ئىنتۇناتسىيە

ئىنتۇناتسىيە

جۈملىلەر تەلەپپۇز قىلغان ۋاقىتىكى ئاۋازنىڭ يوقىرى تۆۋەنلىك، ئۇزۇن قىسقىلىقى، كۈچلۈك-ئاجىزلىق ۋە تىنىش–توختاش قاتارلىق جەھەتلەرىدىكى ئۆزگىرىشنى ئنتوناتسىيە دىيلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئىنتۇناتسىيە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 音调، 语气词
تۈرى تىل-يېزىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۈملىلەر تەلەپپۇز قىلغان ۋاقىتىكى ئاۋازنىڭ يوقىرى تۆۋەنلىك ، ئۇزۇن قىسقىلىقى، كۈچلۈك- ئاجىزلىق ۋە تىنىش –توختاش قاتارلىق جەھەتلەرىدىكى ئۆزگىرىشنى ئنتوناتسىيە دىيلىدۇ.

ھەر قانداق جۈملە سۆزلگۈچىنىڭ بەلگىلىك پۇزوتسيسىنى، ھىسياتىن ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ھەر قانداق بىر جۈملە بەلگىلىك ئنتوناتسىيەگە ئىگە بولىدۇ.سۆزلگۈچى كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرى ۋە ھىسياتىنى، ھەر پوزۇتسىيدە تۇرۇپ تۈرلىك ئنتوناتسىيەلەرنى يۇقىرى-تۆەن ئاھاڭلار بىلەن ئىپدىلەيدۇ. ئاھاڭنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە دائىم جۈملە ۋە جۈملە بۆلەكلىرى ئار تىنچ- توختاش ۋە ئاۋازنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن باغلىنىپ ، جۈملىگە خاس بولغان بىرپۈتۈن ئنتوناتسىيەنى ھاسىل قىلىدۇ.

ئنتوناتسىيە ئادەتتە جۈملىدە ئوينايدىغان رولىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تىنىش ۋە جۈملە ئاھاڭدىن ئىبارەت ئىككى مەزمۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تىنچ (قىسقا توختاش)، پائۇزا

كىشلەر نوتۇقنى بىر جۈملە –بىر جۈملىدىن سۆزلەيدۇ. بىر جۈملىدە مەنە جەھەتتىن باغلىنىپ كەلگەن بىرمۇنچە سۆز، سۆز بىركمىلرى كۆپىنچە ئۇلاپ تەلەپپۇز قىلنىدۇ. مۇنداق بىرلىكلەر ئادەتتە مەنە توپى دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر بىر مەنە توپى ياكى جۈملىلەر ئارىسىدا قىسقا توختاش ياكى تىنچ بولىدۇ.مەنە توپلىرى ياكى جۈملە ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ تىنش- توختاشمۇ ئۇزۇن- قىسقا بولىدۇ. مەسىلەن،

«بىر كىشى ئەپەندىمدىن سوراپتۇ:

-ئەپەندىم،|كىشىلەرEمىلتىقئاتقاندا- \\نىمىشقا Eبىر كۆزىنى قىسۋالىدۇ؟\\

-شۇنىڭغىEئەقلىڭ يەتمىدىمۇ؟\\دەپEجاۋابىرىپتۇEئەپەندىم.\\

-ئەگەرEئىككى كۆزىنىEقىسىۋالسا،\ نىشاننى قانداق كۆرەلەيدۇ؟\\»

  دىمەك، جۈملە ۋە مەنە توپلىرى ئارلىقىدىلى ھەر خىل قىسقا توختاشلار تىنىش دىيلىدۇ. رۇشەن تىنشلار يىزىقتا تىنش بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلنىدۇ. پەش ۋە چىكىتلىك پەشلەر قىسقا تىنشنى ؛چىكىت،سو.ال بەلگىسى ۋە ئۈندەش بەلگىلىرى ئۇزۇن تىنشنى بىلدۇرىدۇ.

 تىنش جۈملە قورۇلمىسىنىڭ قاتلارم مۇناسىۋتى ۋە مەنە ئىوادىلەش بىلەن زىچ باغلىنشلىق بولغاچقا ئۇنىڭ ئورنى توغرا بولمىسا ياكى تىنش ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن – قىسقلىقى مۇۋاپىق بولمىسا، مەنە ئۆزگىرىپ كىتدۇ ياكى چۈشىنىكسىز بولۇپ قالىدۇ.

جۈملە ئاھاڭى (ئىنتوناتسىيسى)

   جۈملە ئاھاڭى ئادەتتە ئىنتوناتسىيە ياكى سۆز ئورامى دەپمۇ ئاتىلدۇ. جۈملە ئاھاڭى بىلەن جۈملە ئۇرغۇسىنىڭ پەرقى شۇ يەردىكى، جۈملە ئۇرغۇسى جۈملدىكى مەلۇم بىر سۆزىنىڭ ئاۋاز يۇقىرلىقغا قارتىلغان،جۈملە ئاھاڭى بولسا، بىر پۈتۈن جۈملە ئاۋازنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىككە قارىتلغان. ئادەتتە جۇملە ئاھاڭى بىر پۈتۈن جۇملىگە سىڭگەن بولىدۇ ھەمدە كۆپنچە جۈملىنڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزىدە ياكى بوغۇمدا رۇشەن ئىپادىلنىدۇ.

   جۈملە ئاھاڭە جانلىق تىلدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ ھىچ بولمىغاندا بىرىنچىدىن،سىنتاكىسلىق رول ئوينايدۇ.ئىككىنچىدىن، ھىسياتنى ئىپادىلەش رولنى ئوينايدۇ.

   جۈملە ئاھاڭنىڭ سىنتاكىسلىق رولىدىن قارىغاندا، سۆزلىگۈچى جۈملە ئاھاڭنىڭ ئۆزگىرشىدىن پايدىنىلىپ، ئادەتتە ئوخشاش لىكسىكلىق ئوخشاش سۆزلەردىن تەركىب تاپقان ئوخشاش مەنىدىكى بىر جۈملىنى مەنە جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشمايدىغان جۈملىلەرگە ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.

   جۈملىلەرنى جۈملە ئاھاڭنڭ ئوخشماسلىقىغا ياكى باشقا ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، بايان جۈملە، سوئال جۈملە ، بۇيرۇق جۇملە، ۋە ئۈندەش جۈملە دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئادەتتە،بايان جۈملە،ئۆتۈنۈش ئىلتىماس مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۈملىلەر پەسلەتمە ئاھاڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.شۇئار چاقىرىق مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۈملە ۋە سوئال جۈملە ئاساسەن، يۇقىرراق ئاھاڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.ئۇندەش جۈملىنڭ ئاھاڭى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئومۇمەن پۈتۈن جۈملە ياكى ھىسياتنى ئىپادىىلىگۈچى سۆزلەر كۆتۈرۈلمە ئاھاڭدا ئىيتىلىدۇ.

   پەسلەتمە ئاھاڭ بىلەن كۆتۈرۈلمە ئاھاڭ جۈملە ئاھاڭىنىڭ ئىككى خىل ئاساس تىپى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.لىكىن تىڭىرىقاش، گۇمانلىنىش، موبالىغەلەشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ياكى يۇشۇرۇن مەنلىىك جۈملىلىەرنى ئىپادىلەشتە دولقۇنسىمان ئاھاڭ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.شۇڭا .ئوخشاش سۆزلەردىن تۈزۈلگەن جۈملىنىڭ ئاھاڭى ئوخشاش بولمىسا مەنىسىمۇ ئوخشاش بولىمايدۇ.مەسىلەن

ئەھمەت قايىتپ كەلدى(بايان)

ئەھمەت قايتىپ كەلدى؟(قايتۇرما جۈملە)

هة، ئەھمەت قايتىپ كەپتۇ –دة!(ئۈندەش)

ئەھمەت قايتىپ كەلسۇن!(بۇيرۇق)

 جۈملە ئاھاڭى جۈملە نەزمۇنى ئىپادىلەش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىم رول ئويناپلا قالماستى، بەلكى يەنى ھىسياتنى ئىپادىلەشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۈملە ئاھاڭنىڭ ھىسياتىنى ئىپادىلەش رولىدىن قارىغاندا،سۆزلىگۈچى جۇملە ئاھاڭدىن پايدىلنىپ، ئۇزىنىڭ بىر قەدەر مۇرەككەپ، نازوك ھىسياتلىرىنى ئىپادىلەش مۇمكىن، مەسىلەن«بۇ ئادەمنىڭ قولىدىن ھەممە ئىش كىلىدۇ»دىگەن جۈملىنى كونكرىت نوتۇق شارائىتىغا قاراپ، ئۆزىگە تىگشلىك جۈملە ئاھاڭى بىلەن ئيتىپ، شۇ كىشىنى ماختاش، شۇ كىشىگە قايىل بولۇش ھىسياتنى بىرلدۇرۇشى مومكىن. ئۇنىڭ ئەكىسچە، كونكىرىت نوتۇق شارائىتىدا يەنە ئۆزىگە تىگىشلىك جۇملە ئاھاڭى بىلەن ئىيتىپ شۇ كىشنى ئەيىپلەش، يامان كۆرۇش ھىسياتىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#