ياشانغانلارغا دورا ئىشلىتىش

ياشانغانلارغا دورا ئىشلىتىش
  دورا كېسەللىككە قارشى تۇردىغان مۇھىم ۋاستە. ئۇنى توغرا ۋە مۇۋاپىق ئىشلەتسە ، كېسەلنى ساقايتىدۇ ، ئەگەر ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا ، سالامەتلىككە زىيىنى كۆپ ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياشانغانلارغا دورا ئىشلىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقاتلار ئېلىپ بارماقتا .


ئۇيغۇرچە ئىسمى ياشانغانلارغا دورا ئىشلىتىش
خەنزۇچە ئاتىلىشى
老年人用药

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياشانغانلارغا دورا ئىشلىتىشدورا كېسەللىككە قارشى تۇردىغان مۇھىم ۋاستە. ئۇنى توغرا ۋە مۇۋاپىق ئىشلەتسە، كېسەلنى ساقايتىدۇ، ئەگەر ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا، سالامەتلىككە زىيىنى كۆپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياشانغانلارغا دورا ئىشلىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقاتلار ئېلىپ بارماقتا. ياشانغانلارىڭ ھەر قايسى ئەزالىرى بولۇپمۇ مېڭە، يۈرەك ، جىگەر، ئۆپكە ۋە بۆرەكلەرنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان بولۇپ ،دورىلارغا بولغان چىداملىقى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، ياشانغانلاردا كۆپ خىل كېسەل بىرگە قوشۇلۇپ كېلىپ، ئىشلەتكەن دورا تۈرى كۆپ ھەم ئىشلەتكەن ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا، ئازراقلا بىخۇدلۇق قىلغاندا دورىدىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

         1. دورىنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك. دورىنىڭ باھاسى قانچە يۇقىرى ، مىقدارى قانچە كۆپ بولسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ دىگەن كۆز قاراش خاتا . يەنە بىرنەچچە خىل دورىنى بىراقلا ئىچمەسلىك كېرەك . ئەگەر بىر خىل دورا بىلەن ساقىيىدىغان كېسەلگە ھەرگىز ئىككى خىل دورىنى قوشماسلىق ، يېگىلى بولدىغان دورا بولسا ، ھەرگىز ئوكۇل قىلىپ سالماسلىق ، شۇنىڭدەك بېخەتەر بولغان دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك .

        2. دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك . بۇرۇنقىلارنىڭ دىيىشىچە ، ھەرخىل دورا زەھەردۇر . بۇ گەپىڭ مەلۇم مەنىسى بار . ياشانغانلارغا دورا ئىشلەتكەندە دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىگە دېققەت قىلىش كېرەك . بەزى دورىلار ئاڭلاش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزسە ، بەزىلىرى يىلىكنىڭ قان ئىشلەش رولىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ . ھەتتا كېسەللەر كېسەللىكتىن ئەمەس بەلكى ئىشلەتكەن دورىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ .

        3.دورا ئىشلەتكەندە مىقدارىنى كونتىرول قىلىش كېرەك . ئازلىقتىن تەدرىجىي كۆپەيتىش . بەك چوڭ مىقتاردا ئىشلەتمەسلىك كېرەك . شۇڭا ئىمكانقەدەر دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە دورا ئىشلىتىش كېرەك .

        4. دورىلارنى قالايمىقان ئىچىۋەرمەسلىك كېرەك. بەزىلەر ئېلانلاردا ياخشى دەپ ماختالغان دورىلارنى ئىچىۋېرىدۇ . بۇنداق ماختالغان دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىر بولىدۇ . مەسىلەن : بۇرۇن قاناش ، ئاشقازان قىززىش ۋە ئاغرىش قاتارلىقلار .

        5. ياشانغانلار كېسەل بولسا ، ساقىيىشى ئاستا بولغانلىقتىن دورا ئىچىشتىن باشقا يېمەكلىككە دېققەت قىلىش ، دەم ئېلىش ، چېنىقىپ بېرىش كېرەك .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#