جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى 1986-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىندا يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1986-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 37-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان. 


ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1986-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1987-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国民法通则
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1986-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 37-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئاساسىي پىرىنسىپ

1-ماددا  بۇ قانۇن پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى جەھەتتىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ھەق تەلەپ مۇناسىۋەتلىرىنى توغرا تەڭشەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىنىڭ ئەمەلىيي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا تۈزۈلدى

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى باراۋەر سۇبيېكت بولغان پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى، قانۇنىي ئىگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى، پۇقرالار بىلەن قانۇنىي ئىگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مال-مۈلۈك مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە جىسمانىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدۇ.

3-ماددا  دەۋالاشقۇچىلار ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىدە باراۋەر ئورۇنغا ئىگە. 

4-ماددا  ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىدە ئىختىيار قىلىش، ئادىل بولۇش، تەڭ قىممەتتە ھەق تۆلەش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. 

5-ماددا  پۇقرالار ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇنىي ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

6-ماددا  ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىدە قانۇنغا رىئايە قىلىش شەرت، قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرىدە دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە رىئايە قىلىش لازىم. 

7-ماددا  ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىدە ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش لازىم، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 

8-ماددا  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى تەتبىقىلىنىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

بۇ قانۇننىڭ پۇقرالار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى چەت ئەللىكلەرگىمۇ، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەرگىمۇ تەتبىقىلىنىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

2-باب  پۇقرا (تەبىئىي شەخس)

1-پاراگراف ھەق-تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى

9-ماددا  پۇقرالار تۇغۇلغان ۋاقىتتىن تارتىپ ۋاپات بولغانغا قەدەر ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

10-ماددا  پۇقرالارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى بابباراۋەر بولىدۇ. 

11-ماددا  18 ياشتىن ئاشقان پۇقرالار قۇرامىغا يەتكەنلەردۇر، ئۇلار تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىنى مۇستەقىل ئېلىپ بارالايدىغان، تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەردۇر. 

16 ياشتىن يۇقىرى، 18 ياشتىن تۆۋەن پۇقرالاردىن ئۆزىنىڭ ئەمگەك كىرىمىنى ئاساس قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىرى تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلار، دەپ قارىلىدۇ.

12-ماددا  ئون ياشنىڭ ئۈستىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەردۇر، ئۇلار يېشىغا ۋە ئەقلىگە ماس كېلىدىغان ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشقا ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرى قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ۋاكالەتچىلىكى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ ياكى قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

ئون ياشنىڭ ئاستىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلاردۇر.  ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىنى قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن ئېلىپ بارىدۇ.

13-ماددا  ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغان روھىي كېسەللەر ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلاردۇر، ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىنى قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن ئېلىپ بارىدۇ. 

ئۆز ھەرىكىتىنى تولۇق ئاڭقىرالمايدىغان روھىي كېسەللەر ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەردۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا ماس كېلىدىغان ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشقا ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرى قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ۋاكالەتچىلىكى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ ياكى قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

14-ماددا  ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلارنىڭ ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرىدۇر.

15-ماددا  پۇقرالارنىڭ نوپۇسى ئېلىنغان ئورۇندىكى تۇرۇشلۇق جايى ئولتۇرۇشلۇق جايى بولىدۇ، دائىم تۇرۇشلۇق جايى بىلەن ئولتۇرۇشلۇق جايى بىر جاي بولمىسا، دائىم تۇرۇشلۇق جايى ئولتۇرۇشلۇق جايى دەپ قارىلىدۇ.

2-پاراگراف ۋەسىيلىك

16-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ ۋەسىيسى بولىدۇ. 

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ياكى ۋەسىيلىك ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، ۋەسىيلىكنى ۋەسىيلىك ئىقتىدارىغا ئىگە تۆۋەندىكى كىشىلەر ئۈستىگە ئالىدۇ: 

(1)  بوۋىلىرى، مومىلىرى؛

(2) ئاكىلىرى، ئاچىلىرى؛

(3)  ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغان مۇناسىۋىتى يېقىن باشقا تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىشلەيدىغان ئورۇن ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ماقۇل كۆرگەنلەر.

ۋەسىيلىك قىلىندىغانلار ئۈستىدە تالاش-تارتىش تۇغۇلسا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىشلەيدىغان ئورۇن ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئىچىدىن ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىدۇ. بەلگىلەپ بېرىلگەن ۋەسىيگە قايىل بولماي دەۋا قىلغۇچىلار بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم قىلىدۇ. 

1-ۋە 2-تارماقتىكى بەلگىلىمىگە چۈشىدىغان ۋەسىيلىرى يوقلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىشلەيدىغان ئورۇن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋەسىيلىك قىلىدۇ

17-ماددا  ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن روھىي كېسەللەرگە تۆۋەندىكى كىشىلەر ۋەسىيلىك قىلىدۇ:

(1) جورىسى؛

(2) ئاتا-ئانىسى؛

(3) قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنىتلىرى؛

(4) باشقا يېقىن تۇغقانلىرى؛

(5) ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغان مۇناسىۋىتى يېقىن باشقا تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىدىن روھىي كېسەللەر ئىشلەيدىغان ئورۇن ياكى روھىي كېسەللەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى ماقۇل كۆرگەنلەر. 

ۋەسىيلىك قىلىندىغانلار ئۈستىدە تالاش-تارتىش تۇغۇلسا، روھىي كېسەللەر ئىشلەيدىغان ئورۇن ياكى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئىچىدىن ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىدۇ. بەلگىلەپ بېرىلگەن ۋەسىيگە قايىل بولماي دەۋا قىلغۇچىلار بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم قىلىدۇ. 

1-تارماقتىكى بەلگىلىمىگە چۈشىدىغان ۋەسىيلىرى يوقلارغا روھىي كېسەللەر ئىشلەيدىغان ئورۇن ياكى روھىي كېسەللەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋەسىيلىك قىلىدۇ. 

18-ماددا  ۋەسىي ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ئۆزىنى، مال-مۈلكىنى ۋە باشقا قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى نېرى-بېرى قىلىشقا بولمايدۇ. 

ۋەسىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەن ۋەسىيلىك ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

ۋەسىيلەردىن ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ياكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ۋەسىينىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىسا بولىدۇ.  

19-ماددا  روھىي كېسەل بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە روھىي كېسەلنى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن دەپ، جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن، دەپ جاكارلانغۇچىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىغا قاراپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ياكى ئۇنىڭ بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن دەپ ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى تولۇق دەپ جاكارلىسا بولىدۇ. 

3-پاراگراف يوقاپ كەتكەنلىكنى ۋە ئۆلگەنلىكنى جاكارلاش 

20-ماددا  ئىز-دېرىكى ئىككى يىلغىچە مەلۇم بولمىغان پۇقرانى يوقاپ كەتكەن كىشى دەپ جاكارلاش توغرىسىدا، ئۇنىڭ بىلەن مەنپەئەتدار كىشى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.   

ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ يوقاپ كەتكەن ۋاقتى ئۇرۇش ئاياغلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

21-ماددا  يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ئۇنىڭ جورىسى، ئاتا-ئانىسى، قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنىتلىرى ياكى مۇناسىۋىتى يېقىن باشقا تۇغقانلىرى، دوستلىرى ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ.  ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئۈستىدە تالاش-تارتىش تۇغۇلغاندا، يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە چۈشىدىغان ئادىمى بولمىسا ياكى يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە چۈشىدىغان ئادىمىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا قۇربى يەتمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلىگەن كىشى ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ

يوقاپ كەتكەن كىشىنىڭ قەرز قالغان باج پۇلىنى، قەرزىنى ۋە تۆلەشكە تېگىشلىك باشقا چىقىملىرىنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى ئۇنىڭ مال- مۈلكىدىن تۆلەيدۇ. 

22-ماددا يوقاپ كەتتى، دەپ جاكارلانغان كىشى پەيدا بولۇپ قالسا ياكى ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى ئېنىق مەلۇم بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى يوقاپ كەتتى دەپ چىقارغان ئېلاننى شۇ كىشىنىڭ ياكى شۇ كىشى بىلەن مەنپەئەتدار كىشىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە بىكار قىلىشى كېرەك.  

23-ماددا  تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن پۇقرانى ئۆلگەن، دەپ جاكارلاش توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن مەنپەئەتدار كىشى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ:

(1) ئىز-دېرىكى تۆت يىلغىچە مەلۇم بولمىغان؛

(2) كۈتۈلمىگەن ۋەقە يۈز بېرىپ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكىنىگە شۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن باشلاپ ئىككى يىل توشقان. 

ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ يوقاپ كەتكەن ۋاقتى ئۇرۇش ئاياغلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. 

24-ماددا  ئۆلدى دەپ جاكارلانغان كىشى پەيدا بولۇپ قالسا ياكى ئۇنىڭ ئۆلمىگەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى ئۆلدى، دەپ چىقارغان ئېلاننى شۇ كىشىنىڭ ياكى شۇ كىشى بىلەن مەنپەئەتدار كىشىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە بىكار قىلىشى كېرەك.

ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى بار كىشىنىڭ ئۆلدى، دەپ جاكارلانغان مەزگىلىدە ئېلىپ بارغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

25-ماددا  ئۆزى ئۈستىدە ئۆلدى دەپ چىقىرىلغان ئېلان بىكار قىلىنغان كىشى مال-مۈلكىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. مىراس قـانـۇنى بويىچە ئۇنىڭ مال-مۈلكىگە ئىگە بولغان پۇقرا ياكى تەشكىلات شۇ مال-مۈلۈكنىڭ ئۆزىنى قايتۇرۇپ بېرىشى، مال-مۈلۈكنىڭ ئۆزى بولمىسا، ئۇنى مۇۋاپىق يول بىلەن تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

4-پاراگراف يەككە سودا-سانائەتچىلەر يېزىلاردىكى ھۆددىگەر تىجارەتچىلەر 

26-ماددا  پۇقرالاردىن قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە قانۇن بويىچە تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالىدۇرغاندىن كېيىن، سودا-سانائەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار يەككە سودا-سانائەتچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  يەككە سودا- سانائەتچىلەر ئۆز دۇكىنىغا ئىسىم قويسا بولىدۇ.

27-ماددا  يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىدىن قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە، ھۆددىگەرلىك توختامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تاۋار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار يېزىلاردىكى ھۆددىگەر تىجارەتچىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

28-ماددا  يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ، يېزىلاردىكى ھۆددىگەر تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. 

29-ماددا  يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ، يېزىلاردىكى ھۆددىگەر تىجارەتچىلەرنىڭ قەرزى شەخسىي تىجارەت قىلغانلارغا تەئەللۇق بولسا، شەخسنىڭ مال-مۈلكىگە يۈكلىنىدۇ، ئائىلە بويىچە تىجارەت قىلغانلارغا تەئەللۇق بولسا، ئائىلىنىڭ مال-مۈلكىگە يۈكلىنىدۇ. 

5-پاراگراف شەخسلەر شېرىكچىلىكى

30-ماددا  شەخسلەر شېرىكچىلىكى ئىككىدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ كېلىشىم بويىچە مەبلەغ، ماددىي نەرسە، تېخنىكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى چىقىرىپ شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىشىنى، بىللە ئەمگەك قىلىشىنى بىلدۈرىدۇ. 

31-ماددا  شېرىكلەشكۈچىلەر قانچىلىك مەبلەغ قوشۇش، ئاشقان پايدىنى تەقسىم قىلىش، قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش، شېرىكچىلىككە قاتنىشىش، شېرىكچىلىكتىن چىقىپ كېتىش، شېرىكچىلىكنى توختىتىش قاتارلىق ئىشلار بويىچە يازما كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك. 

32-ماددا  شېرىكلەشكۈچىلەر قوشقان مال-مۈلۈكنى شېرىكلەر بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىلىدۇ. 

شېرىكچىلىك تىجارىتىدىن يىغىلغان مال-مۈلۈككە شېرىكلەشكۈچىلەر تەڭ ئىگە بولىدۇ. 

33-ماددا شەخسلەر شېرىكچىلىكى ئۆزىگە ئىسىم قويۇپ، قانۇن بويىچە تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالىدۇرغاندىن كېيىن، تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالىدۇرغان تىجارەت دائىرىسى ئىچىدە تىجارەت قىلسا بولىدۇ. 

34-ماددا  شەخسلەر شېرىكلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان تىجارەت پائالىيەتلىرىنى شېرىكلەشكۈچىلەر بىرلىكتە قارار قىلىدۇ، شېرىكلەشكۈچىلەر ئۇنى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. 

شېرىكلەشكۈچىلەر مەسئۇل كىشى قويسا بولىدۇ. شېرىكچىلىككە مەسئۇل كىشىنىڭ ۋە باشقا خادىملارنىڭ تىجارەت پائالىيىتى ئۈچۈن شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

35-ماددا  شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش جاۋابكارلىقىنى شېرىكلەر ئۆزلىرى قوشقان مەبلەغنىڭ نىسبىتىگە قاراپ ياكى كېلىشىمگە ئاساسلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ مال-مۈلكى بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ.

شېرىكلەشكۈچىلەر شېرىكچىلىكتىكى قەرزى ئۈچۈن چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ قەرزىنى ئۆزىگە تېگىشلىكىدىن ئارتۇق تۆلىگەن شېرىك ئۇنى باشقا شېرىكلەردىن ئۈندۈرۈۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

3-باب  قانۇنىي ئىگە

1-پاراگراف ئومۇمىي بەلگىلىمە

36-ماددا  قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھوقۇق ئىقتىدارىغا ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن مۇستەقىل بەھرىمەن بولىدىغان ۋە ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدىغان تەشكىلاتتۇر. 

قانۇنىي ئىگىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى قانۇنىي ئىگە ۋۇجۇدقا كەلگەندە بارلىققا كېلىدۇ، قانۇنىي ئىگە ئىشتىن توختىغاندا يوقىلىدۇ.

37-ماددا  قانۇنىي ئىگىدە تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك:

(1) قانۇن بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇشى؛

(2) زۆرۈر مال-مۈلكى ياكى خىراجىتى بولۇشى؛

(3) نامى، تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە ئورنى بولۇشى؛

(4) ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇشى. 

38-ماددا  قانۇن بويىچە ياكى قانۇنىي ئىگىنىڭ تەشكىلىي نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قانۇنىي ئىگىگە ۋاكالىتەن خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان مەسئۇل كىشى قانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ. 

39-ماددا  قانۇنىي ئىگە ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئىش بېجىرىش ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاينى ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق ماكانى قىلىدۇ. 

40-ماددا  قانۇنىي ئىگە ئىشتىن توختىغاندا، قانۇن بويىچە ھېساب-كىتاب قىلىشى، ھېساب-كىتاب دائىرىسىگە كىرمەيدىغان پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى كېرەك. 

2-پاراگراف كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە

41-ماددا  مەبلەغ مىقدارى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تەشكىلىي نىزامنامىسى، تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە ئورنى بولغان، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالالايدىغان ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانا ۋە كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانا مەسئۇل ئورگانغا تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالىدۇرغاندىن كېيىن، قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدە قۇرۇلغان جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىدىن ۋە چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلاردىن قانۇنىي ئىگە بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغانلىرى قانۇن بويىچە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالىدۇرغاندىن كېيىن، جۇڭگودىكى قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

42 -ماددا  كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالىدۇرغان تىجارەت دائىرىسىدە تىجارەت ئېلىپ بېرىشى لازىم. 

43-ماددا  كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئۆزىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ۋە باشقا خادىملىرىنىڭ تىجارەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

44-ماددا  كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە بۆلۈنسە، بىرلەشسە ياكى ئۆزىدە باشقا مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولسا، تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىمغا ئالىدۇرۇشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى لازىم. 

كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە بۆلۈنسە، بىرلەشسە، ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىنكى قانۇنىي ئىگە ئۇنىڭ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

45-ماددا  كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە تۆۋەندىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىشتىن توختايدۇ: 

(1) قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛

(2) تارقىلىپ كەتكەن بولسا؛

(3) قانۇن بويىچە ۋەيران بولغان كارخانا دەپ جاكارلانغان بولسا؛

(4) باشقا سەۋەبلەر بولسا.

46-ماددا  كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئىشتىن توختىغاندا تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ تىزىمدىن ئۆچۈرگۈزۈۋېتىشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى لازىم.

47-ماددا  كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە تارقىتىلغاندا، ھېسابات ئېنىقلاش تەشكىلاتى قۇرۇپ، ھېساب-كىتاب قىلىشى لازىم.  كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا ۋە ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندا، مەسئۇل ئورگان ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار ئورگانلار ۋە ئالاقىدار خادىملاردىن ھېسابات ئېنىقلاش تەشكىلاتى قۇرۇپ، ھېساب-كىتاب قىلىشى لازىم. 

48-ماددا  ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى دۆلەت تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىلگەن مال-مۈلۈك بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ھەق تەلـەپ جـاۋابـكارلىقىنى ئۆز ئىلكىدىكى مال-مۈلۈك بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ، جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىك كارخانىسى تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىق كارخانىسى تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئىلكىدىكى مال-مۈلۈك بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ.  قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

49-ماددا  كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇنىي ئىگە جاۋابكارلىققا تارتىلغاندىن تاشقىرى، ئۇنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىگە مەمۇرىي جازا بېرىلسە، مەمۇرىي جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) تىزىملاش ئورگىنى تىزىمغا ئېلىپ بېكىتىپ بەرگەن تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ، قانۇنسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسا؛ 

(2) ھەقىقىي ئەھۋالنى تىزىملاش ئورگىنىدىن ۋە باج ئورگىنىدىن يوشۇرۇپ ساختىپەزلىك قىلغان بولسا؛

(3) مەبلىغىنى تىقىپ قويۇپ، مال-مۈلكىنى يوشۇرۇپ، قەرز مەجبۇرىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسا؛

(4) تارقىتىلغان، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، مال-مۈلكىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغان بولسا؛

(5) ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئىشتىن توختىغاندا ۋاقتىدا تىزىمغا ئالىدۇرماي ۋە ئېلان چىقارماي، مەنپەئەتدار كىشىلەرنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛

(6) قانۇندا چەكلەنگەن باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلەت ياكى جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا. 

3-پاراگراف ئورگان، كەسپىي ئورۇن ۋە جامائەت تەشكىلاتى تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە 

50-ماددا  مۇستەقىل راسخوتى بولغان ئورگان قۇرۇلغان كۈنىدىن ئېتىبارەن قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. 

قانۇنىي ئىگە بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان كەسپىي ئورۇن ۋە جامائەت تەشكىلاتىنىڭ قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگە بولۇپ تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىسىمۇ بولىدىغانلىرى قۇرۇلغان كۈنىدىن ئېتىبارەن قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ؛ قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگە بولۇپ تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغانلىرى، تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالىدۇرغاندىن كېيىن، قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

4-پاراگراف بىرلىشىپ باشقۇرۇش

51-ماددا  كارخانا بىلەن كارخانا ياكى كارخانا بىلەن كەسپىي ئورۇن بىرلىشىپ باشقۇرۇپ، يېڭى ئىقتىسادىي گەۋدە ھاسىل قىلغان، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالغان، قانۇنىي ئىگە بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان بولسا، باشقۇرۇش ئورگىنىغا تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالىدۇرغاندىن كېيىن، قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

52-ماددا بىرلىشىپ ۋە ئورتاقلىشىپ باشقۇرغان كارخانا بىلەن كارخانا ياكى كارخانا بىلەن كەسپىي ئورۇن قانۇنىي ئىگە بولۇش شەرتىنى ھازىرلىمىغان بولسا، بىرلىشىپ باشقۇرغان تەرەپلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆزلىرى قوشقان مەبلەغنىڭ نىسبىتىگە قاراپ ياكى كېلىشىمگە ئاساسلىنىپ، ئۆز ئىلكىدىكى ياكى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مال - مۈلۈك بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ.  قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى كېلىشىم بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولغانلار چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

53-ماددا  بىرلىشىپ باشقۇرغان كارخانا بىلەن كارخانا ياكى كارخانا بىلەن كەسپىي ئورۇن توختام بويىچە ئۆز ئالدىغا باشقۇرغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى توختامدا بەلگىلىنىدۇ، ھەرقايسىسى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئالدىغا ئۈستىگە ئالىدۇ. 

4-باب  ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ۋە ۋاكالەتلىك 

1-پاراگراف ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى

54-ماددا  ھەق-تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى پۇقرالارنىڭ ياكى قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقى ۋە ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، ئۆزگەرتىش، توختىتىش جەھەتتىكى قانۇنلۇق ھەرىكىتىدۇر.

55-ماددا  ھەق-تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم:

(1)  ھەرىكەت قىلغۇچى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا مۇناسىپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى؛

(2)  مەقسىتىنى ئەينەن ئۇقتۇرالايدىغان بولۇشى؛

(3)  قانۇنغا ياكى جامائەت مەنپەئىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىقى. 

56-ماددا  ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى يازما ۋە ئاغزاكى يول بىلەن ئېلىپ بېرىلسا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ. قانۇندا ئالاھىدە شەكىل بىلەن ئېلىپ بېرىش بەلگىلەنگەنلىرى قانۇندىكى شۇ بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. 

57-ماددا  ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ قانۇن جەھەتتە چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.  ھەرىكەت قىلغۇچى ئۆز ھەرىكىتىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياكى قارشى تەرەپنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتسە ياكى بىكار قىلسا بولمايدۇ.

58-ماددا  تۆۋەندىكى ھەق تەلەپ ھەرىكەتلىرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ:

(1) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق كىشىنىڭ قىلغان ھەرىكەتلىرى؛

(2) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشىنىڭ قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئېلىپ بارسا بولمايدىغان ھەرىكەتلىرى؛

(3) بىر تەرەپنىڭ ئالداش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشى ياكى خەقنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىشى ئارقىسىدا يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا قىلغان ھەرىكەتلىرى؛

(4) يامان غەرەز بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرى؛

(5) قانۇنغا ياكى جامائەت مەنپەئىتىگە خىلاپ كېلىدىغان ھەرىكەتلەر؛

(6) دۆلەتنىڭ بۇيرۇق پىلانىغا خىلاپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي توختامغا دائىر ھەرىكەتلەر؛

(7) قانۇنسىز مەقسەتنى قانۇنىي شەكىل بىلەن يېپىش ھەرىكەتلىرى.

كۈچكە ئىگە بولمىغان ھەق تەلەپ ھەرىكىتى باشلانغان ۋاقىتتىن ئېتىبارەن قانۇن جەھەتتە چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمايدۇ. 

59-ماددا  تۆۋەندىكى ھەق-تەلەپ ھەرىكەتلىرىنى بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياكى كېسىم ئورگىننىڭ ئۆزگەرتىشى ياكى بىكار قىلىشى توغرىسىدا تەلەپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق:

(1) ھەرىكەت قىلغۇچى ھەرىكەت مەزمۇنىنى توغرا چۈشەنمەي قاتتىق ئۇقۇشماسلىق ئارقىسىدا قىلغان ھەرىكەتلەر؛

(2) ئاپئاشكارا ئادىل بولمىغان ھەرىكەتلەر.

بىكار قىلىنغان ھەق تەلەپ ھەرىكىتى باشلانغان ۋاقتتىن تارتىپلا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 

60-ماددا  ھەق تەلەپ ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى كۈچكە ئىگە بولۇپ، قالغان قىسمىنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمىسە، قالغان قىسمى كۈچكە ئىگە بولۇۋېرىدۇ. 

61-ماددا  ھەق تەلەپ ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ياكى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تەرەپ شۇ ھەرىكىتى بىلەن ئىگە بولغان مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرەپكە قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم.  خاتالىق ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تارتقان زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى، ھەر ئىككى تەرەپ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىگە تېگىشلىك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

ئىككى تەرەپ ھەق تەلەپ ھەرىكىتىنى يامان غەرەز بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، شۇ ئىككى تەرەپ ئىگە بولغان مال- مۈلۈكنى قايتۇرۇۋېلىپ، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ئىختىيارىغا ئېلىش ياكى ئۈچىنچى كىشىگە قايتۇرۇپ بېرىش لازىم. 

62-ماددا  ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىدە شەرت قويۇشقا بولىدۇ، شەرت قويۇلغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى شۇ شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەندە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

2-پاراگراف ۋاكالەتلىك

63-ماددا  پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى ۋاكالەتچى ئارقىلىق ئېلىپ بارسا بولىدۇ. 

ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى دائىرىسىدە ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ نامى بىلەن ئېلىپ بارىدۇ. ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ۋاكالەتچىنى ۋاكالەتلىك ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ياكى ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە، ھەركىم ئۆزى ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ۋاكالەتچى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلسا بولمايدۇ.

64-ماددا  ۋاكالەتلىك ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتلىك، قانۇنىي ۋاكالەتلىك ۋە بەلگىلەنگەن ۋاكالەتلىك دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ھاۋالە بىلەن ۋاكالەتلىك قىلغۇچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقىنى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يۈرگۈزىدۇ، قانۇنىي ۋاكالەتچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزىدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقىنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياكى بەلگىلىگۈچى ئورۇننىڭ بەلگىلىگىنى بويىچە يۈرگۈزىدۇ. 

65-ماددا  ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلىش ئىشى يېزىقچە ئېلىپ بېرىلسىمۇ، ئاغزاكى ئېلىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ.  قانۇندا يېزىقچە ئېلىپ بېرىش بەلگىلەنگەنلىرى يېزىقچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. 

ۋاكالەتچىگە يېزىقچە ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ ھاۋالە قەغىزىگە ۋاكالەتچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى، ۋاكالەتلىك قىلىندىغان ئىشلىرى، ھوقۇق دائىرىسى ۋە مۇددىتى ئېنىق يېزىلىشى ھەمدە ھاۋالە قىلغۇچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم. 

ھاۋالە قەغىزىدە بېرىلگەن ھوقۇق ئېنىق ئىزھار قىلىنمىغان بولسا، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ئۈچىنچى كىشى ئالدىدا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ۋاكالەتچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

66-ماددا  ۋاكالەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولماي تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان، ۋاكالەتلىك ھوقۇقىدىن ھالقىپ ئېلىپ بېرىلغان ياكى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى توختىغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتنى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ئېتىراپ قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇ ئاشۇ ھەرىكەتكە دائىر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.  ئېتىراپ قىلىنمىغان ھەرىكەتكە دائىر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ھەرىكەت قىلغۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.  باشقىلارنىڭ ئۆز نامىدا ھەق تەلەپ ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىنكار قىلىش ئىپادىسىنى بىلدۈرمىسە، قوشۇلدى دەپ قارىلىدۇ.  بۇرچىنى ئادا قىلماي ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىغا زىيان يەتكۈزگەن ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

ۋاكالەتچى ئۈچىنچى كىشى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ۋاكالەتچى بىلەن ئۈچىنچى كىشى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئۈچىنچى كىشى ھەرىكەت قىلغۇچىنىڭ ۋاكالەتلىك ھوقۇقى يوقلۇقىنى، ۋاكالەتلىك قېلىش ھوقۇقىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ياكى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى توختىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇنىڭ بىلەن ھەق تەلەپ ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئۈچىنچى كىشى بىلەن ھەرىكەت قىلغۇچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

67-ماددا  ۋاكالەتچى ئۆزىگە ھاۋالە قىلىنغان ئىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ۋاكالەتلىك قىلىۋەرسە ياكى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ۋاكالەتچى ۋاكالىتەن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرمىسا، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى بىلەن ۋاكالەتچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.! a+ B- d5 ?2 A8 p0 b$ {

68-ماددا  ھاۋالە بىلەن ۋاكالەتلىك قىلغۇچى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋاكالەتلىكنى باشقا كىشىگە ھاۋالە قىلىشنى زۆرۈر تاپسا، ئاۋۋال ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشى لازىم.  ئاۋۋال ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ رازىلىقىنى ئالمىغان بولسا، كېيىن ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى قوشۇلمىسا، ۋاكالەتچى ئۆزى ھاۋالە قىلغان كىشىنىڭ ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەمما جىددىي ئەھۋالدا ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش يۈزىسىدىن ۋاكالەتلىكنى باشقا كىشىگە ھاۋالە قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

69-ماددا  تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتلىك توختايدۇ:

(1) ۋاكالەتلىك مۇددىتى توشقان ياكى ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان ئىش ئورۇندىلىپ بولغان بولسا؛

(2) ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ھاۋالىسىنى بىكار قىلسا ياكى ۋاكالەتچى ھاۋالىدىن يالتىيىۋالسا؛

(3) ۋاكالەتچى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا؛

(4) ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا؛

(5) ۋاكالەتچىلىك قىلىنغۇچى ياكى ۋاكالەتچى قانۇنىي ئىگە ئىشتىن توختىغان بولسا.

70-ماددا  تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇنىي ۋاكالەتلىك ياكى بەلگىلەنگەن ۋاكالەتلىك توختايدۇ:

(1) ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولسا ياكى ئۇنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەن بولسا؛

(2) ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ياكى ۋاكالەتچى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا؛

(3) ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا؛

(4) ۋاكالەتچىنى بەلگىلەپ بەرگەن خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى ۋاكالەتچىنى بەلگىلىگەن ئورۇن ئۆز بەلگىلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسا؛

(5) ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى بىلەن ۋاكالەتچى ئوتتۇرىسىدىكى ۋەسىيلىك مۇناسىۋەت باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقالغان بولسا. 

5-باب  ھەق تەلەپ ھوقۇقى

1-پاراگراف مال-مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە مال-مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا دائىر مال-مۈلۈك ھوقۇقى

71-ماددا  مال-مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقى مال-مۈلۈك ئىگىسىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز مال-مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، تاپاۋەت قىلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ.

72-ماددا  مال-مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىش قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كەلمەسلىكى كېرەك. 

توختام بويىچە ياكى باشقا قانۇنىي يوللار بىلەن مال-مۈلۈككە ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى مال-مۈلۈك ئۆزىگە تەگكەن ۋاقىتتىن ئېتىبارەن قولىغا ئۆتىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ئالاقىدار تەرەپلەر باشقىچە پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.  

73-ماددا  دۆلەت مال-مۈلكى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

دۆلەت مال-مۈلكى مۇقەددەس ۋە دەخلىسىزدۇر، ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئۇنى ئىگىلىۋېلىشى، تالاپ كېتىشى، يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋېلىشى، تۇتۇپ قېلىشى ۋە بۇزۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. 

74-ماددا  ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كوللېكتىپ تەشكىلاتىغا تەۋە مال- مۈلۈك ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كوللېكتىپ مال-مۈلكىدۇر، ئۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) قانۇندا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن يەر ۋە ئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر، سازلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار؛ 

(2) كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرى؛

(3) كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى بىنا، سۇ ئامبىرى، ئېتىز-ئېرىق، سۇ ئىنشائاتى ۋە مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئەسلىھەسى ۋە باشقا ئەسلىھەلەر؛

(4)  كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى باشقا مال-مۈلۈكلەر. 

قانۇن بويىچە كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەر كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، ئۇنى كەنت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ياكى مەھەللە كومىتېتلىرى باشقۇرىدۇ.  يېزا (بازار) لاردىكى دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇپ قالغانلىرى يېزا (بازار) لاردىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولسا بولىدۇ.

كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال-مۈلۈك قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئۇنى ئىگىلىۋېلىشى، تالاپ كېتىشى، يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋېلىشى، بۇزۇشى ياكى قانۇنسىز يول بىلەن پېچەتلىشى، تۇتۇپ قېلىشى، توڭلىتىپ قويۇشى ۋە مۇسادىرە قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. 

75-ماددا  پۇقرالارنىڭ شەخسىي مال-مۈلكى پۇقرالارنىڭ قانۇنىي كىرىمىنى، ئۆي-ئىمارەتلىرىنى، ئامانەت قويغان پۇللىرىنى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى، ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى، كىتاب-ماتېرىياللىرىنى، دەل-دەرەخلىرىنى، چارۋا ماللىرىنى شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ ئىگە بولۇشىغا قانۇن يول قويغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ۋە باشقا قانۇنىي مال-مۈلۈكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

پۇقرالارنىڭ قانۇنىي مال-مۈلكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئۇنى ئىگىلىۋېلىشى، تالاپ كېتىشى، بۇزۇشى ياكى قانۇنسىز يول بىلەن پېچەتلىشى، تۇتۇپ قېلىشى، توڭلىتىپ قويۇشى ۋە مۇسادىرە قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. 

76-ماددا  پۇقرالار قانۇن بويىچە مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 

77-ماددا  جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ، جۈملىدىن دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي مال-مۈلكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. 

78-ماددا  مال-مۈلۈككە ئىككىدىن ئارتۇق پۇقرا ۋە قانۇنىي ئىگە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلسا بولىدۇ.

ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ئۆلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ۋە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش دەپ ئايرىلىدۇ. ئۆلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئۆز ئۆلۈشىگە قاراپ، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىندىغان مال-مۈلۈككە دائىر تېگىشلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىندىغان مال-مۈلۈككە دائىر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

ئۆلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىندىغان مال-مۈلۈكنىڭ ئىگىلىرى ئۆز ئۆلۈشىنى ئايرىۋېلىشقىمۇ، ئۆتۈنۈشكىمۇ ھوقۇقلۇق، ئەمما ساتماقچى بولسا، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ قالغانلىرى ئوخشاش شارائىت ئاستىدا ئاۋۋال سېتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

79-ماددا  ئىگىسى نامەلۇم بولغان كۆمۈلمە مال، يوشۇرۇن مال دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىنىدۇ.  ئۇنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى ئورۇن شۇ نەرسىلەرنى تاپشۇرغان ئورۇن ياكى شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ياكى ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلىشى لازىم. 

يىتكەن نەرسىلەر، ئېقىپ كەتكەن نەرسىلەرنى ياكى قولدا بېقىلغان ھايۋانلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىرىنى تېپىۋالغانلار ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بولغان چىقىمنى ئىگىسى تۆلەيدۇ. 

80-ماددا  دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قانۇن بويىچە ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئورۇنلار ئىشلەتسە بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ قانۇن بويىچە كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى ئورۇنلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېكىتىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ، دۆلەت ئۇلارنىڭ ئىشلىتىش ۋە تاپاۋەت قىلىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ؛ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار باشقۇرۇش، قوغداش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

پۇقرالارنىڭ، كوللېكتىپنىڭ كوللېكتىپ ئىلكىدىكى يەرلەرنى ياكى دۆلەت ئىلكىدە بولسىمۇ، كوللېكتىپ ئىشلىتىۋاتقان يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.  ھۆددىگە بەرگۈچى بىلەن ھۆددىگە ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى قانۇن بويىچە ھۆددىگەرلىك توختامىدا بەلگىلىنىدۇ. 

يەرنى ئېلىپ-سېتىشقا، ئىجارىگە بېرىشكە، گۆرۈگە قويۇشقا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ. 

81-ماددا  دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر، ساسلىق، سۇ يۈزى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئورۇنلار قانۇن بويىچە ئىشلەتسە بولىدۇ، ئۇ قانۇن بويىچە كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى ئورۇنلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېكىتىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ، دۆلەت ئۇلارنىڭ ئىشلىتىش، تاپاۋەت قىلىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ؛ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار باشقۇرۇش، قوغداش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

دۆلەت ئىلكىدىكى كان بايلىقلىرىنى قانۇن بويىچە ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئورۇنلار ۋە كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى ئورۇنلار ئاچسا بولىدۇ، قانۇن بويىچە پۇقرالار ئاچسىمۇ بولىدۇ.  دۆلەت قانۇنلۇق كان ئېچىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. 

پۇقرالارنىڭ، كوللېكتىپنىڭ كوللېكتىپ ئىلكىدىكى ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى بولسىمۇ، كوللېكتىپ ئىشلىتىۋاتقان ئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر، ساسلىق ۋە سۇ يۈزىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.  ھۆددىگە بەرگۈچى بىلەن ھۆددىگە ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى قانۇن بويىچە ھۆددىگەرلىك توختامىدا بەلگىلىنىدۇ. 

دۆلەت ئىلكىدىكى كان بايلىقلىرىنى ۋە سۇلارنى، دۆلەت ئىلكىدە بولغان ۋە قانۇندا كوللېكتىپ ئىلكىدە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن ئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر ۋە ساسلىقنى ئېلىپ سېتىشقا، ئىجارىگە بېرىشكە، گۆرۈگە قويۇشقا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

82-ماددا  ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلار دۆلەت تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىلگەن مال-مۈلۈكنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە، ئۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. 

83– ماددا  كۆچمەس مۈلۈككە تۇتاش قوشنىلار سۇ توسۇش، توختام، سۇنى چىقىرىۋېتىش، يول يۈرۈش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، يورۇق چۈشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئىشلەپچىقىرىشقا پايدا يەتكۈزۈش، تۇرمۇشقا قولايلىق تۇغدۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئادىل، مۇۋاپىق ئىش قىلىش روھى بويىچە توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.  قوشنىسىغا توسالغۇ پەيدا قىلغانلار ياكى زىيان يەتكۈزگەنلەر دەخلى-تەرۇزنى توختىتىشى، توسالغۇنى تۈگىتىشى، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. 

2-پاراگراف ھەقدارلىق

84-ماددا  ھەقدارلىق توختامدىكى پۈتۈمگە ياكى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، ئالاقىدار تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان مۇئەييەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتتۇر. ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشى ھەقدار، مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىغان كىشى قەرزداردۇر. 

ھەقدار قەرزدارنىڭ توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ياكى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىيەت ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

85-ماددا  توختام ئالاقىدار تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، ئۇنى ئۆزگەرتىش ۋە توختىتىش كېلىشىمىدۇر. قانۇن بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەن توختاملار قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. 

86-ماددا  ھەقدار ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بولسا، ئۇلار مۇئەييەن ئۆلۈشى بويىچە تېگىشلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. قەرزدار ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بولسا، تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى مۇئەييەن ئۆلۈشى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ. 

87-ماددا  ھەقدار ياكى قەرزدار ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بولسا، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ياكى ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈمى بويىچە، چاتما ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان ھەربىر ھەقدار قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ چاتما مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى ھەربىر قەرزداردا بارلىق قەرزنى تۆلەش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ، مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغان كىشى چاتما مەجبۇرىيىتى بولغان باشقا كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك قەرزنى تۆلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

88-ماددا  توختام تۈزۈشكەن تەرەپلەر توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. 

توختامدا سۈپەت، مۆھلەت، ئورۇن ياكى مال پۇلى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن بولۇپ، ئۇنى توختامنىڭ ئالاقىدار ماددا-تارماقلىرىدىكى مەزمۇن بويىچە بەلگىلەش مۇمكىن بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالاقىدار تەرەپلەر كېڭىشىش ئارقىلىق ئۇ ھەقتە بىر يەرگە كېلەلمىسە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقىلىنىدۇ:

(1) سۈپەت تەلىپى ئېنىق بولمىغان بولسا، سۈپەت جەھەتتىكى مەجبۇرىيەت دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى بويىچە ئادا قىلىنىدۇ، دۆلەت بەلگىلىگەن سۈپەت ئۆلچىمى بولمىسا، ئادەتتىكى ئۆلچەم بويىچە ئادا قىلىنىدۇ؛

(2) مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش مۆھلىتى ئېنىق بولمىغان بولسا، قەرزدار ھەقدار ئالدىدا ھەرقاچان مەجبۇرىيەت ئادا قىلسا بولىدۇ، ھەقدارمۇ قەرزدارنىڭ مەجبۇرىيەت ئادا قىلىشىنى ھەرقاچان تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن قەرزدارنى تەييارلىق كۆرۈشى ئۈچۈن تېگىشلىك ۋاقىت بېرىشى كېرەك؛

(3) مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىندىغان ئورۇن ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا، پۇل تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى تاپشۇرۇۋالغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئادا قىلىنىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا نىشانلار ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەت مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئادا قىلىنىدۇ. 

(4) مال پۇلى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن بولسا، باھا جەھەتتىكى مەجبۇرىيەت دۆلەت بەلگىلىگەن باھا بويىچە ئادا قىلىنىدۇ؛ دۆلەت بەلگىلىگەن باھا بولمىسا، مەجبۇرىيەت بازار باھاسىغا ياكى ئوخشاش تىپتىكى نەرسىلەرنىڭ باھاسىغا ياكى شۇ تىپتىكى ئەمگەك مۇلازىمەت ھەققىنىڭ ئۆلچىمىگە قاراپ ئادا قىلىنىدۇ. 

توختامدا پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقى بەلگىلەنمىگەن بولسا، ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئالاقىدار تەرەپ پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. 

توختامدا پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بەلگىلەنمىگەن بولسا، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق بولىدۇ. 

89-ماددا  قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پۈتۈمى بويىچە قەرز مەجبۇرىيىتىنىڭ ئادا قىلىنىشىغا تۆۋەندىكى يوللار بىلەن كېپىللىك قىلىنسا بولىدۇ:

(1) كاپالەت بەرگۈچى ھەقدار ئالدىدا قەرزدارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، پۈتۈم بويىچە، كاپالەت بەرگۈچى ئادا قىلىدۇ ياكى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ كاپالەت بەرگۈچى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى قەرزداردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق؛

(2) قەرزدار ياكى ئۈچىنچى كىشى مەلۇم مال-مۈلۈكنى گۆرۈ ئورنىدا بەرسە بولىدۇ. قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ھەقدار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە گۆرۈ مالنى باھاغا سۇندۇرۇپ ياكى سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى تۆلەم سۈپىتىدە ھەممىدىن بۇرۇن ئېلىشقا ھوقۇقلۇق؛

(3) ئالاقىدار بىر تەرەپ ئىككىنچى تەرەپكە قانۇندىكى بەلگىلىمە دائىرىسىدە زاكالەت بەرسە بولىدۇ.  قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، زاكالەتنى مال پۇلىغا ھېسابلىتىشى ياكى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك.  زاكالەت بەرگەن تەرەپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، زاكالەتنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلالمايدۇ؛ زاكالەت ئالغان تەرەپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، زاكالەتنى قوشلاپ قايتۇرۇشى كېرەك. 

(4) توختامدىكى پۈتۈم بويىچە بىر تەرەپ ئىككىنچى تەرەپنىڭ مال- مۈلكىنى ئىگىلىگەن، ئىككىنچى تەرەپ توختام بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پۇلنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاپشۇرمىغان بولسا، مال-مۈلۈكنى ئىگىلىگەن كىشى شۇ مال-مۈلۈكنى ئېپقېلىشقا، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئېپقېلىنغان شۇ مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇپ ياكى سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى تۆلەم سۈپىتىدە ھەممىدىن بۇرۇن ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

90-ماددا  قانۇنلۇق قەرز مۇناسىۋىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

91-ماددا  توختام تۈزۈشكەن بىر تەرەپ توختامدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۈچىنچى كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولسا، ئىككىنچى تەرەپنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشى ھەمدە پايدا ئېلىپ يۈرمەسلىكى لازىم.  قانۇن بويىچە دۆلەت تەستىقلاشقا تېگىشلىك دەپ بەلگىلەنگەن توختام بولسا، بۇرۇن تەستىقلىغان ئورگاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.  لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى بۇرۇنقى توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

92-ماددا  قانۇنلۇق ئاساسى يوق ھارام پايدا ئېلىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر ئالغان ھارام پايدىسىنى زىيان تارتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

93-ماددا  قانۇندا ياكى پۈتۈمدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى بولمىسىمۇ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىياندىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقۇرغانلار ياكى مۇلازىمەت قىلغانلار شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بولغان تېگىشلىك چىقىمنى مەنپەئەتلەنگۈچىدىن ئۈندۈرۈۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.   

3-پاراگراف بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى 

94-ماددا  پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ئاپتورلۇق ھوقۇقىدىن (نەشر ھوقۇقىدىن) بەھرىمەن بولىدۇ.  قانۇن بويىچە ئىسمىنى يېزىش، ئېلان قىلىش، نەشرگە بېرىش، ھەق ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. 

95-ماددا  پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئېرىشكەن پاتېنت ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. 

96-ماددا  قانۇنىي ئىگىلەر، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، شېرىكلەشكۈچى شەخسلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئېرىشكەن تاۋار ماركىسى ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. 

97-ماددا  پۇقرالار ئۆز ئىختىراسى ئۈچۈن ئىختىرا ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.  ئىختىراچى ئىلتىماس قىلىپ، ئىختىرا گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات سوممىسى ياكى باشقا مۇكاپاتلارنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

پۇقرالار ئۆز كەشپىياتى ياكى باشقا پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىشقا، شۆھرەت گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات سوممىسى ياكى باشقا مۇكاپاتلارنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

4-پاراگراف جىسمانىي ھوقۇق

98-ماددا  پۇقرالار ساغلام ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە. 

99-ماددا  پۇقرالار ئىسىم-فامىلە ھوقۇقىغا ئىگە. ئۆز ئىسىم- فامىلىسىنى بەلگىلەشكە، ئىشلىتىشكە ۋە بەلگىلىمە بويىچە ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق. باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىشى، ئۇنىڭ نامىنى سېتىشى ۋە سۈيىئىستېمال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. 

قانۇنىي ئىگىلەر، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، شېرىكلەشكۈچى شەخسلەر نام ھوقۇقىغا ئىگە.  كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەر، يەككە سودا- سانائەتچىلەر، شېرىكلەشكۈچى شەخسلەر ئۆز نامىنى قوللىنىشقا، قانۇن بويىچە ئۇنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈشكە ھوقۇقلۇق.

100- ماددا  پۇقرالار سۈرەت ھوقۇقىغا ئىگە، پۇقرالارنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ئۆز رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سۈرىتىدىن پايدا تېپىش مەقسىتىدە پايدىلىنىشقا بولمايدۇ. 

101-ماددا  پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا ئىگە.  پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ئىززىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، پۇقرالار ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ نام-شۆھرىتىگە ھاقارەت كەلتۈرۈش ۋە تۆھمەت قىلىشقا ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن زىيان يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

102-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر پەخرىي نام ھوقۇقىغا ئىگە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەرنى پەخرىي نامدىن قانۇنسىز يول بىلەن مەھرۇم قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

103-ماددا  پۇقرالار نىكاھقا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە، نىكاھ سودىسى قىلىش، نىكاھقا چات كېرىۋېلىش ھەرىكەتلىرى ۋە نىكاھ ئەركىنلىكىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەر مەنئى قىلىنىدۇ. 

104-ماددا نىكاھ، ئائىلە، ياشانغانلار، ئانىلار ۋە بالىلار قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. 

مېيىپلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. 

105-ماددا  ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا ئىگە.

6-باب  ھەق-تەلەپ جاۋابكارلىقى

1-پاراگراف ئومۇمىي بەلگىلىمە

106-ماددا  توختامغا خىلاپلىق قىلغان ياكى باشقا مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغان پۇقرا ۋە قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

خاتالىق ئۆتكۈزۈپ دۆلەت ۋە كوللېكتىپ مال-مۈلكىگە زىيان يەتكۈزگەن، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىگە ۋە ئۆزىگە زىيان يەتكۈزگەن پۇقرا ۋە قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن بولسىمۇ، قانۇندا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش لازىملىقى بەلگىلەنگەنلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

107-ماددا  يەڭگىلى بولمايدىغان توسالغۇ سەۋەبى بىلەن توختامنى ئىجرا قىلالمىغانلار ياكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ قويغانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

108-ماددا  قەرز قايتۇرۇلۇش كېرەك.  قايتۇرۇشقا ۋاقتىنچە قۇربى يەتمەيدىغان قەرزدار ھەقدارنىڭ ماقۇللۇقى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمى بىلەن قەرزنى مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرسا بولىدۇ.  قايتۇرۇشقا قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قايتۇرماي تۇرۇۋالغانلارنى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئارقىلىق مەجبۇرىي قايتۇرغۇزىدۇ.

109-ماددا  دۆلەت، كوللېكتىپ مال-مۈلكىنى ياكىباشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ۋە ئامانلىقىنى دەخلى-تەرۇزدىن ساقلاپ قېلىش ۋە دەخلى- تەرۇزنى توسۇش يۈزىسىدىن ئۆزى زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش جاۋابكارلىقىنى دەخلى-تەرۇز قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، مەنپەئەتكە ئىگە بولغۇچىمۇ زىياننى لايىقىدا تۆلەپ بەرسە بولىدۇ.

110-ماددا  ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغۇچى پۇقرا ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ مەمۇرىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر تېپىلسا، مەمۇرىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە پۇقرانىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىم. 

2-پاراگراف توختامغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى

111-ماددا  توختام تۈزۈشكەنلەردىن بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىسا ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكەن شەرتلەر بويىچە ئادا قىلمىسا، ئىككىنچى تەرەپ ئۇنىڭ ئادا قىلىشىنى ياكى زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش يۈزىسىدىن تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەم زىياننى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

112-ماددا  توختام تۈزۈشكەنلەردىن بىر تەرەپنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ تۆلىگەن تۆلىمى ئىككىنچى تەرەپكە كەلتۈرگەن زىيىنىغا باراۋەر بولۇشى كېرەك. 

توختام تۈزۈشكەن بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا، ئىككىنچى تەرەپكە مەلۇم مىقداردا توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىق پۇلى تۆلەيدىغانلىقىنى توختامدا پۈتۈشۈپ قويسا بولىدۇ، توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان زىياننىڭ تۆلەم مىقدارىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنىمۇ توختامدا پۈتۈشۈپ قويسا بولىدۇ.

113-ماددا  توختام تۈزۈشكەن ھەر ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا، ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

114-ماددا  توختام تۈزۈشكەنلەردىن بىر تەرەپ ئىككىنچى تەرەپنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىشى بىلەن زىيانغا ئۇچرىسا، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، زىياننىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ ۋاقتىدا تەدبىر قوللانماي، زىياننىڭ چوڭىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولسا، چوڭىيىپ كەتكەن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

115-ماددا  توختامنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ياكى بىكار قىلىنىشى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ زىيان ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

116-ماددا توختام تۈزگۈچى بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ كاشىلىسى بىلەن ئادا قىلالمىغان بولسا، توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ئىككىنچى تەرەپكە زىياننى تۆلەپ بېرىشى ياكى زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش يۈزىسىدىن باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ شۇ سەۋەبتىن تارتقان زىيىنىنى مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ئىگە بولۇپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

3-پاراگراف ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلارنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى 

117-ماددا  دۆلەتنىڭ ۋە كوللېكتىپنىڭ مال-مۈلكىنى ياكى باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋالغانلار مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇشى لازىم، مال-مۈلۈكنى قايتۇرالمىغانلار باھاغا سۇندۇرۇپ پۇل تۆلىشى لازىم. 

دۆلەتنىڭ ۋە كوللېكتىپنىڭ مال-مۈلكىنى ياكى باشقىلارنىڭ مال- مۈلكىنى بۇزۇپ قويغانلار ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشى ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ پۇل تۆلىشى لازىم.

زىيانغا ئۇچرىغۇچى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن باشقا زور چىقىم تارتقان بولسا، زىيانغا ئۇچراتقۇچى بۇ زىياننىمۇ تۆلىشى كېرەك. 

118-ماددا  ئاپتورلۇق ھوقۇقى (نەشر ھوقۇقى)، پاتېنت ھوقۇقى، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى، ئىختىرا ھوقۇقى، كەشپىيات ھوقۇقى ۋە پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە دائىر باشقا ھوقۇقلىرى باشقىلارنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىش، ئۆزگەرتىۋېتىش، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قاتارلىق دەخلى-تەرۇزىغا ئۇچرىغان پۇقرالار ۋە قانۇنىي ئىگىلەر دەخلى-تەرۇزنىڭ توختىتىلىشىنى، تەسىرنىڭ تۈگىتىلىشىنى، زىياننىڭ تۆلەپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

119-ماددا  پۇقرالارنىڭ تېنىنى زەخىملەندۈرگەنلەر داۋالىنىش راسخوتىنى، ئىشقا چىقالماي ئازىيىپ كەتكەن كىرىمىنى، مېيىپ بولغۇچىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش راسخوتلىرىنى تۆلىشى كېرەك؛ ئۆلۈشكە سەۋەبچى بولغانلار ئۆلگۈچىنىڭ دەپنە پۇلىنى، ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا بېقىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش خىراجىتىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش راسخوتلارنى بېرىشى لازىم. 

120-ماددا  ئىسىم-فامىلە ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، نام-شۆھرەت ھوقۇقى، پەخرىي نام ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان پۇقرالار دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنىڭ دەخلى-تەرۇزىنى توختىتىشىنى، نام-شۆھرەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشىنى، تەسىرنى تۈگىتىشىنى، ناماقۇل بولۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە بولغان زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

قانۇنىي ئىگىنىڭ نام ھوقۇقى، نام-شۆھرەت ھوقۇقى، پەخرىي نام ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىسا، يۇقىرىقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقىلىنىدۇ.

21-ماددا  دۆلەت ئورگانلىرى ياكى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملار ۋەزىپە ئۆتەش داۋامىدا پۇقرالار ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇنغا مۇۋاپىق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

122-ماددا  مەھسۇلات سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمىغانلىقتىن باشقىلار مال-  مۈلۈك ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىسا، شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.  بۇنىڭدا توشۇغۇچىنىڭ ۋە ساقلىغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقى بولسا، مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى ئۇلارنىڭ زىياننى تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

123-ماددا  ئەتراپتىكى مۇھىتقا قاتتىق خەۋپ تۇغدۇرىدىغان ئېگىزلىك مەشغۇلاتى، يۇقىرى بېسىملىق مەشغۇلات، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلاپ كېتىدىغان، ئۆتكۈر زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپ نەرسىلەرنى باشقۇرۇش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تىرانسپورت قوراللىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارغۇچىلار باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.  ئۇلار زىياننى زىيانغا  ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆزى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىسا بولىدۇ.

124-ماددا  دۆلەتنىڭ مۇھىتنى ئاسراش-بۇلغىنىشتىن ساقلاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىتنى بۇلغاپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

125-ماددا  جامائەت سورۇنلىرىدا، يول بويلىرىدا ياكى ئۆتەر يوللاردا ئازگال كولاش، يەر ئاستى ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش-ئورنىتىش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئېنىق بەلگە ئورناتماي ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

126-ماددا  بىنالار ياكى باشقا ئەسلىھەلەر شۇنىڭدەك بىناغا جايلاشتۇرۇلغان، ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەر ئۆرۈلۈپ، ئاجراپ، چۈشۈپ كېتىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ ئىگىلىرى ياكى باشقۇرغۇچىلىرى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.  ئەمما ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

27-ماددا  بېقىلىۋاتقان ھايۋان باشقىلارغا زىيان سالسا، شۇ ھايۋاننى باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، زىيان زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ خاتالىقىدىن تۇغۇلغان بولسا، ھايۋاننى باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ؛ زىيان ئۈچىنچى كىشىنىڭ خاتالىقىدىن تۇغۇلغان بولسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى شۇ ئۈچىنچى كىشى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

128-ماددا  يوللۇق قوغدىنىش سەۋەبى بىلەن باشقىلارغا زىيان سالغانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.  يوللۇق قوغدىنىشنى زۆرۈر چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئورۇنسىز زىيان تۇغدۇرغانلار لايىقىدا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

129-ماددا  جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىش يۈزىسىدىن زىيان پەيدا قىلغان ئەھۋالدا، خەۋپلىك ئەھۋالنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان كىشى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.  خەۋپ تەبىئىي سەۋەبلەردىن تۇغۇلغان بولسا، جىددىي خەۋپتىن ساقلانغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ياكى لايىقىدا ئالىدۇ.  جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىش تەدبىرى جايىدا بولماي ياكى زۆرۈر چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئورۇنسىز زىيان تۇغدۇرغان بولسا، جىددىي خەۋپتىن ساقلانغۇچى لايىقىدا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

130-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئۇلار چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

131-ماددا  زىياننىڭ تۇغۇلۇشىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۆزىنىڭمۇ خاتالىقى بولسا، زىيان تۇغدۇرغۇچىنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.

132-ماددا  زىياننىڭ تۇغۇلۇشىدا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ خاتالىقى بولمىسا، ئۇلار ئەمەلىيي ئەھۋالغا قاراپ تېگىشلىك ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.

133-ماددا  ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشىلەر باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ۋەسىي ئۈستىگە ئالىدۇ.  ۋەسىي ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۆتىگەن بولسا، ئۇنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى مۇۋاپىق يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.

ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشىلەردىن مال-مۈلكى بارلار باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم پۇلى شۇلارنىڭ مال-مۈلكىدىن بېرىلىدۇ. كەم قالغان قىسمىنى ۋەسىي مۇۋاپىق تۆلەيدۇ، لېكىن ۋەسىيلىك قىلغۇچى ئورۇن بۇنىڭ سىرتىدا. 

4-پاراگراف ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش شەكلى

134-ماددا  ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش شەكلى ئاساسەن مۇنۇلار:

(1) دەخلى-تەرۇزنى توختىتىش؛

(2) توسالغۇنى تۈگىتىش؛

(3) خەۋپنى تۈگىتىش؛

(4) مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇش؛

(5) ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛

(6) رېمونت قىلىپ بېرىش، يېڭىدىن ياساپ بېرىش، يەڭگۈشلەپ بېرىش؛

(7) زىياننى تۆلەش؛

(8) توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىق پۇلى تۆلەش؛

(9) تەسىرنى تۈگىتىش، نام - شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛

(10) ناماقۇل بولۇش. 

ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ يۇقىرىقى شەكىللىرى ئايرىم قوللىنىلسىمۇ، بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىلسىمۇ بولىدۇ. 

خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىندىغان ھەق تەلەپ دېلولىرىغا يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلىغاندىن باشقا، جاۋابكارلارغا تەنبىھ بەرسە، تۆۋىنامە يازدۇرسا، قانۇنسىز ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتا ۋاسىتە قىلغان مال-مۈلۈكنى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتىنى قايتۇرۇۋالسا ھەمدە قانۇندىكى بەلگىلىمەبويىچە مەمۇرىي جەرىمانە قويسا، توختىتىپ قويسا بولىدۇ. 

7-باب  دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى

135-ماددا  ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداش يۈزىسىدىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىش ۋاقىت چېكى ئىككى يىل بولىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

136-ماددا  تۆۋەندىكى دەۋالارنىڭ ۋاقىت چېكى بىر يىل بولىدۇ:

(1) تېنى زەخىملەنگەنلىكى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىش دەۋاسى؛

(2) سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمايدىغان تاۋارنى ئېلان قىلماي ساتقانلار ئۈستىدىكى دەۋا؛

(3) ئىجارە پۇلىنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرگەنلەر ياكى رەت قىلغانلار ئۈستىدىكى دەۋا؛

(4) ئامانەت قويۇلغان نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويغانلار ياكى بۇزۇپ قويغانلار ئۈستىدىكى دەۋا. 

137-ماددا  دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى دەۋاگەرنىڭ ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق، ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان ۋاقىتتىن تارتىپ ھېسابلىغاندا 20 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوغدىمايدۇ.  ئالاھىدە ئەھۋالى بولغانلارنىڭ دەۋاسىنىڭ ۋاقىت چېكىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇزارتسا بولىدۇ. 

138-ماددا  دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئالاقىدار تەرەپ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى خالىغان بولسا، دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى بىلەن چەكلەنمەيدۇ. 

139-ماددا  دەۋا ۋاقىت چېكىنىڭ ئاخىرقى ئالتە ئېيى ئىچىدە يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەب ياكى باشقا توسالغۇلار تۈپەيلىدىن تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مۇمكىن بولماي قالسا، دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ.  دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى ئۇنى توختىتىپ تۇرۇشتىكى سەۋەبلەر تۈگىتىلگەن كۈندىن ئېتىبارەن ئۇلىنىپ ھېسابلىنىدۇ.

140– ماددا  دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى دەۋا قىلىنغانلىقى، دەۋادىكى بىر تەرەپ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ياكى ماقۇل كۆرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ يېڭىۋاشتىن ھېسابلىنىدۇ. 

141-ماددا  قانۇندا دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى قانۇندىكى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

8-باب  قانۇننىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋەتلىرىگە تەتبىقلىنىشى

142-ماددا  قانۇننىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋەتلىرىگە تەتبىقلىنىشى بۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېكىتىلىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنىدىكىدىن باشقىچە بەلگىلىمە بولسا، خەلقئارا شەرتنامىلەردىكى بەلگىلىمە تەتبىقىلىنىدۇ، ئەمما جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ ئۆز پىكرىدە قالغان ماددا-تارماقلار بۇنىڭ سىرتىدا. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىدا ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە بەلگىلىمە يوقلىرىغا خەلقئارا قائىدە تەتبىقىلىنىدۇ.

143-ماددا  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان پۇقرالىرىنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا شۇ پۇقرا ئولتۇراقلاشقان دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلانسا بولىدۇ. 

144-ماددا  كۆچمەس مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىغا كۆچمەس مۈلۈك بار جاينىڭ قانۇنى تەتبىقىلىنىدۇ. 

145-ماددا  چەت ئەلگە چېتىشلىق توختامغا ئالاقىدار تەرەپلەر توختامدىكى تالاشلارغا تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى تاللىسا بولىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

چەت ئەلگە چېتىشلىق توختامغا ئالاقىدار تەرەپلەر تاللىمىغان بولسا، توختامغا ھەممىدىن زىچ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقىلىنىدۇ.

146-ماددا  ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەرىكىتى پەيدا قىلغان زىياننى تۆلەشكە ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقىلىنىدۇ.  ئالاقىدار ئىككى تەرەپ بىر دۆلەتنىڭ ئادەملىرى بولسا ياكى بىر دۆلەتتە ئولتۇرۇشلۇق بولسا، شۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنى ياكى ئۇلار ئولتۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلانسىمۇ بولىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرگەن ھەرىكەت ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەرىكىتى دەپ قارالمىسا، ئۇ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەرىكىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ. 

147-ماددا  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى چەت ئەللىكلەر بىلەن نىكاھلانغان بولسا، ئۇنىڭغا نىكاھلانغانلار پۈتۈشكەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقىلىنىدۇ.  نىكاھتىن ئاجرىشىشتا دېلونى قوبۇل قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقىلىنىدۇ. 

148-ماددا  بېقىش ئىشلىرىغا بېقىلغۇچىغا ھەممىدىن زىچ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقىلىنىدۇ. 

149-ماددا  مىراسقا قانۇن بويىچە ۋارىسلىق قىلىش ئىشلىرىدا كۆچمە مۈلۈككە مىراس قالدۇرغۇچى ئۆلگەن چاغدىكى ئولتۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقىلىنىدۇ، كۆچمەس مۈلۈككە شۇ مۈلۈك جايلاشقان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقىلىنىدۇ. 

150-ماددا  بۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە چەت ئەلنىڭ قانۇنى ياكى خەلقئارا قائىدە تەتبىقلىنىدىغان ئىشلاردا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جامائەت مەنپەئىتىگە خىلاپلىق قىلىنسا بولمايدۇ. 

9-باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

151-ماددا  مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپلارغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق ياكى قوشۇمچە ئايرىم نىزام ياكى بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ تۈزگەنلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىلىدۇ ياكى ئەنگە ئالىدۇرۇلىدۇ؛ ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ تۈزگەنلىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىغا تەستىقلىتىلىدۇ. 

152-ماددا بۇ قانۇن كۈچكە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن يۇقىرى ئورۇندىكى مەسئۇل ئورگانلارنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلاردىن سودا -سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا تىزىمغا ئالىدۇرۇلغانلىرى قانۇنىي ئىگە بولۇپ تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىسىمۇ، قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇۋېرىدۇ. 

153-ماددا بۇ قانۇندىكى «يەڭگىلى بولمايدىغان توسالغۇ» ئالدىن بايقاش مۇمكىن بولمايدىغان، ساقلانغىلى ھەمدە يەڭگىلى بولمايدىغان ئوبيېكتىپ ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. 

154-ماددا  ھەق تەلەپ قانۇنىدا ئېيتىلغان ۋاقىت مىلادىيىنىڭ يىل، ئاي، كۈن، سائىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. 

سائەت بويىچە ھېسابلاش بەلگىلەنگەن مۆھلەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. كۈن، ئاي، يىل بويىچە ھېسابلاش بەلگىلەنگەن مۆھلەت شۇ كۈندىن باشلاپ ھېسابلانماي ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

مۆھلەتنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى يەكشەنبىگە ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا دەم ئېلىش كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالسا، شۇ دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسى مۆھلەتنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولىدۇ.)  

مۆھلەتنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنىنىڭ توشۇش ۋاقتى سائەت نۆل بولغان ۋاقىت بولىدۇ، كەسپىي ئىش ۋاقتى يولغا قويۇلغان بولسا ئىش توختىغان ۋاقىت ئاخىرقى ۋاقىت بولىدۇ.

155-ماددا  ھەق تەلەپ قانۇنىدا ئېيتىلغان «دىن يۇقىرى»، «دىن تۆۋەن»، «ئىچىدە» دېيىلگەنلەر شۇ ساننىڭ ئۆزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ «توشمىغان»، «سىرتىدا» دېيىلگەنلەر شۇ ساننىڭ ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

156-ماددا بۇ قانۇن 1987-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويولىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#