كېۋەز ئانىسى ئۇرۇقى

كېۋەز ئانىسى ئۇرۇقى

كېۋەز ئانىسى ئۇرۇقى ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، سۈت كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كېۋەز ئانىسى ئۇرۇقى
ئىنگلىزچە seed of Indian Abutilon
چىقىش ئورنى شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن چىقىدۇ.
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق
ئائىلىسى تۈگمىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك
پارسچە نامى دەرخىت شانە
ئوردۇچە نامى كەنگى
ۋاقتى كۈز
باشقا نامى يالغان قاپاق، تۈكچە ئوت، شىتاغغول

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۈگمىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك كېۋەز ئانىسى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، « يالغان قاپاق» ياكى « تۈكچىئوت» قاتارلىق نامدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆسۈش مۇھىتى

ئېتىزلاردا، ھويلىلاردا، يول ياقىلىرىدا ياۋا ھالەتتە ئۆسىدۇ ياكى تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى

ئۈنۈملۈك تەركىبى

نېيتراللىق قەنت، كىسلاتالىق قەنت ۋە پولپىپتىدلىق قەنتتىن تۈزۈلگەن.

ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى بار، تېرىنىڭ سۈمۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

خاس تەسىرى

ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورا

ئەكىس تەسىرى

ھامىلىدار ئاياللارغا ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش لازىم.

تۈزەتكۈچىسى

 ھەسەل، خۇنسىياۋشان

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

 كېۋز ئانىسى ئۇرۇقى سۇفۇپى.

كېسەللىك مىسالى

سۈيدۈك يولى ياللۇغى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، تۇغۇتتىن كېيىنكى سۈت كەلمەسلىك، ئاق خۇن كۆپ كېلىش،قانلىق بوۋاسىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

 1. كېۋەز ئانىسى ئۇرۇقىدىن 20 گرام، ماندارىندىن 12 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. كېۋەز ئانىسى ئۇرۇقىدىن (قورۇلغان) 70 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ھەر قېتىم 8 گرامدىن سېرىق ھاراق بىلەن ئىچىپ بەرسە، تۇغۇتتىن كېيىنكى سۈت كەلمەسلىك، كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. كېۋەز ئانىسى ئۇرۇقىدىن 12 گرام، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن دەملەپ ئىچسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

4. كېۋەز ئانىسى ئۇرۇقىدىن 3 ~ 2 گرامنى سۈت بىلەن بىرگە ئىچسە، ئاق خۇن يۈرۈپ كېتىش، قانلىق بوۋاسىرغا پايدا قىلىدۇ.

كۈزدە ئۇرۇقى تولۇق پىشقاندا يىغىۋېلىنىپ قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=381

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#