مېيىپلىق

مىيىپلىق ئادەم بەدىنىدىكى مەلۇم بىر ياكى بىر قانچە ئەزانىڭ ئىقتىدارىنى يوقۇتۇپ ، بەدىندىكى فونكىسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن كۆز كۆرەلمەسلىكتىن ئەمالىق، قۇلىقى ئاڭلىماسلىقتىن گاسلىق، ئاۋاز پەردىسى سەۋەبلىك گاچىلىق.

ئۇيغۇرچە نامى مىيىپلىق
ئىنگىلىزچە نامى Handicapped person
خەنزۇچە نامى 残疾

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىيىپلىقمېيىپلىق ئۇقۇمىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مېيىپلىقنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش كىرەك. چۈنكى بۇ بىۋاستە مېيىپلىققا ۋە مېيىپ كىشىلەرگە بولغان تونۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا مېيىپلىق قانداق پەيدا بولغان؟ نىمىشقا جەمئىيەتتە مېيىپلىق ھادىسسى مەۋجۇت؟ بۇ مەسىلىگە نىسپەتەن خەلىقئارادا جەمئىيەت بەدىلى نەزىرىيىسى، بەلگە نەزىرىيىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ چەتكە قېقىش نەزىرىيىسىدىن ئۈچ تۈرلۈك ئاساسىي نەزىرىيە بار.

جەمئىيەت بەدىلى نەزىرىيەسى

بۇ نەزىرىيە بويىچە ئېيىتقاندا مېيىپلىق ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئالغا ئىلگىرلىشى جەريانىدا ساقلانغىلى بولمايدىغان ، ئىنسانلار جەمئىيىتى مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ماددى مەدەنىيەت يارىتىش جەريانىدا چوقۇم تۆلەشكە تىگىشلىك بەدەل ھېسابلىنىدۇ. بۇ نەزىرىيىنى ئاددى قىلىپ تۆۋەندىكىدەك ئىككى نوقتىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىرى توغما مېيىپلارنىڭ پەيدا بولىشى. تۇغما مېيىپلار ئاساسلىقى ھامىلە ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ھەرخىل ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، تاشقى تاساددىبى ھادىسە، مۇھىتتىن بۇلغىنىش، رادىئاتسىيە ،خىمىيىلىك ماددىلار قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا بىر قىسىم كىشىلەر بەلكىم «ئېرسىيەت ئارقىلىق پەيدا بولغان مېيىپلار ئۇنداق ئەمەسقۇ؟» دېيىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بۇنى مېيىپلىقنى ئېرسىيەت قالدۇرغۇچى تەرەپكە قاراپ سۈرۈشتۈرسەك ، مېيىپلىقنى ئېرسىيەت قالدۇغۇچىدىكى مېيىپلىق ئەڭ دەسلەپتە يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئامىللار سەۋەبىدىن پەيدا بولغان. يەنە بىرى غەيرى تۇغما مېيىپلارنىڭ پەيدا بولىشى. نۇرغۇنلىغان مېيىپلار ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئامىللار تۇپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن: ئۇرۇش ، قاتناش ھادىسسسى، داۋالاش ھادىسسى....قاتارلىقلار. يىغىنچاقلىغاندا، مەيلى تۇغما مېيىپ بولسۇن ياكى غەيرى تۇغما مېيىپ بولسۇن ھەممىسى تېگى تەكتىدىن ئېيىتقاندا ئىنسانلار جەمئىيتىنىڭ مەنپەئەتى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ھەم جەمىئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ساقلانغىلى بولمايدىغان چوقۇم تۆلەشكە تىگىشلىك بەدەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىنسانلار قاتناشنى قۇلايلىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن پويىز، ئاپتۇموبىل ،پاراخۇت ۋە ئايروپىلان قاتارلىق ئىلغار قاتناش قۇراللىرىنى كەشىپ قىلدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەرخىل قاتناش ھادىسسى پەيدا بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شۇ سەۋەپتىن مېيىپ كىشىگە ئايلاندى. 

بەلگە نەزىرىيەسى

بۇ نەزىرىيە بويىچە ئېيىتقاندا، جەمئىيەتتە مېيىپلارغا نىسپەتەن ئىنتايىن كۆپ بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش مەۋجۇت بولغانلىقى سەۋەبلىك ، مېيىپلار دائىم باشقىلار تەرىپىدىن «يىتەرلىك ئەمگەك ئىقتىدارى يوق»، «بەدەن شەكلى غەلىتە» دەپ قارىلىپ، مېيىپلارنىڭ  جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.«مېيىپلىق» ئۇلارغا چاپلانغان مەڭگۈلۈك بەلگە بولۇپ قالغان. بۇ نەزىرىيىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ تىپىك مىسال شۇكى جەمئىيەتتە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مېيىپلارنىڭ جىسمانىيىتىدىكى مېيىپلىق سەۋەبىدىن ئۇلارنى ئەمگەك ئىقتىدارى يوق دەپ قاراپ ئۇلارغا خىزمەت پۇرسىتى بېرىشنى خالىمايدۇ ياكى ئۇلارنى ئىتراپ قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېيىپلار چەتكە قېقىلىدۇ.

جەمئىيەتنىڭ چەتكە قېقىش نەزىرىيەسى

بۇ نەزىرىيە مېيىپلىقنى جەمئىيەتنىڭ جىسمانىيىتىدە مېيىپلىق بار كىشىلەرنى مەدەنىيەت ، ئىقتىساد، سىياسى جەھەتتە چەتكە قېقىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ. يەنى دۆلەتكە نىسپەتەن ئېيىتقاندا، دۆلەت ھەر تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزگەن ۋاقىتتا ئاسانلا مېيىپلارنى چەتكە قاقىدىغان ياكى مېيىپلارنى ئويلاشمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.يەككە شەخىسكە نىسپەتەن ئېيىتقاندا ، كىشىلەرنىڭ مېيىپلارغا بولغان تونۇشى توغرا بولمىغانلىقتىن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۇلار بىلەن ئارىلىششنى، بىرگە پائالىيەت قىلىشنى خالىمايدۇ ياكى مېيىپلارنى چەتكە قاقىدۇ. مۇشۇنداق ھەرخىل شەكىلدىكى چەتكە قېقىش سەۋەبىدىن جىسمانىيتىدە مېيىپلىق بار كىشىلەر جەمئىيەتتىكى ئاساسى ئېىقىندىن ئايرىلىپ قالغان بولىدۇ.

يۇقىرقى ئۈچ تۈرلۈك نەزىريىنىڭ ئاساسىي نوقتىنەزىرىنى يىغىنچاقلىغاندا ئۇلار بىر خىل ئورتاقلىققا ئىگە. بۇ ئۈچ نەزىرىيە مېيىپلىقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بىۋاستە ھالدا سىرىتقى سەۋەپكە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ، ھەرگىزمۇ جىسمانىيتىدە مېيىپلىق بار كىشىنىڭ ئۆزىگە باغلاپ چۈشەندۈرمەيدۇ. دىمەك مېيىپلىقتىن ئىبارەت بۇ ھادىسە مېيىپلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن كىلىپ چىققان بولماستىن، بەلكى جەمئىيەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. بۇ مېيىلىقنىڭ پەيدا بولىشىغا نىسپەتەن خەلىقئارا جەمئىيەتتە ئىتراپ قىلىنىغان خۇلاسىدۇر. 

ئىپتىدائى جەمئىيەتتىن تارتىپ تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا قەدەر مېيىپ ئەمەس كىشىلەرنىڭ مېيىپ كىشىلەرگە بولغان تۇنۇشى ھەرخىل شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.بۇ تۇنۇشلارنى ئاساسەن مېيىپلىقنىڭ يەككىلىك تۇنۇشى ۋە مېيىپلىقنىڭ ئىجتىمائى تۇنۇشىدىن ئىبارەت ئىككى نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

مېيىپلىقنىڭ يەككىلىك تونۇشى

بۇ خىل تونۇشتىكىلەر «مېيىپلىقنىڭ جەمئىيەت بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. مېيىپلىقنىڭ سەۋەبى جىسمانىيىتىدە مېيىلىق بولغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە يۈكلىنىشى ، مېيىپ كىشى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك. دۆلەت، جەمئىيەت ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ مېيىپلىق بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ھەمدە ھېچقانداق مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالماسلىقى كىرەك» دەپ قارايدۇ. بۇ تۇنۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بار:

بىرىنچىسى، ئەخلاق جەھەتتىكى ئىپادىلىنىش شەكلى. بۇ ئىپادىلىنىش شەكلى مېيىپلىق ئەخلاققا خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەت بولۇپ، ئەخلاقسىزلىق قىلمىشقا بولغان جازا بولغاچقا، مېيىپلىقتىن كىلىپ چىققان مەسئۇلىيەتنى پەقەت مېيىپ كىشى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك دەپ قارايدۇ.

ئىككىنچىسى، دارۋېنىزىمچىلار شەكلى. بۇ ئىپادىلىنىش شەكلى مېيىپلىقنى ئىنسانلار جەمئىيتى تەرەققىياتىدا چوقۇم كۆرۈلىدىغان نەتىجە دەپ قارايدۇ، يەنى دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريىسىدىكى كۈچلۈكلەر ياشاپ ئاجىزلار شاللىنىدۇ دىگەن كۆزقاراشنى تەكىتلەيدۇ.

ئۈچىنچىسى، سۈپەتلىك تۇغۇش تەلىماتى شەكلى . بۇ شەكىل دارۋېن كۆز قارىشىنىڭ بىر بالداق تەرەققى قىلىشىدىن شەكىللەنگەن كۆز قاراش بولۇپ «جەمئىيەتتە پەقەت ‹ماسلاشقۇچىلار› مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ‹ماسلىشالمىغانلار› شاللىنىدۇ » دەپ قاراپ، مېيىپلارنى سۈپەتلىك تۇغۇشنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك مەھسۇلاتى دەپ قارايدۇ.

تۆتىنچىسى، داۋالاش شەكلى. بۇ شەكىل مېيىپلارنى مەلۇم بىر خىل مۇھىم ئىقتىداردىن مەھرۇم بولغان ئادەم ، مېيىپلار كۆرەلمەيدۇ، ماڭالمايدۇ، ئاڭلىيالمايدۇ...دەپ قارايدۇ. بۇ شەكىل ئاتالمىش «نۇرمال ئادەم»نى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەگەر بۇ ئۆلچەمگە ماس كەلمىسە مېيىپ ھېسابلىنىدۇ.

مېيىپلىقنىڭ ئىجتىمائى تونۇشى 

بۇ تونۇشتىكىلەر « مېيىپلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ مەلۇم بىر قىسمى جەمئىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت،دۆلەت ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ جەمئىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ مېيىپلىق ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار. مېيىپلىق مېيىپ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىسى بولماستىن بەلكى جەمئىيەتنىڭ مەسىلىسى» دەپ قارايدۇ ھەمدە مېيىپلىقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى جەمئىيەتنىڭ مېيىپ كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشى، جەمئىيەتكە ئورتاق قاتنىشىشىغا نىسپەتەن پەيدا قىلغان ھەرخىل تۇسالغۇلارغا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇ تۇنۇشنىڭ ئاساسلىق ئىككى خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بار:

بىرىنچىسى، بېسىم خاراكتىرىدىكى شەكىل. بۇ شەكىلنىڭ تەكىتلەيدىغىنى «مېيىپلار جەمئىيەتتكى پايدىسىز ئورۇندا تۇرىدىغان ئاياللار،بالىلار،ئاز سانلىقلار... دىگەندەك كىشىلەرگە ئوخشاش جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ئېقىمىنىڭ كەمسىتىشىگە، چەتكە قېقىشىغا ئۇچرايدۇ. بۇنداق كەمسىتىش، چەتكە قېقىش ئاخىرىدا مېيىپلارنى روھى ،ئىقتىسادى ، ئىجتىمائى جەھەتتىن تۈرلۈك بېسىملارغا ئۇچرىتىپ، ئاخىرىدا مېيىپلارنىڭ تەرەققى قىلىشىغا، جەمئىيەتتىن ئورتاق بەھرىمان بولىشىغا تۇسالغۇ پەيدا قىلىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت.

ئىككىنچىسى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى شەكلى . بۇ شەكىل مېيىپلارنىڭ جەمئيەتتىكى ئىقتىدارسىزلىق ھالىتى ۋە جەمئىيەت تەرىپىدىن ئاجىز دەپ قارىلىشىدىكى ئاساسى سەۋەپنى مېيىپ ئەمەس كىشىلەر ئۆلچەم قىلىنىپ لايھىلەنگەن جەمئىيەت ۋە مېيىپ ئەمەس كىشىلەر ئۈچۈن يارىتىلغان مۇھىتنىڭ مېيىپلارغا كەلتۈرگەن تۇسالغۇسىغا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. مېيىپلىقنى جەمئىيەت مېيىپ كىشىلەرگە كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ مېيىپلار ئۆزى كەلتۇرۇپ چىقارمىغانلىقىنى، جەمئىيەتتىكى بۇ توسالغۇلارنى يوقاتقاندىلا مېيىپلارنىڭ ئۆزلۈكىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

 تارىخى ساۋاق

مېيىپلار تارىختىن بۇيان جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ، كەمسىتىلىپ كېلىنگەن. تارىخىي ئۇچۇرلاردىن ئايان بولىشىچە مېيىپلارنىڭ چەتكە قېقىلىش تارىخىنى تەخمىنەن بۇندىن 2400 يىللار ئىلگىرىكى دەۋىرلەرگە سۈرۈشكە بولىدۇ. قەدىمكى گىرىتسىيەنىڭ داڭلىق پەيلاسوپى ئەپلاتوننىڭ دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى «غايىۋى دۆلەت» تىمۇ مېيىپلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بار بولۇپ ، ئەپلاتون مېيىپلارنى ئۆزى لايھىلىگەن غايىۋى شەھەر دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرۋېتىشنى ياكى مەخپى بىر تەرەپ قىلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ(«غايىۋى دۆلەت»نىڭ 2013-يىلىدىكى ئۇيغۇرچە نەشىرى 5-جىلىد 226-بەت). مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مېيىپلارنى چەتكە قېقىش ۋە كەمسىتىش ھالىتى تاكى يىقىنقى زاماندا يۈز بەرگە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە داۋام قىلدى. ھەممىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىست گىرمانىيىسى ۋە ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرى ئىنسانلار جەمئىيىتىگە پۈتمەس-تۈگىمەس بالايى-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىپ، نەچچە مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن «سۈپەتلىك تۇغۇش تەلىماتى» دەل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىسىتلار گىرمانىيىسىدە بارلىققا كەلگەن كۆز قاراش بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ناتسىسىتلار گىرمانىيىسى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ناتسىسچىلار ساپ ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئېرىق بەرپا قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ناتسىسىچىلار گىرمانىيىدىكى سۈپەتلىك تۇغۇش تەلىماتى مۇتەخەسىسلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مېيىپلارنى ناتسىسىت ۋە ئىلغار مىللەت قۇرۇپ چىقىشقا نىسپەتەن تەھدىت ۋە تۇسالغۇ دەپ قارىغان ھەمدە مېيىپلارغا نىسپەتەن كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلىش ئېلىپ بارغان.

ھازىرقى تەشەببۇس

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە نەچچە مىليون ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى ، خورلاندى، تەھتىدكە ئۇچرىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىنسانلار جەمئىيىتى بۇ پاجىئەدىن قاتتىق ساۋاق ئېلىپ ، ئىنساننىڭ كىشىلىك قەدرى-قىممىتى، ئىززەت-ھۆرمىتى، غورورىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق ئىتراپ قىلىدىغان، ئورتاق بويسۇنىدىغان بىر تۈزۈمنى بىكىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتى. مۇشۇ مەقسەتتە، 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىنسانلار جەمئىيىتى تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان يەرشارى خاراكتىرلىك خەلقئارالىق تەشكىلات «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« ب د ت» دەپ ئېلىنىدۇ) نى قۇرۇپ چىقتى. 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى «ب د ت » ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى مەزمۇنى بىر قەدەر تولۇق بولغان، ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان خەلىقئارالىق ھۆججەت «دۇنيا ئىنسانى ھوقۇق خىتابنامىسى» نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى. « ب د ت» 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى مېيىپلارغا نىسپەتەن تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاساس قىلغان خەلقئارالىق ھۆججەت  «مېيىپلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» تۈزۈپ چىقىپ يولغا قويدى.شۇنىڭ بىلەن خەلقئارادا مېيىپلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى،ئىززەت ھۆرمىتىنى كاپالەندۈرۈش يېڭى بىر تارىخى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

نۆۋەتتىكى تەشەببۇس

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى تارىخى ساۋاق كېشىلەرنىڭ ئىنسانى ھۇقۇققا بولغان تۇنۇشىنى يەنە بىر قەدەم ئالغا سىلجىتتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن، خەلىقئارادا تىنىچلىق، ئىنسانى ھوقۇق ۋە تەرەققىيات ئاساسى تېمىغا ئايلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنسانى ھوقۇق ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەيدىغان بولۇپ ، مېيىپلارنىڭ كىشىلىك قەدىر قىممىتى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولىشىغا ئىنتايىن قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. بۇ يەردىكى ئىنسانى ھوقۇق ئىنسان پەقەت ۋە پەقەت ئىنسان بولغىنى ئۈچۈنلا بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنى باراۋەرلىك، ئەركىنلىك ۋە ئىنسان قەدىر-قىممىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، مېيىپلار ئىنساندىن تۆرەلگەنلىكى ئۈچۈن ، ئىنسان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ھەمدە ئىنسان ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانى ھوقۇقتىن باراۋەر بەھرىمان بولىدۇ ھەم بەھرىمان بولىشى كىرەك. 

ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش دەۋىرنىڭ ئاساسىي تىمىسىغا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە خەلىقئارا جەمئىيەت مەن يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن مىيپلىقنىڭ پەيدا بولىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ نەزىريىنى ۋە مىيپلىققا بولغان تونۇشنىڭ ئىجتىمائىي تونۇش نەزىريىسىنى تولۇق قۇبۇل قىلدى ھەمدە مېيىپلىققا بولغان تونۇشنىڭ يەككىلىك نەزىريىسىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى. «مېيىپلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» ئىلان قىلىنىپ، مېيىپلار ھوقۇقنى قوغداشنى كۈچلۈك بىر ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.بۇ ئەھدىنامىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن مېيىپلارنى بۇرۇنقىدەك قوغداش سۇبىكتى دەپ قاراپ ئەمەس بەلكى چوقۇم ھوقۇق سۇبىكتى دەپ قاراپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش ۋە قوغداش تەشەببۇسى خەلىقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن بىردەك ئىتراپ قىلىندى. بۇ يەردە ئېيتىلغان قوغداش سۇبىكتى سۈپىتىدە قوغداش «مېيىپلار ئىقتىدارسىز، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، ئۇلار پەقەت ياردەمگە ، قوغداشقا مۇھتاج، شۇڭا بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنى قوغدىشىمىز،ئۇلارغا ياردەم بېرىشىمىز كىرەك،بۇ بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز» دەپ قاراپ تۇرۇپ مېيىپلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھوقۇق سۇبىكتى  سۈپىتىدە قوغداش مېيىپلارنىڭ مېيىپ ئەمەس كىشىلەرگە ئوخشاش ئادەملىكىنى ، ئۇلارنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىمۇ مېيىپ ئەمەس ئادەملەرگە ئوخشاش باراۋەر مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولىشى كىرەكلىكىنى، مېيىپلارنىڭ مېيىپ ئەمەس كىشىلەر بەھرىمان بولىۋاتقان ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىدىن باراۋەلىك ئاساسىدا بەھرىمان بولىشى كىرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

بۇ ئىككى خىل قوغداش شەكلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەمىلى تۇرمۇشتىن ئىككى مىسال ئالايلى: قوغداش سۇبىكتى سۈپىتىدە قوغداشنى ئېلىپ ئىيتساق بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كوچا ئاپتوبوسىغا چىقىمىز، ئاز ساندىكى ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەگەر بىز ئاپتۇبوسنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان ۋاقتىمىزدا بىرەر مېيىپ كىشى ئاپتوبوسقا چىقىپ قالسا بىز ئۆزلىكىمزدىن ئۇ مېيىپ كىشىگە ئورۇن بوشىتىپ بېرىمىز. بۇيەردە مۇنداق بىرنەچچە خىل ئەھۋال مەۋجۇت،يەنى بىز ئۇ مېيىپ كىشىنى كۆرگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كاللىمىزدا ئويلىغىنىمىز ئورۇن بوشىتىپ بېرىشىمىزنى ئەخلاقى مەجبۇرىيىتىم دەپ قارىغانلىقىمىزدىن، ئۆرۈپ ئادەت سەۋەبىدىن ياكى بۇ مېيىپ كىشى ئۆرە تۇرالمايدۇ ياكى ئۆرە تۇرسا ئۇ مېيىپ كىشىگە قۇلايسىز بوپ قالىدۇ دەپ ئويلىغانلىقىمىزدىن بولىشى مۈمكىن . مېنىڭچە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ئۈچىنچى خىل ئەھۋال ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. مانا بۇ خىل ئەھۋال بولسا قوغداش سۇبىكتى بويىچە قوغداشنىڭ ئەمەلى تۇرمۇشتىكى تىپىك ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھوقۇق سۇبىكتى سۈپىتىدە  قوغداشنى ئېلىپ ئىيتساق يۇقىردىكى ئەمەلى مىسالنى ئازراقلا ئۆگەرتسەك ھوقۇق سۇبىكتى بويىچە قوغداشقا تامامەن ئۇيغۇنلىشىدۇ، يەنى سىز كوچا ئاپتوبوسنىڭ ئورۇندىقىدا ئولتۇرغان ۋاقتىڭىزدا بىر مېيىپ كىشىنىڭ ئاپتوبوسقا چىققانلىقىنى كۆردىڭىز، بۇ ۋاقىتتا كاللىڭىزدا ئۇ ئادەممۇ مەن بىلەن ئوخشاش ئادەم، ئورۇن بوششىتىپ بېرىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوق دەپ ئويلاپ ئونىڭغا ئورۇن بوشىتىپ بەرمىدىڭىز، لىكىن تۇساتتىنلا ئۇ مېيىپ كىشى يېنىڭىزغا كىلىپ سىزدىن ئورۇن بوشىتىپ بېرىشىڭىزنى سورىغان ۋاقىتتا،سىز كاللىڭىزدا بۇ مېيىپ كىشى ئەسلى مەن بىلەن ئوخشاش ئىدى، جەمئىيەتتىكى ھەرخىل سەۋەپ تۈپەيلى جىسمانىيىتىدە مېيىپلىق پەيدا بوپتۇ، شۇڭا ئۇنىڭ مەندىن ئورۇن بوشىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭ ھوقۇقى، مىنىڭ ئۇنىڭغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىشىم  مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم دەپ ئويلاپ ئۇ مېيىپ كىشىگە دەرھاللا ئورۇن بوشىتىپ بەردىڭىز، مانا بۇخىل ئەھۋال دەل ھوقۇق سۇبىكتى سۈپىتىدە قوغداشنىڭ ئەمەلى مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا ھوقۇق سۇبىكتى بويىچە قوغداشنىڭ ئاساسلىق ئىددىيە ئاساسى ئىنسانى ھوقۇق تەكىتلەيدىغان باراۋەرلىك، ئەركىنلىك ۋە ئىنسانى ئىززەت ھۆرمەتتىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ قوغداش شەكلى مېيىپلىققا نىسپەتەن بىز باشتا بايان قىلغان مېيىپلىقنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ ئۈچ نەزىريىسىنى (جەمئىيەت بەدىلى نەزىرىيىسى، بەلگە نەزىرىيىسى، جەمئىيەتنىڭ چەتكە قېقىش نەزىرىيىسى) ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، كىشىلەرنىڭ مېيىپلىققا بولغان تۇنۇشىدىكى مېيىپلىقنىڭ ئىجتىمائى تۇنۇش نەزىرىيىسىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن.

يۇرتىمىزدا مېيىپلارنى قوغداش سۇبىكتى سۈپىتىدە قوغداش  مېيىپ ئەمەس كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىپادىللىرى مېيىپلارغا ئىچ ئاغرىتىش، مېيىپلارغا ھېسداشلىق قىلىش، ئۇلارنى تېلۋوزۇرلاردا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ،ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم بېرىش......قاتارلىقلار. مەسىلەن تېلۋوزۇرلاردا بولسۇن،ياكى تورلاردا بولسۇن مېيىپلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئاساسەن دېگۈدەك ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ماختاش، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنى ئېلھاملاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. تاراتقۇلاردىكى بۇ مەسىلىنى يەنە بىر نوقتىدىن ئويلىغاندا ئۇنىڭ ماھىيىتى مانا مەن دەپ ئاشكارىلىنىدۇ. تەشۋىق قىلنغان بۇ مېيىپ ئادەملەرنىڭ قىلغانلىرى ئاساسەن دېگۈدەك باشقا مېيىپ ئەمەس نۇرغۇنلىغان كىشلەر قىلالايدىغان ھەم قىلغان ئىشلاردۇر (ئەلۋەتتە ئاز بىر قىسىم مېيىپ كىشىلەر قىلغان ئىشلار بۇنىڭ سىرتىدا) . ئۇلار پەقەت مېيىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاشۇ ئىشنى قىلغان مېيىپ ئەمەس كىشىلەر تەشۋىق قىلىنماستىن ئەكسىچە مېيىپ كىشىلەر تەشۋىق قىلىنىپ، مېيىپلار باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغان تەشۋىقات قۇرالىغا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ.دىمەك بۇ يەردە ئوخشاش شارائىتتا ئوخشىمىغان ئىككى خىل مۇئامىلە كىلىپ چىقىدۇ،بۇ خىل ھادىسە مېيىپلارغا نىسبىتەن بىر تۈرلۈك كەمسىتىش، ئۇلارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىغا چېقىلىش ھىساپلىنىدۇ. يەنە  نۇرغۇنلىغان ئادەملەر مېيىپ كىشىلەرنى كۆرگەندە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ھېسداشلىق قىلىپ ، ئولارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلىپ كېتىدۇ.بەزىلەر مەلۇم بىر مېيىپ كىشىنىڭ مەلۇم ساھەدە مۇۋاپىقىيەت قازانغىنىنى كۆرگىنىدە ئۇلارغا بەكلا قايىل بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ مېيىپ كىشى مۇۋاپىقىيەت قازانغان شۇ ساھەدە يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن مېيىپ ئەمەس مۇۋاپىقىيەت قازانغان كىشىلەر بولسىمۇ، ئۇلارغا قايىللىقى تۇتماي ئاشۇ مېيىپ كىشىنىڭ مېيىپ تۇرسىمۇ بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە،ئۇنىڭ ئاتالمىش «قەيسەرلىك»ىگە قايىل بولىدۇ.

ئاپتۇنۇم رايونىمىز بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تەرەققى قىلغان رايونلار ۋە باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا مېيىپلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە ئىنتايىن زور پەرىقلەر بار. مەسىلەن، مەن 2012-يىلى شاڭخەيگە بارغاندا بۇنداق بىر ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان. شاڭخەيدە رايونىمىزدىكىگە ئوخشاش باغچا،پەن-تېخنىكا سارىيى ۋە موزېيلار مېيىپلارغا ھەقسىز ئېچىۋىتىلگەن. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى رايونىمىزدا مېيىپلار ھەق ئېلىندىغان باغچا ،پەن-تېخنىكا سارىيى ۋە موزېيلارغا كىرمەكچى بولسا  بىلەت تەكشۈرۈش ئىشىكىدىن «مېيىپلىق كىنىشكىسى»نى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ بىلەت ئالماي ئۆتۇپ كىرىدۇ. شاڭخەيدە بولسا مېيىپ كىشى ئاۋۋال مېيىپلىق كىنىشكىسى ئارقىلىق بىلەت سېتىش كۆزنىكىدىن ھەقسىز كىرىش بېلىتى ئېلىپ، ئاندىن بىلەت تەكشۈرۈش ئىشىكىدىن بىلەت تەكشۈرتۈپ كىرىدىكەن. مېنىڭچە شاڭخەيدىكى بۇ ئەھۋال مېيىپلارنى ھەقىقى ھوقۇق سۇبىكتى سۈپىتىدە قوغداش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان يەنە بىر ئىش 2013-يىلى تەيۋەنگە بارغاندا تەيبېي شەھىرىدە مەيلى قەيەرگىلا بارماي چوقۇم ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر نەپەر چاقلىق ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان مېيىپ كىشىنىڭ ئۆزى يالغۇز پىيادىلەر كوچىىسىدا چاقلىق ئورۇندۇقىنى ھەيدەپ يۈرگەنلىكىنى،مىتروغا چىقىش،ئاممىۋى ئاپتوبوسقا ئولتۇرۇش، بازار ئايلىنىش ، يولدىن كىسىپ ئۆتۈش بولسۇن پەقەت ئۆزى يالغۇز قىينالمايلا ھەممە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. چۈنكى تەيبېي شەھىرىدە مەيلى پىيادىلەر يولى، ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلىرىدا بولسۇن ياكى يولدىن كىسىپ ئۆتۇشتە بولسۇن ھەممىلا يەر تۈز بولۇپ، چاقلىق ئورۇندۇقنىڭ مېڭىشىغا توسالغۇ بولىدىغان پەشتاق شەكىللىك پىيادىلەر يولى ياكى دۇكان، سارايلار ئىشىكىنىڭ بوسۇغۇسى يوق ئىكەن. شەھەر پىلانلاشتا   بۇ خىل ئەھۋال ئالدىن لايھىلەنگەن ياكى بۇرۇنقى يول، بىنالار مۇشۇنداق ئۆزگەرتىپ ياسالغان ئىكەن. كوچا ئاپتوبوسى،مېترو قاتارلىقلاردا ئادەم ناھايىتى كۆپ، قىستى – قىستاڭ بولسىمۇ مەخسۇس ئورۇندۇقلار باشقىلار تەرىپىدىن ئىگەللىۋىلىنمايدىكەن، مېيىپ ئەمەس كىشىلەر مېيىپ كىشىلەرگە ياردەم بېرىشتىن ئاۋۋال ياردەمگە مۇھتاج ياكى ئەمەسلىكىنى ئالدىن سورايدىكەن. بۇنداق ئادىمىيلىكنى ئاساس قىلغان، كىشىنىڭ قەدىر-قىممىتى ھەقىقى ھۆرمەتكە ئېرىشكەن ئىللىق مۇھىتنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلاندىم ۋە چوڭقۇر ئويغا چۆكتۈم .ئۇلارنىڭ مېيىپ كىشىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى خۇددى مېيىپ ئەمەس ئىككى ناتونۇش كىشىنىڭ بىر-بىرىگە قىلغان پوزىتسىيىسىدەكلا بولۇپ، يۇرتىمىزدا بولسا بىرەر مېيىپ كىشىگە يولۇقساق ئۇنىڭغا ئۇزاققىچە قاراپ تۇرۇپ كېتىمىز ، ئۇنىڭغا بەكلا ياردەم بەرگۈمىز كېلىدۇ.

مېيىپلارنىڭ ھوقۇقىنى ھەقىقى كاپالەتلەندۈرۈشتە، ئالدى بىلەن تونۇشنى ئۆستۈرۈش كىرەك. تونۇشنى ئۆستۈرۈش ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرى مېيىپلارنىڭ ئۆزىگە بولغان تونۇشى. يەنە بىرى مېيىپ ئەمەس كىشىلەرنىڭ مېيىپلارغا بولغان تۇنۇشى. بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقىسى مۇھىم ۋە ئاساس ھېسابلىنىدۇ. كونكىرىت قىلىپ ئېيىتقاندا، مېيىپ كىشىلەر ئۆز جىسمانىيتىدىكى مېيىپلىقنى توغرا تونۇشى، ئۆزىنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئادەم ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆز ھوقۇقىنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالماي ئادەتتىكى بولۇشقا تېگىشلىك ئىشتەك  ئاكتىپلىق بىلەن تەشەببۇس قىلالايدىغان بولىشى، بىر سۆز بىلەن ئېيىتقاندا ئۆزىنى ئىتراپ قىلىپ، ئۆزىدىن ھالقىپ ئۆتىشى كىرەك. مېيىپلارنىڭ ئۆزىگە بولغان تونۇشى توغرا بولمىسا جەمئىيەتتە مېيىپلارغا ھەرقانچە مۇكەممەل ، ئادىمىيلىكنى ئاساس قىلغان، كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھۆرمەتكە ئېرىشكەن بىر مۇھىت ھازىرلانسىمۇ،ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەندۈرۈش يەنىلا قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

مېيىپ ئەمەس كىشىلەر ئۆزىنىڭ مېيىپ كىشىلەرگە بولغان تونىشىنى ئۆستۈرۈپ ئۇلارغا باشقا كىشىلەر بىلەن ئوخشاش قاتارىدا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى ، ئۇلارنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىشى كىرەك.شۇنداق بولغاندىلا مېيىپ ئەمەس كىشىلەر مېيىپلارنى كەمسىتمەيدۇ،ئۇلارنى چەتكە قاقمايدۇ، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلمايدۇ،ئۇلارغا ھەددىدىن زىيادە قايىل بولۇپ كەتمەيدۇ،ئۇلارنىڭ ھەرخىل ئىقتىدارلىرىنى ئىتراپ قىلىدۇ،ئۇلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ، شەھەر،تاشيول-كۆۋرۈك،بىنا لايھىلەيدىغان ئىنژىنىرلار لايھىيە قىلغان ۋاقىتتا مېيىپلارنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ، كومپىيوتىر مۇتەخسىسىلىرى يۇمشاق دېتال لايھىلىگەندە،مېيىپلارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ،،،،،،باشقىلارغا قانداق پوزىتسىيە ،قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسا مېيىپلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلدۇ،پەرىقسىز مۇئامىلە قىلىپ مېيىپ كىشىلەر ۋە مېيىپ ئەمەس كىشىلەر ئارىسىدا باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

دىمەك يۇقىرقىدەك مېيىپلار ۋە مېيىپ ئەمەس كىشىلەرنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈشتە، ئىنسانى ھوقۇق ئېڭى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ،چۈنكى ئىنسانى ھوقۇقنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى مېيىپلار بولسۇن ياكى مېيىپ ئەمەسلەر بولسۇن ھەممىسىگە ئوخشاش بولۇپ، ئوخشاش ئۆلچەم باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.  [1][0]

مىيىپلار كۈنى

ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى خەلىقئالىق مىيىپلار كۈنى. بۇ كۈندە مىيىپلارغا كۆڭۈل بولۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.-يىلى خەلىقئاراجەمئىيەتنىڭ مېيىپلارغا بولغان دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن،«بىرلەشكەن دۆلەتلارتەشكىلاتى» قۇرۇلتېيى 1981-يىلىنى «خەلىقئارا مېيىپلار يىلى»قىلىپ بېكىتتى.1992-يىلى 10-ئايدا ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنىنى «خەلىقئارا مېيىپلار كۈنى» قىلىپ بىكىتتى.

1976-يىلى خەلىقئاراجەمئىيەتنىڭ مېيىپلارغا بولغان دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن،«بىرلەشكەن دۆلەتلارتەشكىلاتى» قۇرۇلتېيى 1981-يىلىنى «خەلىقئارا مېيىپلار يىلى»قىلىپ بېكىتتى.1992-يىلى 10-ئايدا ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنىنى «خەلىقئارا مېيىپلار كۈنى» قىلىپ بىكىتتى.

دۆلىتىمزدە 1990-يىلى12-ئاينىڭ 28-كۈنى «مېيىپلارنى كاپالەندۈرۈش قانۇنى» تۈزۈپ، 1992-يىلى 5-ئاينىڭ15-كۈنى رەسمى يولغا قويدى.بۇ قانۇننىڭ 48-ماددىسىدا، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنىنى «مەملىكەتلىك مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى» قىلىپ بېكىتتى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مېيىپلىق ۋە باراۋەرلىك 

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=65384

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

مېيىپلىق ۋە باراۋەرلىك

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=65384

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#