پىيما
پپىيما ئۇيغۇر لارنىڭ ئەنئەنىۋى ئاياغ كىيمى، پىيما بەكمۇ ئىسسىق بولۇپ، قەھرىتان قىش كۈنلىرى بەكمۇ راھەت، بولۇپمۇ قار كۆپ ياغىدىغان، سوغۇق قاتتىق بولىدىغان رايونلاردا پىيما ئەڭ ياخشى ئاياغ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پپىيماپپىيما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئاياغ كىيمى، پىيمىنى كىيىش ئوبيېكتلىرىغا ئاساسەن ئەرەنچە، ئايالچە قىلىپ ئىتىشكە بولىدۇ. پىيما بەكمۇ ئىسسىق بولۇپ، قەھرىتان قىش كۈنلىرى بەكمۇ راھەت، بولۇپمۇ قار كۆپ ياغىدىغان، سوغۇق قاتتىق بولىدىغان رايونلاردا پىيما ئەڭ ياخشى ئاياغ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر پىيمىنىڭ تاپىنىغا چەم قويدۇرۇۋالسا ئون يىلدىن ئارتۇق كىيىشكە بولىدۇ.
پپىيما كۈز پەسلىدە قىرقىلغان قوي يۇڭىدا ئىتىلىدۇ. ئەتىياز ياكى ياز كۈنلەردە قىرقىغان قوي يۇڭىدا ئىتىشكە بولمايدۇ. پىيمىچى ئۇستىلار يۇڭنى يۇمشاق ئاتقاندىن كېيىن، يۇڭنى چىغ ئۈستىگە ئۆتۈك شەكلىدە تەكشى سالىدۇ.
ئىچىگە چاپلاشتۇرمايدىغان رەخت سېلىپ يۇڭنى خامداپ بولغاندىن كېيىن قول ئارقىلىق دومىلىتىپ قاتۇرىدۇ. پىيمىنىڭ چىڭ، قاتتىق بولۇشى ئۈچۈن يۇڭغا كىسلاتالىق سۇيۇقلۇق، كۈنجىرا قاتارلىق نەرسىلەر ئارىلاشتۇرىلىدۇ.
ھازىر پىيما تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بەزى جايلاردا مەخسۇس پىيمىچىلىق دۇكانلىرى قۇرۇلغان. ئۇ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرشتە مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەھۋالى، مەدەنىيىتى، ئىستېتىك قاراشلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ رايونىغا كەلگەن بىر قىسىم چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر پىيمىنى چەت ئەللەرگە ئېلىپ چىقىپ تەتقىقات ئويېكتى قىلماقتا.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.