- چاي ()
- چاي (دورا)
چاي
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چاي دەرىخى چاي ئائىلىسىگە كىرىدىغان دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقالدۇر. يۇمران يوپۇرماقلىرىنىڭ دۈمبە تەرىپىدە ئاق تىۋىت تۈكچىلىرى بولۇپ «ئاق توزغاق» دېيىلىدۇ، كونا ۋە يېتىلگەن يوپۇرماقلاردا بولسا ئۇ ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇ چاي يوپۇرماقلىرىنىڭ سۈپىتىنى باھالاشتىكى بەلگىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يوپۇرماق رەڭگى قانچە يېشىل، تىۋىت تۈكچىلىرى قانچە ئاق بولغان چاي يوپۇرماقلىرى چايلار ئىچىدىكى ئەلا دەرىجىلىكى ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ چاي دەرىخى ئۆستۈرۈش، چاي ئىشلەش تېخنىكىسى، چاي دەملەپ ئىچىش ئادىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگودىن تارقالغان. يۈننەننىڭ پۇئېر ناھىيىسىدە بىر تۈپ «چاي دەرىخى شاھى» بولۇپ، ئېگىزلىكى13 مېتىر، دەرەخ تاجىسى(باراقسىنى) 32 مېتىر كېلىدىكەن. ئۇ1700 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھازىر ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمكى چاي دەرىخى ھېسابلىنىدىكەن. چاي ھەققىدە دۇنيا بويىچە تۇنجى يېزىلغان ئىلمىي كىتاب − «چاي قوللانمىسى» نى تاڭ سۇلالىسىدىكى لۇيۈ يازغان بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى چاي مۇتەخەسسىسى ھېسابلىنىدۇ.
چاينىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان چايلار يىغىپ پىششىقلاپ ئىشلەش سەنئىتى ۋە سۈپەت ئالاھىدىلىكىگە سىرتقى شەكىلدىكى پەرقلەر بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا يېشىل چاي، قىزىل چاي(پەمىل چاي) ، گۈل چاي، ۋۇلۇڭ چېيى ۋە كېسەك چاي قاتارلىق بەش چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
چاينىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار ناھايىتى مول، شۇنداقلا يەنە كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئىگە دورىلىق تەركىبلىرىمۇ بار. مەسىلەن، تەركىبىدىكى كوففېئىن ۋە تېئوفىللىنلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش ۋە ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش روللىرى بار؛ تەركىبىدىكى تاننىننىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە مىكروبقا قارشى تۇرۇش رولى بار. دائىم چاي ئىچىپ بەرگەن ئادەمنىڭ رادىئاتسىيە، چىش چىرىش كېسەللىكى، راك كېسەللىكى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، تولغاق، ئۈچەي ياللۇغى، قان ئازلىق ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بىرقەدەر ياخشى قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولىدۇ. چاي تەركىبىدىكى كۆپ خىل ۋىتامىنلارنىڭ تېرە مۇسكۇللارنى ئاسراش رولى بولغاچقا، ساغلاملىق ئىچىملىكى دەپ ئاتالغان. ياپونىيىلىكلەر جۇڭگونىڭ ۋۇلۇڭ چېيىنى «گۈزەللىك ۋە ساغلاملىقنىڭ شىپالىق دورىسى» دەپ قارايدۇ.
ئېلىمىزدە داڭلىق چايلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا مەشھۇر بولغان ئون چوڭ داڭلىق چاي بار: يەنى ئۇلار شىخۇ كۆلىنىڭ «لۇڭ جىڭ» چېيى، تەي خۇ كۆلىنىڭ بىلوچۈن چېيى، سىچۇەن ئېميشەن تېغىنىڭ جۇ يېچىڭ چېيى، خۇاڭ شەن تېغىنىڭ ماۋ فىڭ «چېيى، خۇنەننىڭ جۈنشەن يىڭجىن چېيى، ئەنخۇينىڭ چىمىن خۇڭچا قىزىل چېيى ۋە ليۇئەن گۇاپيەن چېيى، خېنەننىڭ شىن ياڭ ماۋجيەن چېيى، گۈيجۇنىڭ دۇيۈن ماۋجيەن ۋە ۋۇيى يەنچا چېيى فۇجيەننىڭ جەنۇبىدىن چىقىدىغان تېگۇەنيىڭ چېيى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئەجدادلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا چاي دەرىخىنىڭ پەقەت چاي دەرىخى ئۇرۇقى ئارقىلىقلا ئەۋلاد قالدۇرىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ بىلگەن. شۇڭا، قەدىمكى دەۋرلەردە توي-تۆكۈنلەردە چاي تويلۇق قىلىنغان؛ چاي گۈلىنى چىرايلىق قىزلارنىڭ ئىسمى قىلىپ قوللانغان؛ چاي دەرىخىنى چىن مۇھەببەت ۋە مەڭگۈلۈك دوستلۇقنىڭ سىمۋولى قىلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.