چۈنچە

تۇرپاننىڭ كىشمىش ئۈزۈمى ئۆزىنىڭ شېرىن تەمى، پوستىنىڭ نېپىزلىكى، مەھسۇلاتىنىڭ يۇقىرىلىقى، ھەممىدىن بۇرۇن پىشقانلىقى، بولۇپمۇ قۇرۇتۇلۇپ ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا بولىدىغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.

ئۇيغۇرچە نامى چۈنچە
خەنزۇچە نامى 春吉

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چۈنچەتۇرپاندا شەھەر سىرتىدىكى ئېگىز يەرلەرگە، ئۆگزىلەرگە سېلىنغان تۆت تېمى كۈنگۈرىلىك ئۆيلەر كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ ئۆيلەر ئۈزۈم قۇرۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ «چۈنچە» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنچە ئومۇمەن شامال ئۇرۇپ تۇرىدىغان يەرلەرگە سېلىنىدۇ. چۈنچىنىڭ تۆت تېمى مەلۇم ئۆلچەمدە تۆشۈك بولۇپ، تېمىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ-تۆت مېتر ئەتراپىدا بولىدۇ، ئۈستى ياپما بولىدۇ. چۈنچىنىڭ ئىچىگە بويىدىن بويغا بادرا ئورنىتىلىدۇ. بادرىلارغا تۆشۈك تېشىلىپ قوزۇق قېقىلىدۇ. بۇ قوزۇق «تىكەن» دەپ ئاتىلىدۇ(تۇرپاننىڭ بەزى يەرلىرىدە بولسا «چاققا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) .

ئۈزۈم قۇرۇتۇشئۈزۈم پىشقاندا (8-ئاينىڭ 15-كۈنلىرىدىن باشلاپ) مەخسۇس ئۇستىلار تەرىپىدىن ئۈزۈم ساپىقى بىلەن ئاشۇ تىكەنگە ئېسىلىدۇ. ئۈزۈم قىرىق-ئەللىك كۈندە قۇرۇيدۇ. ئۈزۈم قۇرۇغاندا تىكەننى سىلكىگەندە ئۈزۈم يەرگە تۆكۈلىدۇ. ئۈزۈم قۇرۇغاندا تىكەننى سىلكىگەندە ئۈزۈم يەرگە تۆكۈلىدۇ. ئۈزۈم سايە يەردە، شامالدا قۇرۇيدىغانلىقى ئۈچۈن رەڭگى يېشىل، سۆسۈن بولىدۇ. بۇ خىل ئۈزۈمنى ئۇزاق ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ. بىر چۈنچىدە بىرەر يۈز، ئىككى يۈز، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق تىكەن بولىدۇ. تىكەنگە قاراپ بىر چۈنچىدىن قانچىلىك ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. دېمەك، «چۈنچە» تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#