دۇنيادىكى تۇنجى ۋېلىسىپىت
ۋېلىسىپىت − پىدالىنى تېپىش ئارقىلىق ھەركەتلەندۈرۈلىدىغان يېنىك ھەم قولايلىق ئىككى چاقلىق قاتناش قورالى ھېسابلىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋېلىسىپىت − پىدالىنى تېپىش ئارقىلىق ھەركەتلەندۈرۈلىدىغان يېنىك ھەم قولايلىق ئىككى چاقلىق قاتناش قورالى ھېسابلىنىدۇ. ئۆلچەملىك ۋېلىسىپىتكە ئىككى چاق تۈز سىزىقلىق تەكشىلىكتە ۋېلىسىپىت جازىسىغا ئورنىتىلىدۇ، ئالدى چاق ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان رولنىڭ ئوتتۇرىسىغا مۇقىملاشتۇرلىدۇ.
تەخمىنەن 1816-يىلى فرېدرش ۋوندرايىس دەپ ئاتىلىدىغان بىر گېرمانىيىلىك ۋېلىسىپىتكە ئوخشايدىغان بىر ئۈسكۈنە ياساپ چىققان، ئۇنىڭغا ئىككى چاق ئورناتقان بولۇپ، پۇت بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلگەن.
1839-يىلى ئەنگلىيىلىك كەشپىياتچى كىركېپېترك ماكمىران پىدالنى تېپىپ ھەرىكەتلەندۇرۈلىدىغان ھەقىقىي ۋېلىسىپىتنى ئىجاد قىلغان.
بۇ ۋېلىسىپىتلەرنىڭ ھېچقايسىسى ھاقىقىي يوسۇندا ئومۇملاشمىغان. بۇ يەردىكى مەسىلە ئەينى چاغدىكى ۋېلىسىپىتلەردە پىدالنى بىر تەپسە چاقى بىر چۆرگىلەيتتى، شۇڭا پىدال تېپىش ناھايىتى جاپالىق ئەمگەك ئىدى.
1870-يىلىغا كەلگەندە ئەنگلىيىلىك جامېس ستارلېي «ئالدى چاقى چوڭ، كەينى چاقى كىچىك» ۋېلىسىپىت ياساپ چىققان، ئەمما بۇ خىل ۋېلىسىپىتنىڭ مۇقىملىقى ناچار، توختىتىش تەس بولسىمۇ، خېلى ئومۇملاشقان.
1885-يىلىغا كەلگەندە ستارلېي «بىخەتەر ۋېلسىپىت» ياساپ چىققان. بۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك زەنجىر بىلەن ھەرىكەتلەندۇرىلىدىغان ۋېلىسىپىت بولۇپ، بۇ خىل ۋېلىسىپىتنى مىنىش ئاسان، ھېچقانچە كۈچ كەتمەيدۇ، ئەگەر سەل كىچىكرەك چاق ئىشلىتىلسە ۋېلىسىپىتنىڭ مۇقىملىقى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل ۋېلىسىپىت ناھايتى تېز ئومۇملاشقان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.