داخې بازىرى

داخې بازىرى

داخې بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قۇمۇل ۋىلايىتىلىك باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى داخې بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 1162.48 كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 大河镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قۇمۇل ۋىلايىتى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى
نوپۇسى 19559 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى dà hé zhèn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

داخې بازىرىداخې بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قۇمۇل ۋىلايىتىلىك بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، جەنۇبى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 15 كىلومېتىر، شەرقتە ناھىيە سۈپەتلىك ئۇرۇقچىلىق مەيدانى بىلەن، بىڭتۇەن خۇڭسەن دېھقانچىلىق مەيدانى، كۇيسۇ بازىرى بىلەن، غەربىي تەرىپى چوڭ قۇلىنچەرى يېزىسى بىلەن، جەنۇبتا قىزىليۇلتۇز 1-بىڭتۇەنى بىلەن، شىمالىي بىلەن باچاڭزى چارۋىچىلىق فېرمىسى، ئوتتۇراكۆل يېزىسى بىلەن تۇتاشقان.

جۇغراپىيىلىك ئورنى شىمالىي كەڭلىك ′43°40— ′43°47، شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′92°58— ′93 °13.

داخې بازىرىداخې بازىرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدا بىر چوڭ بۇلاق بار بولغاچقا، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق دەريا ئارقىلىق نام چىقارغان، مىنگو دەۋرىدە كۆڭۈل ئېچىش يېزىسى دەپ ئاتالغان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە شىمالىي رايون دېيىلگەن، 1956-يىلى يېزا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ داخې يېزىسى قۇرۇلغان، 1958-يىلى ئۆزگەرتىپ، داخې يېزىسى خەلق گۇڭشېسى بولغان، 1985-يىلى، يەنە داخې يېزىسى بولغان، 2002- يىلىغىچە قوللىنىلىپ كەلگەن.

خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ، باركۆل ئۈزلۈكسىز بوز يەر ئاچقان، ھازىرقى داخې بازىرى غول ئۆستەڭ كەنتىنى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئارا تۈرۈك ھەربىي بىر تۇتاش  يىڭ ئورنىنى قەدىمىي شەھىرى ھازىرقى داخې بازىرى غول ئۆستەڭ كەنتىنى يەنىلا ساقلاپ قالغان، چيەنلۇڭ يىللىرىدا، بىپايان مۇنبەت ئېتىزلار بولغان. باركۆل ناھىيەسىدىكى سەككىز مەنزىرىنىڭ بىرى «بوز يەر زىرائەت دۆۋىسىدىكى بۇلۇت» بازارلىق يېزا ئىگىلىك مول ھوسۇلنى ئوبرازلىق قىلىپ ئىپادىلىگەن، ئېگىز ئۇلاق بۇلۇتلارنىڭ يۈكسىلىشىدەك خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.

پۈتۈن بازار قارمىقىدا سەككىز مەمۇرىي كەنت، 45 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار. بازار بويىچە ئائىلە سانى 5706، ئومۇمىي نوپۇسى 19559 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىلەر 184 ئائىلە، نۇپۇسى 120 كىشى، بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەر 58 ئائىلە، نۇپۇسى 67 ئادەم، 12 مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ بازار، ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەر : خەنزۇ 18536 ئادەم، ئۇيغۇر 14 ئادەم، مانجۇ بەش ئادەم، قازاق 1308 ئادەم، زاڭزۇ 2 ئادەم، خۇيزۇ يەتتە ئادەم، تۇزۇ ئۈچ ئادەم، موڭغۇل 274 ئادەم، تۇجيا ئىككى ئادەم، شىبە ئالتە ئادەم، يۈگۇ 4 ئادەم، رۇس 14 ئادەم. نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰ 7.91، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰ 4.27 بولغان.

داخې بازىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1162.48 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 414.14 كۋادرات كىلومېتىر، تۈزلەڭلىك 506.98 كۋادرات كىلومېتىر، سازلىق 29.35 كۋادرات كىلومېتىر، چۆل 196.9 كۋادرات كىلومېتىر.  دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ يۇقىرىسى 3700 مېتىر، ئەڭ تۆۋىنى 1581 مېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1637.6 مېتىر، ئومۇمىي يەر شەكلىنىڭ شەرقى ئېگىز، غەربى پەس، شىمالدىن جەنۇبقا ئاغقان.

داخې بازىرىدا ھازىر بار بولغان يەر بايلىقى: تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 160 مىڭ مو، ھەر يىلى تېرىلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 72 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشلىق زىرائىتى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 55 مىڭ مو، ئارپىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 8000 مو، مايلىق دان، كۆكتات جەمئىي 500 مو، بەرەڭگە 500 مو، يەم-خەشەك تېرىلغۇ كۆلىمى 8000 موغا يەتكەن.

  ئوتلاق كۆلىمى بىر مىليون 240 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي ئوتلاق 1 مىليون 100 مىڭ مو، چاپمىلىق 400 مىڭ مو، ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تۈجۈپىلەپ راۋاجلاندۇرۇشنى سەھنە بىلەن تەمىنلىگەن.

كان بايلىقلىرى مول، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تەبىئىي بايلىقلىرىدىن: كۆمۈر، ئالتۇن، بارىت، سېغىز توپا، شور قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#