ھەيز كۆپ كېلىش

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىياتقۇدىن كۆپ مىقداردا ياكى ئۇزۇنغىچە قان كېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى ھەيز كۆپ كېلىش
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 月经过多
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1.تۇخۇمدان خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

تۇخۇمداننىڭ خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى، تۇخۇمداندا تۇخۇم پۈۋەكچىسى پەيدا بولۇپ، تەرەققىي قىلىدۇ، لېكىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇخۇم پۈۋەكچىسى يېتىلىش باسقۇچىدىلا توختاپ قالىدۇ ۋە تۇخۇم سىرتقا چىقىرىلمايدۇ. نەتىجىدە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھامىلىدارلىق ھورمۇنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. يەنە بىر خىلى، تۇخۇمداندا تۇخۇم پۈۋەكچىسى پەيدا بولۇپ، نورمال تەرەققىي قىلىدۇ، تۇخۇممۇ چىقىرىلىدۇ، سېرىق تەنچىمۇ پەيدا بولىدۇ، لېكىن سېرىق تەنچىنىڭ خىزمىتى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن سېرىق تەنچە بەك بالدۇر چېكىنىدۇ ياكى ئۇزاققىچە چېكىنمەسلىك بىلەن ھەيز كۆپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. قان خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قان خىلىتى كۆپىيىپ كەتكەندە، بۇنىڭغا ماس ھالدا قان سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ مىقدارىدىمۇ كۆپىيىش يۈز بېرىپ، بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا جۈملىدىن بالىياتقۇغا يېتىپ بارىدىغان قان سۇيۇقلۇقىنىڭ بىرلىك مىقدارى ئارتىپ كېتىدۇ. ھەر ئايدا بىر قېتىم بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى تۈكۈلۈپ، بىر قىسىم قىلدام قان تومۇرلار يېرىلىپ قانىغاندا ئارتىپ كەتكەن قان خىلىتى جۈملىدىن قان سۇيۇقلۇقىمۇ ھەيز شەكلىدە چىقىرىلغانلىقتىن، ھەيز مىقداردا ئەسلىدىكى نورمال ھالەتتىن كۆپىيىپ، ھەيز كۆپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. بالىياتقۇدىكى تۇغما غەيرىييلىكلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

قوش بالىياتقۇ، قوش بۇلۇڭلۇق بالىياتقۇ قاتارلىق بالىياتقۇنىڭ تۇغما غەيرىييلىكلىرىدە بالىياتقۇ ئىچكى دىۋارىنىڭ دائىرىسى كەڭ بولغانلىقتىن، ھەر قېتىمدا ھەيز مەزگىلى كەلگەندە تۈكۈلۈپ چۈشىدىغان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ دائىرىسىمۇ كەڭ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەيز مىقدارى ئەسلىدىكى نورمال ھالەتتىن كۆپىيىپ، ھەيز كۆپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بالىياتقۇ مۇسكۇلى ئارىلىق ئۆسمىسى ۋە شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسىدە بالىياتقۇ دىۋارىنىڭ ئىچكى يۈزى كېڭىيىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە بالىياتقۇنىڭ رېفلېكسلىق قىسقىرىپ-بوشىشىش ھەرىكىتى ئۆسمىنىڭ تەسىرىدە تېخىمۇ كۈچىيىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ كۆپلەپ تۈكۈلۈشى ۋە قىلدام قان تومۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېرىلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەيز قېنىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەيز مەزگىلىدىكى جىنسىي ئەزالاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر ياكى تۈرلۈك مېخانىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن راك ئۆسمىسىدە قاناش بولغانلىقتىن ھەيز كۆپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. پاسسىپ روھىي ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل پاسىپ روھىي غىدىقلار (غەم-ئەندىشە، قورقۇش، جىددىيلىشىش، چارچاش، مۇھىت ئۆزگۈرىشنىڭ تەسىرى قاتارلىقلار) نىڭ تەسىرىدە چوڭ مېڭىنىڭ جۈملىدىن نېرۋا مەركىزىنىڭ تەڭشەش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، ھەيز كۆپ كېلىش كېلىپ چىقىدۇ.

ھەيز مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ. تۇخۇم چىقارماسلىق تىپىدىكى ھەيز كۆپ كېلىشتە، بىر مەزگىل ھەيز توختاپ، ئاندىن بىرقەدەر كۆپ مىقداردا قانايدۇ، ئۇدا ئون نەچچە كۈندىن 2-1 ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، مىقدارى بەزىدە كۆپ، بەزىدە ئاز بولىدۇ. تۇخۇم چىقىرىش تىپىدىكى ھەيز كۆپ كېلىشتە سېرىق تەنچە بالدۇر چېكىنگەنلەردە ھەيز دەۋرلىكى قىسقىرايدۇ، لېكىن ھەيز بەك ئاز ياكى بەك كۆپ كېلىدۇ. سېرىق تەنچىنىڭ يېتىلىشى تولۇق بولمىغاندا ھەيز مەزگىلى ئۇزىراپ، توختىماي كېلىۋېرىدۇ. ھەيز مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ئوخشاش بولمايدۇ، قان ئىشلىگۈچى ئەزالار خىزمىتى كۈچىيىش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان بولسا، كۆپىنچە قان كۆپ ۋە ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ. ھەيز كۆرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان ۋاقىتلاردا ۋاقىتسىز ھەيز كېلىش، توختاش ۋاقتىدا توختىماسلىق سەۋەبىدىن جىنسىي يولدىن قان كېلىش «خۇن تەۋرەش» دەپ ئاتىلىدۇ. بالاغەتكە يەتكەن دەۋرىدە تەرتىپسىز قان كەلسە، بۇ تۇخۇمدان خىزمىتىنىڭ تېخى تولۇق تەڭشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە تەرتىپسىز قان كەلسە، بۇ تۇخۇمدان خىزمىتىنىڭ چېكىنگەنلىكى سەۋەبىدىن ياكى تۇخۇمدان خىزمىتى تەرتىپسىزلىنىشتىن كېلىپ چىققان قان كېلىش بولىدۇ. فۇنكسىيىسى قالايمىقانلىشىش خاراكتېرلىك بالىياتقۇ قاناشنىڭ كلىنكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە تىپلارغا ئايرىلىشى ئالاھىدىلىكى تۇخۇم چىقارماسلىق تىپىدىكى فۇنكسىيىلىك قاناش تۇخۇم چىقىرىش تىپىدىكى فۇنكسىيىلىك قاناش سېرىق تەنچە تولۇق يېتىشمەسلىك سېرىق تەنچە تولۇق يېتىشمەسلىك ياش قۇرامى ياشلىق ۋە ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ ھەيزدەۋرلىكى بەلگىلىك قانۇنىيىتى بولمايدۇ. ھەتتا ھەيز قىسقا ۋاقىت توختايدۇ دەۋرى قىسقىرايدۇ، لېكىن يەنىلا بەلگىلىك قانۇنىيىتى بولىدۇ نورمال ھەيزكېلىشدەۋرى ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىردەك بولمايدۇ. ئۇزۇنلىرى 1~2 ئايغىچە بولىدۇ كۆپىنچە نورمال ھەيز دەۋرى ئۇزىراپ، ئادەتتە 8 كۈندىن ئاشىدۇ ھەيز مىقدارى بەزىدە كۆپ، بەزىدە ئاز، ھەتتا كۆپ مىقداردا بولىدۇ نورمال ياكى بەزىدە كۆپ، بەزىدە ئاز بولىدۇ ئاز-كۆپلۈكى مۇقىم بولمايدۇ، توختىماي كېلىپلا تۇرىدۇ ھامىلى-دارلىق تارىخى تۇغمايدۇ تۇغمايدۇ ياكى ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ كۆپىنچە بويىدىن ئاجراشتىن ياكى ۋاقتى توشۇپ تۇغقاندىن كېيىن كۆرۈلىدۇ تۇخۇمداننىڭئۆزگىرىشى تۇخۇم چىقارمايدۇ، تۇخۇمدان ئىچىدە ئوخشىمىغان تەرەققىيات دەۋردىكى تۇخۇم پۈۋەكچىلىرى بولىدۇ تۇخۇم چىقىرىشى نورمال، لېكىن سېرىق تەنچىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا بولۇپ، فۇنكسىيىسى يېتەرلىك بولمايدۇ ياكى بەك بالدۇر يىگلەيدۇ تۇخۇم چىقىرىشى نورمال بولۇپ، سېرىق تەنچىنىڭ يىگلەش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ ئۇنىڭدىن باشقا چاغلاردا قالايمىقان قان كېلىش بولسا، كۆپىنچە بالىياتقۇنىڭ ئىچكى پەردىسى ۋە بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىدا، مونچاق گۆش ئۆسۈپ قالغاندا ياكى تۇخۇمدان، بالىياتقۇدا ياخشى ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولغاندا كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خىلىت ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىلىتقا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر بىللە كۆرۈلىدۇ.

1. بويىدىن ئاجراشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

بۇنىڭدا ھامىلىدار بولغانلىق تارىخى بولىدۇ. بويىدىن ئاجراش كۆرۈلگەندە جىنسىي يولدىن ئۈزلۈكسىز قان كېلىش بىلەن بىرگە تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىيدۇ، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى چوڭ ئېچىلغان بولىدۇ.

2.بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلىدارلىقتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

بۇنىڭدا ھەيز توختاش تارىخى بولىدۇ، تۇيۇقسىز قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىيدۇ، شۇنداقلا جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان كېلىدۇ. ئاغرىش بەك كۈچلۈك بولسا، ھوشسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

3.بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئاق خۇن كۆپىيىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ئاغرىش، تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا غەيرىيي مونەك شەكىللىنىش ئالامەتلىرى بولىدۇ. B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندە، مۇسكۇل ئۆسمىسى رايونى چۆرىسىدە روشەن بولغان ئۇيۇل، تۇتۇق رايون كۆرۈنىدۇ.

توختىماي قان كەلسە، كەم قانلىق يۈز بېرىدۇ. شۇنداقلا ئەزالارغا قان يېتىشمەسلىكتىن بەدەن ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.

1. تۇخۇمدان خىزمىتىدىكى نورمالسىزلىق، قان خىلىتىنىڭ كۆپىيىشى ۋە روھىي جەھەتتىن كېلىپ چىققان بولسا تىنچلاندۇرۇش، قان توختىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.  

2.جىنسىي ئەزالاردىكى غەيرىيلىك، ئۆسمە ۋە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بولغان بولسا، ئەسلى كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ھەيز كۆپ كېلىشقان توختىتىش (ھەيز توختىتىش) ، تىنچلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئەنجىباھار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن؛ قۇرسى كەھرىبا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 دانىدىن؛ بەرشىشا كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 دانىدىن؛ قۇرسى گۈلنار كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 دانىدىن؛ ھەببۇلئاس شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن؛ مەجۈنى سەندەل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ ياكى تۆۋەندىكى دورىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ. سۇفۇپى ھابىس: موزا، سەنگى جاراھەت، يۇلغۇن مېۋىسى، ئاچچىق ئالما قېقى قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ، تالقان تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ. سۇفۇپى كەشنىز: قۇرۇق يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، گىل ئەرمىنى، تاباشىر، سوقۇلغان مارجان، كەھرىۋا، گۈلنار قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 30 گرام، ئاقاقىيا، دارچىن، خام ئېگىر، قىزىل سەندەل قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرام، زەپەردىن بىر گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە سۇفۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامنى 60 مىللىلىتىر ئالما شەربىتى ياكى قايناق سۇ بىلەن بىللە ئىچىشكە بېرىلىدۇ. قان ئازلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە قان تولۇقلاش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ئانار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن؛ ئۈزۈم شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ مەجۈنى خوبىسىل ھەدىيد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 گرامغىچە، ئەرقى مائۇللەھمى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، تۇخۇمدان خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ داۋائىمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، 5 ~ 3 گرامدىن؛ ئامىلە نۇشدارى لوئلۇۋى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ جاۋارىش زەرئونى كۇنى ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە سىڭىدىغان، يەللىك، غىدىقلىغۇچى يېم−ەك-ئىچم−ەكلەردىن پەرھى−ز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ.

3. ھەيز كېلىۋاتقان مەزگىلدە بىمار تىنچ يېتىپ ئارام ئېلىشى، جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

4. بىمارنى روھىي جەھەتتىن داۋالاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، كۆڭلىدىكى غەم-ئەندىشە، ئەنسىرەش، تىت-تىت بولۇشنى يوقىتىپ كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە خاتىرجەملىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1311

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1311

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#