويخېتىگە ئالدۇرۇشى لازىم. ھەربىي خىزمەت ئۆتەش رويخېتىگە ئېلىنىپ ۋە دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، لايىق تېپىلغانلار ئەسكەرلىككە ئېلىنىدىغان پۇقرالار دەپ ئاتىلىدۇ.

14-ماددا ئەسكەر ئېلىش مەزگىلىدە ئەسكەرلىككە ئېلىنىدىغان پۇقرالار ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلاردىكى ھەربىي خىزمەت ئورگىنىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بويىچە، كۆرسىتىلگەن بەدەن تەكشۈرۈش پونكىتىغا ۋاقتىدا بېرىپ بەدەن تەكشۈرتىشى لازىم.

ئەسكەرلىككە ئېلىنىدىغان پۇقرالاردىن رەسمىي خىزمەت ئۆتەش شەرتىگە لايىق بولغان ھەمدە ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلاردىكى ھەربىي خىزمەت ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنلەر رەسمىي ئەسكەرلىككە ئېلىنىدۇ.

15-ماددا ئەسكەرلىككە ئېلىنىدىغان پۇقرا ئائىلە تۇرمۇشىنى قامدايدىغان بىردىنبىر ئەمگەك كۈچى ياكى پۈتۈن كۈنلۈك مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولسا، ئەسكەرلىككە كېچىكتۈرۈپ ئېلىنسا بولىدۇ.

16-ماددا ئەسكەرلىككە ئېلىنىدىغان پۇقرا قاماقتا بولۇپ، تەھقىقلىنىۋاتقان، ئەيىبلىنىۋاتقان، سوت قىلىنىۋاتقان بولسا ياكى قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رىجىمغا ئېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا ئۆتەۋاتقان بولسا ئەسكەرلىككە ئېلىنمايدۇ.

3–باب رەسمىي ئەسكەرلىك ۋە زاپاس ئەسكەرلىك

17-ماددا ئەسكەرلەر مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنى ۋە ئىختىيارىي ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

18-ماددا مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنىڭ رەسمىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ.

19-ماددا مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر رەسمىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئارمىيىنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە ئۆزىنىڭ ئىختىيارىغا ئاساسەن، تۇەندىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئىختىيارىي ئەسكەرلىككە ئۆزگەرتىلسە بولىدۇ.

ئىختىيارىي ئەسكەرلەرگە مۇددەتكە بۆلۈپ رەسمىي خىزمەت ئۆتەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئىختىيارىي ئەسكەرلەرنىڭ رەسمىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى ئىختىيارىي ئەسكەرلىككە ئۆزگەرتىلگەن كۈندىن تارتىپ، ئاز دېگەندە ئۈچ يىل بولىدۇ، ئادەتتە 30 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، يېشى 55 تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ئىختىيارىي ئەسكەرلەر ئارمىيىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن غەيرىي ھەربىي تارماقلاردىكى كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدارى بار پۇقرالار ئىچىدىن بىۋاسىتە قوبۇل قىلىنسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ۋە ھەربىي كومىتېت تۈزىدۇ.

 20-ماددا ئەسكەرلەر رەسمىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى توشقاندا، رەسمىي خىزمەتتىن بوشىتىلىدۇ. ئارمىيىنىڭ شتاتىنى قىسقارتىش سەۋەبى بىلەن رەسمىي خىزمەتتىن بوشىتىلىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى، ئارمىيە دوختۇرخانىلىرى دىئاگنوز قويۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالى داۋاملىق رەسمىي خىزمەت ئۆتىشىگە يار بەرمەيدۇ دەپ ئىسپاتلىغانلارنى ياكى باشقا ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلىدىن رەسمىي خىزمەتتىن بوشىتىلىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى شىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ تەستىقلىشى بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن بوشىتىشقا بولىدۇ.

21-ماددا رەسمىي خىزمەتتىن بوشىتىلغان ئەسكەرلەردىن زاپاس ئەسكەرلىك شەرتىگە لايىق بولغانلار قىسىم تەرىپىدىن زاپاس ئەسكەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە بېكىتىلىدۇ؛ سىناش ئارقىلىق، ئوفىتسېرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى لايىق تېپىلغانلار زاپاس ئوفىتسېرلىك خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ.

رەسمىي خىزمەتتىن بوشىتىلغان ئەسكەرلەردىن قىسىمنىڭ بەلگىلىشى بىلەن زاپاس ئەسكەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەيدىغانلار ئۆزى تۇرىدىغان جايغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، 30 كۈن ئىچىدە شۇ يەردىكى ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايوندىكى ھەربىي خىزمەت ئورگىنىغا بېرىپ ئۆزىنى زاپاس ئەسكەرلىك رويخېتىگە ئالدۇرىدۇ.

22-ماددا بۇ قانۇننىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتەش رويخېتىگە ئېلىنىپ، ئەسكەرلىككە ئېلىنىدىغان پۇقرالاردىن رەسمىي ئەسكەرلىككە ئېلىنمىغانلىرى زاپاس ئەسكەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ.

23-ماددا زاپاس ئەسكەرلىك خىزمىتى ئۆتىگۈچىلەرنىڭ يېشى 18 دىن 35 كىچە بولىدۇ.

24-ماددا زاپاس ئەسكەرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگۈچىلەر بىرىنچى خىلدىكىلەر ۋە ئىككىنچى خىلدىكىلەر دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

زاپاس ئەسكەرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگۈچىلەردىن بىرىنچى خىلغا كىرىدىغانلىرى تۆۋەندىكى خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) رويخەتكە ئېلىنىپ زاپاس ئەسكەرلىك خىزمىتى ئۆتەۋاتقانلاردىن 35 ياشقا كىرمىگەن رەسمىي ھەربىيلىكتىن بوشانغانلار؛

(2) رويخەتكە ئېلىنىپ زاپاس ئەسكەرلىك خىزمىتى ئۆتەۋاتقانلاردىن 35 ياشقا كىرمىگەن، كەسپى ھەربىي ئىشلار كەسپىگە ئۇدۇل كېلىدىغان يەرلىك تېخنىكا خادىملىرى؛

(3) زاپاس قىسىمغا كىرگۈزۈلگەن ۋە رەسمىي قىسىمغا كىرگۈزۈپ تۇرۇلغان، 28 ياشتىن تۆۋەن باشقا زاپاس ئەسكەرلەر.

زاپاس ئەسكەرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگۈچىلەردىن ئىككىنچى خىلغا كىرىدىغانلىرى تۆۋەندىكى خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1)بىرىنچى خىلدىكى زاپاس ئەسكەرلىك خىزمىتى ئۆتەۋاتقانلاردىن باشقا، ئادەتتىكى خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈلگەن خادىملار؛

(2) رويخەتكە ئېلىنىپ زاپاس ئەسكەرلىك خىزمىتى ئۆتەۋاتقان، يېشى 35 ياشتىن تۆۋەن بولغان باشقا ئەر پۇقرالار.

بۇ ماددىنىڭ بىرىنچى خىلدىكى زاپاس ئەسكەرلەر توغرىسىدىكى (3) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەنلەر 29 ياشقا كىرگەندە ئىككىنچى خىلدىكى زاپاس ئەسكەرلىككە ئۆتىدۇ؛ ئىككىنچى خىلدىكى زاپاس ئەسكەر 35 ياشقا كىرگەندە زاپاس ئەسكەرلىكتىن بوشىتىلىدۇ.

4–باب رەسمىي خىزمەتتىكى ئوفىتسېرلار ۋە زاپاس ئوفىتسېرلار

25-ماددا رەسمىي خىزمەتتىكى ئوفىتسېرلار تۆۋەندىكى خادىملاردىن تولۇقلىنىدۇ:

(1) ھەربىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار؛

(2) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن ئېچىلغان ئوفىتسېر تەربىيىلەش ئورگانلىرىدا تەربىيە ئالغاندىن كېيىن، سىناقتىن ئۆتۈپ، ئوفىتسېرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا لايىق بولغان ئەسكەرلەر؛

(3) ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئوفىتسېرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا لايىق بولغانلار؛

(4)ئارمىيىدىكى مۈلكىي كادىرلار ۋە غەيرىي رەسمىي ھەربىي تارماقلاردىن ئايرىم قوبۇل قىلىنىدىغان كەسپىي تېخنىك خادىملار.

ئۇرۇش مەزگىلىدە، رەسمىي خىزمەتتىكى ئوفىتسېرلار يەنە تۆۋەندىكى خادىملار بىلەنمۇ تولۇقلىنىدۇ:

(1) ئوفىتسېرلىككە بېۋاسىتە تەيىنلەشكە بولىدىغان ئەسكەرلەر؛

(2) ھەربىي سەپكە چاقىرىلغان زاپاس ئوفىتسېرلار ۋە غەيرىي رەسمىي ھەربىي تارماقلاردىكى رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە باب كېلىدىغان كادىرلار.

26-ماددا زاپاس ئوفىتسېر تۆۋەندىكى خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) رەسمىي خىزمەتتىن بوشىنىپ زاپاسقا ئۆتكەن ئوفىتسېرلار؛

(2) رەسمىي خىزمەتتىن بوشىتىلىپ زاپاس ئوفىتسېرلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە بەلگىلەنگەن ئەسكەرلەر؛

(3)ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن زاپاس ئوفىتسېرلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە بەلگىلەنگەنلەر؛

(4) خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مەخسۇس كادىرلىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى كادىرلىرىدىن زاپاس ئوفىتسېرلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە بەلگىلەنگەنلەر؛

(5) غەيرىي رەسمىي ھەربىي تارماقلاردىكى كادىرلار ۋە كەسپىي تېخنىك خادىملاردىن زاپاس ئوفىتسېرلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە بەلگىلەنگەنلەر.

27-ماددا رەسمىي ۋە زاپاس ئوفىتسېرلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى يېشى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش نىزامىدا بەلگىلىنىدۇ.

 28-ماددا رەسمىي خىزمەتتىكى ئوفىتسېرلاردىن بەلگىلىمە بويىچە خىزمەت ئۆتەپ ئەڭ يۇقىرى يېشىغا يەتكەنلەر رەسمىي خىزمەتتىن بوشىنىدۇ؛ ئەڭ يۇقىرى يېشىغا يەتمەي تۇرۇپ، ئالاھىدە ئەھۋال مۇناسىۋىتى بىلەن رەسمىي خىزمەتتىن بوشىنىشقا توغرا كەلگەنلەر رەسمىي خىزمەتتىن تەستىق بىلەن بوشانسا بولىدۇ.

رەسمىي خىزمەتتىن بوشىغان ئوفىتسېرلاردىن زاپاسقا ئۆتۈش شەرتىگە لايىق بولغانلار زاپاس ئوفىتسېرلىككە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

29-ماددا رەسمىي خىزمەتتىن بوشىنىپ زاپاسقا ئۆتكەن ئوفىتسېرلار، رەسمىي خىزمەتتىن بوشىنىپ زاپاس ئوفىتسېرلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە بەلگىلەنگەن ئەسكەرلەر، شۇنىڭدەك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن زاپاس ئوفىتسېرلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە بەلگىلەنگەنلەر خىزمەت ئورنىغا ياكى ئۆزى تۇرىدىغان جايغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، 30 كۈن ئىچىدە، شۇ جايدىكى ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايوندىكى ھەربىي خىزمەت ئورگىنىغا بېرىپ ئۆزىنى زاپاس ھەربىيلىك رويخېتىگە ئالدۇرىدۇ.

خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مەخسۇس كادىرلىرىدىن، خەلق ئەسكەرلىرى كادىرلىرىدىن، غەيرىي رەسمىي ھەربىي تارماقلارنىڭ كادىرلىرى ۋە كەسپىي تېخنىك خادىملىرىدىن ئوفىتسېرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە لايىق كېلىدىغانلىرى ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلاردىكى ھەربىي خىزمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن رويخەتكە ئېلىنىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئورگانغا تەستىقلىتىلغاندىن كېيىن، زاپاس ئوفىتسېرلىك خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ.

بەلگىلىمە بويىچە زاپاس ئوفىتسېرلىك خىزمىتىنى ئۆتەپ، ئەڭ يۇقىرى يېشىغا يەتكەنلەر زاپاس ئوفىتسېرلىكتىن بوشىنىدۇ.

5–باب ھەربىي مەكتەپلەرگە ياشئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار

30-ماددا ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھەربىي مەكتەپلەر ياش ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى رەسمىي ئەسكەرلىككە ئېلىنىدىغانلارغا قويۇلغان ياش چەكلىمىسى بىلەن چەكلەنمەيدۇ.

31-ماددا ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇشنى تۈگىتىپ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر مەكتەپتىن دىپلوم ئالغاندىن كېيىن، بەلگىلىمە بويىچە رەسمىي ئوفىتسېرلىككە ياكى مۈلكىي كادىرلىققا تەيىنلىنىدۇ.

32-ماددا ئوقۇغۇچىلاردىن بەلگىلەنگەن دەرسلەرنى ئوقۇپ بولۇپ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر مەكتەپتىن ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى ئالغاندىن كېيىن، مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن نوپۇسقا ئېلىنغان جايىغا قايتۇرۇلىدۇ. ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇلارنى دۆلەتنىڭ شۇ دەرىجىلىك مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش چارىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

33-ماددا سوزۇلما كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەربىي مەكتەپلەردە داۋاملىق ئوقۇيالمايدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇشتىن چېكىنىشى تەستىقلانغانلىرىغا مەكتەپ ئوقۇش گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ، ئۇلارنى مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن نوپۇسقا ئېلىنغان جايىدىكى ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

34-ماددا مەكتەپتىن چىقىرىۋېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن نوپۇسقا ئېلىنغان جايىدىكى ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى قوبۇل قىلىپ، دۆلەتنىڭ شۇ دەرىجىلىك مەكتەپلەردىن چىقىرىۋېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

35-ماددا بۇ قانۇننىڭ 31-، 32-، 33-، 34-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر رەسمىي خىزمەتتىكى ئەسكەرلەر ئىچىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

6–باب خەلق ئەسكەرلىرى

36-ماددا خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئايرىلمايدىغان ئاممىۋى قوراللىق تەشكىلات، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس كۈچى.

خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپىسى مۇنۇلار:

(1) سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ۋە باشقا ۋەزىپىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئورۇنلاش؛

(2) ئۇرۇش تەييارلىقى ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىش، چېگرىنى قوغداش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش؛

(3) ئارمىيىگە ۋە جەڭگە قاتنىشىپ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قوغداشقا ھەر ۋاقىت تەييار بولۇش.

37-ماددا يېزا، مىللىي يېزا، بازار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى قۇرۇلىدۇ. يېشى 18 دىن 35 كىچە بولغان، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش شەرتىگە لايىق كېلىدىغان ئەر پۇقرالاردىن رەسمىي ئەسكەرلىككە ئېلىنغانلىرىدىن باشقىلىرى زاپاس ئەسكەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەش ئۈچۈن خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈلىدۇ. خەلق ئەسكەرلىرى كادىرلىرىنىڭ ياش چەكلىمىسىنى مۇۋاپىق تۈردە كەڭرەك قىلىشقا بولىدۇ.

خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى قۇرۇلمايدىغان ئورۇنلاردا ھەربىي خىزمەت ئۆتەش شەرتىگە لايىق كېلىدىغان ئەر پۇقرالار بەلگىلىمە بويىچە زاپاس ھەربىيلىك رويخېتىگە ئېلىنىدۇ.

38-ماددا خەلق ئەسكەرلىرى تايانچ خەلق ئەسكەرلىرى ۋە ئادەتتىكى خەلق ئەسكەرلىرى دەپ ئايرىلىدۇ. رەسمىي ھەربىي خىزمەتتىن بوشانغان 28 ياشتىن تۆۋەن ئەسكەرلەر ۋە ھەربىي تەلىم ئالغان خادىملار، شۇنىڭدەك ھەربىي تەلىم ئېلىشقا تاللانغان خادىملار تايانچ خەلق ئەسكىرى بولىدۇ؛ يېشى 18 دىن 35 كىچە بولغان، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش شەرتىگە لايىق كېلىدىغان باشقا ئەر پۇقرالار ئادەتتىكى خەلق ئەسكىرى بولىدۇ.

ئېھتىياجغا قاراپ، ئايال پۇقرالارمۇ تايانچ خەلق ئەسكەرلىكىگە قوبۇل قىلىنىدۇ.

قۇرۇقلۇق چېگرىلىرىدا، دېڭىز چېگرىلىرىدا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ۋە شەھەرلەردىكى ئەھۋالى ئالاھىدە بولغان ئورۇنلاردا تايانچ خەلق ئەسكىرىنىڭ ياش چەكلىمىسى كەڭرەك بولسا بولىدۇ.

 7–باب زاپاس خادىملارغا بېرىلىدىغان ھەربىي تەلىم

39-ماددا زاپاس ئەسكەرلەرگە بېرىلىدىغان ھەربىي تەلىم خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتلىرىدا، زاپاس ئەسكەرلەر قىسمىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ ياكى باشقا تەشكىلى شەكىلنى قوللىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتىمىگەن تايانچ خەلق ئەسكەرلىرى 18 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە، 30 كۈندىن 40 كۈنگىچە ھەربىي تەلىم ئېلىشى لازىم؛ كەسپىي تېخنىكا خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ تەلىم ئېلىش ۋاقتى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ مۇۋاپىق ئۇزارتىلىدۇ.

رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ۋە ھەربىي تەلىم ئالغان تايانچ خەلق ئەسكەرلىرىگە بېرىلىدىغان تەكرار تەلىم، ئادەتتىكى خەلق ئەسكەرلىرىگە ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈلمىگەن زاپاس ئەسكەرلەرگە بېرىلىدىغان ھەربىي تەلىم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

40-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلار زاپاستىكى ۋاقتىدا ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ھەربىي تەلىم ئېلىشى لازىم.

41-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت زۆرۈر تېپىلغاندا، زاپاس خادىملارنىڭ جىددىي تەلىم ئېلىشىنى بەلگىلەيدۇ.

42-ماددا زاپاس خادىملار ھەربىي تەلىم ئېلىۋاتقان مەزگىلدە، يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ئىش دەخلى پۇلى بېرىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ. گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلىمە چىقارغۇچە، ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بەلگىلەپ تۈزىدۇ.

8–باب ئالىي مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان ھەربىي تەلىم

43-ماددا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ئاساسىي ھەربىي تەلىم ئېلىشى شەرت.

ئوفىتسېرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا لايىق كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ يەنە قىسقا مۇددەت يىغىلىپ تەلىم ئالىدۇ، سىناقتىن ئۆتكەنلىرى ھەربىي ئورگاننىڭ تەستىقى بىلەن زاپاس ئوفىتسېرلىك خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ.

44-ماددا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچلارنىڭ ھەربىي تەلىم ئېلىش ئىشىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش ئۈچۈن ھەربىي تەلىم ئاپپاراتى قۇرۇلىدۇ، ھەربىي ئوقۇتقۇچى قويۇلىدۇ.

43-ماددىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە زاپاس ئوفىتسېرلارنى قىسقا مۇددەت يىغىپ تەربىيىلەش ئىشىنى ھەربىي تارماقلار تەيىنلىگەن رەسمىي ئوفىتسېرلار ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ھەربىي تەلىم ئاپپاراتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ.

45-ماددا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ دەرىجىلىك مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا ھەربىي تەلىم بېرىدىغان ھەربىي ئوقۇتقۇچى قويۇلىدۇ.

46-ماددا ئالىي مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەربىي تەلىم بېرىش ئىشىغا مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسئۇل بولىدۇ. مائارىپ تارماقلىرىدا ۋە ھەربىي تارماقلاردا، ئوقۇغۇچىلارغا ھەربىي تەلىم بېرىش خىزمىتىنى بېجىرىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار ھەربىي تەلىم خىزمىتى ئاپپاراتى تەسىس قىلىنىدۇ ياكى مەخسۇس ئادەم قويۇلىدۇ.

9–باب ئۇرۇش ۋاقتىدىكى ھەربىي سەپەرۋەرلىك

47-ماددا دۈشمەننىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەر دەرىجىلىك ھەربىي ئورگانلار ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇرۇش ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي سەپەرۋەرلىكنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىنى ئوبدان ئىشلىشى كېرەك.

48-ماددا دۆلەت سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھەربىي ئورگانلار سەپەرۋەرلىك ئىشىغا دەرھال كىرىشىشى لازىم:

(1) رەسمىي خىزمەتتىكى ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي خىزمەتتىن بوشىنىشى توختىتىلىدۇ، دەم ئېلىۋاتقان، تۇغقان يوقلاۋاتقان ھەربىيلەر قىسىمغا دەرھال قايتىدۇ؛

(2) زاپاس خادىملار چاقىرىققا بىنائەن رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە ھەرقاچان تەييار تۇرىدۇ، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا ۋاقتىدا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ؛

(3) ئىدارە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ۋە يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئۆز ئورنىدىكى زاپاس خادىملاردىن چاقىرىلغانلىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا ئۇيۇشتۇرىدۇ؛

(4) قاتناش-ترانسپورت تارماقلىرى چاقىرىلغان زاپاس خادىملارنى ۋە قىسىمغا قايتىدىغان رەسمىي ھەربىيلەرنى ھەممىدىن ئاۋۋال توشۇيدۇ.

49-ماددا ئۇرۇش ۋاقتىدا پەۋقۇلئاددە ئەھۋال كۆرۈلسە، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 36 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئەر پۇقرالارنى رەسمىي ھەربىي خىزمەتكە چاقىرىشنى قارار قىلىدۇ.

50-ماددا ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھەربىي سەپتىن قايتىشى لازىم بولغان رەسمىي ھەربىيلەر گوۋۇيۈەننىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەربىي سەپتىن قايتۇرۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن، رەسمىي خىزمەتتىن مۇددەت ۋە تۈركۈمگە بۆلۈپ بوشىتىلىدۇ، ئۇلارنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

10-باب رەسمىي خىزمەتتىكى ھەربىيلەرگە ئېتىبار بېرىش ۋە رەسمىي خىزمەتتىن بوشىغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش

51-ماددا رەسمىي خىزمەتتىكى ھەربىيلەر، مەجرۇھ بولغان ئىنقىلابىي ھەربىيلەر، رەسمىي خىزمەتتىن بوشىغان ھەربىيلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە-تەۋەلىرى، قۇربان بولغان، كېسەل بولۇپ قازا تاپقان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، رەسمىي خىزمەتتىكى ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە-تەۋەلىرى جامائەتچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە، دۆلەتنىڭ ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېتىبارىغا ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك.

52-ماددا مەجرۇھ بولغان ئىنقىلابىي ھەربىيلەر پويىز، پاراخوت، ئايروپىلان ۋە ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرسا، ئۇلارغا ئالدى بىلەن بېلەت سېتىپ بېرىلىدۇ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە بېلەت باھاسى چۈشۈرۈلۈپ ئېتىبار بېرىلىدۇ.

مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرنىڭ قىسىمدىن يازغان ئادەتتىكى خەتلىرى پوچتا ھەققى ئېلىنماي توشۇلىدۇ.

53-ماددا رەسمىي ھەربىيلەر ئۇرۇشتا ياكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن زەخىملىنىپ مەجرۇھ بولسا، قىسىم مەجرۇھلۇق دەرىجىسىنى باھالاپ، ئۇلارغا مەجرۇھ بولغان ئىنقىلابىي ھەربىيلەر نەپىقە گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ. پەۋقۇلئاددە دەرىجىلىك، بىرىنچى دەرىجىلىك مەجرۇھ بولۇپ، رەسمىي خىزمەتتىن بوشىغان ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى دۆلەت ئۆمۈرۋايەت باقىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىلىك، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەجرۇھ بولغان ئىنقىلابىي ھەربىيلەردىن ئائىلىسى شەھەر، بازاردا ئولتۇرۇشلۇقلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇربى يەتكۈدەك ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛ ئائىلىسى يېزىدا ئولتۇرۇشلۇقلىرىنى شۇ جاينىڭ شارائىتى يار بەرسە، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ، ئورۇنلاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغانلىرىغا بەلگىلىمە بويىچە مەجرۇھلۇق نەپىقىسىنى كۆپەيتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

54-ماددا مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر رەسمىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېتىبار بېرىدۇ. ئېتىبار بېرىش ئۆلچىمى شۇ جاينىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولمايدۇ، بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ.

55-ماددا رەسمىي خىزمەتتىكى ھەربىيلەردىن قۇربان بولغان، كېسەل بىلەن قازا تاپقانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە دۆلەت بىر قېتىملىق نەپىقە بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ئەمگەك كۈچى بولمىغانلىقتىن ياكى مۇقىم كىرىمى بولمىغانلىقتىن تۇرمۇشىنى قامدىيالمايدىغانلىرىغا دۆلەت يەنە قەرەللىك نەپىقە بېرىپ تۇرىدۇ.

56-ماددا مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەر رەسمىي خىزمەتتىن بوشىغاندىن كېيىن، ئۇنى قەيەردىن كەلگەن بولسا شۇ يەرگە قايتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە باشتا ئەسكەرلىككە ئالغان ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ:

(1) مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەردىن ئائىلىسى يېزىدا بولغانلىرى رەسمىي خىزمەتتىن بوشىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش جەھەتتىن ئوبدان ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئىدارە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار يېزىدىن ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا، ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئۇلارنى ئاۋۋال قوبۇل قىلىشى كېرەك. 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلانغانلارنى بۇ ماددىنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛

(2)ئائىلىسى شەھەر ۋە بازاردا ئولتۇرۇشلۇق بولغان مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر، رەسمىي خىزمەتتىن بوشىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ رايون ئىچىدە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. ئۇلار ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە ھەربىيدىن بوشىغانلارنى مۈلۈكچىلىك خاراكتېرى ۋە تەشكىلىي شەكىلگە قارىماي، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار. ھەربىي سەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى ئىدارە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەسمىي ئىشچى-خىزمەتچىسى بولغانلارنىڭ خىزمىتى ۋە ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە بولىدۇ؛

(3) ئائىلىسى شەھەر، بازاردا بولغان ھەربىيدىن بوشىغانلار ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇلارغا شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولماسلىق پرىنسىپى بويىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ؛

(4) ئائىلىسى شەھەر، بازاردا بولغان ھەربىيدىن بوشىغانلار ئۆزى ئىش تېپىپ قىلماقچى بولسا، يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇلارغا بىر قېتىملىق ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى بېرىدۇ ھەمدە سىياسەت جەھەتتە ئېتىبار بېرىدۇ؛

(5) مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەر رەسمىي خىزمەتتىن بوشىغاندىن كېيىن دۆلەت مەمۇرلىقىغا، ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملاردا ئوقۇشقا ئىمتىھان بەرمەكچى بولسا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئېتىبار بېرىلىدۇ.

57-ماددا رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە روھىي كېسەلگە مۇپتىلا بولغان مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر رەسمىي خىزمەتتىن بوشىغاندىن كېيىن، كېسىلىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، يەرلىك دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىشقا ئەۋەتىلىدۇ ياكى ئۆيىدە دەم ئېلىپ داۋالىنىشقا قايتۇرۇلىدۇ، داۋالىنىش راسخوتى ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.

رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە سوزۇلما كېسەلگە مۇپتىلا بولغان مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر رەسمىي خىزمەتتىن بوشىغاندىن كېيىن، كونا كېسىلى قوزغىلىپ داۋالىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، ئۆزى ئورۇنلاشقان جايدىكى داۋالاش ئورۇنلىرى مەسئۇل بولۇپ داۋالايدۇ، شۇ كىشىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولسا، داۋالىنىش راسخوتى ۋە تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياردەم بېرىدۇ.

58-ماددا رەسمىي خىزمەتتىن بوشىغان ئىختىيارىي ئەسكەرلەردىن رەسمىي خىزمەت ئۆتىگىنىگە 10 يىل توشمىغانلار بۇ قانۇننىڭ 56-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، 10 يىل توشقانلىرىنى باشتا ئەسكەرلىككە ئالغان ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ رايون ئىچىدە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ؛ يېزىغا قايتىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتنىشىشنى خالىغانلارغا ياكى ئۆزى ئىش تېپىپ قىلماقچى بولغانلارغا ئىلھام بېرىلىدۇ، يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئائىلىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ؛ رەسمىي خىزمەت ئۆتىگىنىگە 30 يىل توشقانلار ياكى 55 ياشتىن ئاشقانلارنى دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، يەرلىكنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۆزى خالىسا كەسىپ ئالماشتۇرۇپ يەرلىككە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

ئىختىيارىي ئەسكەرلەر رەسمىي خىزمەت ئۆتەش جەريانىدا، ئۇرۇشقا قاتنىشىپ ياكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن مەجرۇھ بولۇپ، تولا چارچاشتىن كېسەلمەن بولۇپ، ئىشلەش ئىقتىدارىدىن ئاساسەن ئايرىلىپ قالغان بولسا، پېنسىيىگە چىقىش رەسمىيىتىنى ئۆتەيدۇ، ئۇلارنى باشتا ئەسكەرلىككە ئالغان ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

59-ماددا ئوفىتسېرلار رەسمىي خىزمەتتىن بوشىغاندىن كېيىن، دۆلەت مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

60-ماددا ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ۋەزىپە ئۆتەۋېتىپ قۇربان بولغان، مەجرۇھ بولغان خەلق ئەسكەرلىرىگە، ھەربىي تەلىمگە قاتنىشىپ قۇربان بولغان، مەجرۇھ بولغان زاپاس خادىملار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا شۇ يەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئەسكەرلىرىگە نەپىقە بېرىش-ئېتىبار بېرىش نىزامى بويىچە نەپىقە بېرىپ غەمخورلۇق قىلىدۇ.

11–باب جازالاش

61-ماددا ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەجبۇرىيىتى بولغان پۇقرالاردىن تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى چەكلىك مۇددەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۇددەت توشقىچە تۈزەتمىگەنلەرگە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەربىي خىزمەت مەجبۇرىيىتىنى مەجبۇرىي ئادا قىلدۇرىدۇ ھەمدە جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) ئۆزىنى ھەربىي خىزمەت ئۆتەش رويخېتىگە ئالدۇرۇشتىن ۋە بەدەن تەكشۈرۈشتىن باش تارتقان ۋە قاچقانلار؛

(2) ئەسكەرلىككە ئېلىنىدىغان پۇقرالاردىن ئەسكەر بولۇشتىن باش تارتقان ۋە قاچقانلار؛

(3) زاپاس خادىملاردىن ھەربىي تەلىم ئېلىشتىن، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن باش تارتقان ۋە قاچقانلار.

ئالدىنقى تارماقنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى ھەرىكەتنى سادىر قىلىپ، تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارنى ئىككى يىل ئىچىدە دۆلەت مەمۇرلىقىغا، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىكىگە قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشى ۋە يۇقىرى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

ئۇرۇش ۋاقتىدا بىرىنچى تارماقنىڭ (2)، (3) تارماقچىسىدىكى ھەرىكەتنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

 62-ماددا رەسمىي ھەربىيلەردىن ھەربىي خىزمەت ئۆتەشتىن قېچىشنى مەقسەت قىلىپ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقان ياكى قىسىمدىن قېچىپ كەتكەنلەرگە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ ئۇرۇش ۋاقتىدا قىسىمدىن قېچىپ كېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

قىسىمدىن قاچقان ھەربىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداقلارنى ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

63-ماددا ئىدارە، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن بۇ قانۇن بويىچە ھەربىي خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشنى رەت قىلغان پۇقرالارنىڭ ھەربىي خىزمەت مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان، ھەربىيدىن بوشانغانلارنى قوبۇل قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەت قىلغان ياكى ھەربىي خىزمەتكە دەخلى يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئورۇننىڭ بىۋاسىتە مەسئۇل باشقۇرغۇچى خادىمى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكار باشقا خادىملار قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ.

64-ماددا ھەربىي خىزمەت ئۆتەش خىزمەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان ياكى ھەربىي خىزمەت ئۆتەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش، جازالاش نىزامىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

65-ماددا دۆلەت خىزمەتچىلىرى ۋە ھەربىيلەردىن ھەربىي خىزمەت ئۆتەش خىزمىتى داۋامىدا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ:

(1)پارا ئالغانلار؛

(2) خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغانلار؛

(3) نەپسانىيەتچىلىك، كۆز بويامچىلىق قىلىپ لاياقەتسىزلەرنى ئەسكەرلىككە ئالغان، ئەۋەتكەنلەر.

12–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

66-ماددا بۇ قانۇن جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

67-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدە ئېھتىياجغا قاراپ مۈلكىي كادىر قويۇلىدۇ. مۈلكىي كادىرلار نىزامى ئايرىم تۈزۈلىدۇ.

68-ماددا بۇ قانۇن 1984-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/20/c_131540089_13.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/97562.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#