سۆگەل

سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولىدىغان ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە تېرە يۈزىدىن پولتىيىپ چىقىدىغان، تېرە رەڭگىدىكى ئۆسۈكچىدىن ئىبارەت.

غەرب تېبابىتى نامى سۆگەل
خەنزۇچە نامى
كېسەللىك ئورنى پۇت،قول،
كېسەللىك سەۋەبى سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆيۈشىدىن كېلىپ چىقىدۇ
تەۋە بۆلۈم تېرە بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كلىنكىدا ئاددىي سۆگەل، ياپىلاق سۆگەل، تاپان سۆگىلى، يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەل قاتارلىق تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ماتېرىياللىرىدا ساليل دەپ ئاتىلىدۇ.

1. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆيۈشىدىن كېلىپ چىقىدۇ

2. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىدىن پەيدا بولىدۇ.

ھەر خىل ئىچكى-تاشقى ئامىللار تەسىرىدە بەدەندە بەلغەم خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرىلەرگە تەسىر قىلىپ، تېرىلەر ئارقىلىق راۋان چىقىپ كېتەلمەي توپلىشىپ قالىدۇ، نەتىجىدە بۇ خىل كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.

3. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

خىلىتلىق، خىلىتسىز ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرى ھەم جاراسىملارنىڭ تەسىرى قان خىلىتىدا ئوفۇنەت پەيدا قىلىدۇ، نەتىجىدە بۇ خىلىت قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرىلەرگە تەسىر قىلىپ يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەلنى پەيدا قىلىدۇ.

سۆگەل1. ئاددىي سۆگەل:

دەسلەپتە يىڭنە مىخ ئۇچى چوڭلۇقتا، ئۈستى سىلىق، قاتتىق دۆڭچە ئەسۋە چىقىپ تەدرىجىي چوڭىيىپ ماش ياكى پۇرچاق چوڭلۇقتا يۇمىلاق ياكى كۆپ شەكىللىك دۆڭچە ئەسۋىگە ئۆزگىرىپ، سىرتقى يۈزى يىرىك بولىدۇ. ماددىسى قاتتىق، رەڭگى كۈل رەڭ بولىدۇ. بەزىسىدە سۆگەل ئۇچى گۈل تاجىسىدەك، ياكى تىكەنلىك بولىدۇ. ئۇرۇلۇپ كەتسە قانايدۇ. بۇ خىل سۆگەل قول بارماق، قول دۈمبىسى، پۇت گىرۋىكىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. سانى بىرنەچچە ئون دانىغىچە بولىدۇ. كېسەللىك جەريانى سوزۇلما بولۇپ بەزىدە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. تىرناق ئەتراپى، پۇت يانلىرىدا پەيدا بولغىنى تىرناق ئەتراپى سۆگىلى دېيىلىدۇ.

2. ياپىلاق سۆگەل:

ياش-ئۆسمۈرلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. تېرىق چوڭلۇقتا ياكى ماش چوڭلۇقتا ياپىلاق ياكى ئىلىپىس شەكىللىك تېرە ئەسۋىسى پەيدا بولۇپ يۈزى پارقىراق، ماددىسى قاتتىق، قوڭۇر رەڭلىك ياكى تېرە رەڭگىدە بولىدۇ. سانى نىسبەتەن كۆپ، ھەمىشە بىرقانچىسى بىر توپ بولۇپ چاچما ياكى جۇغلاشقان ھالەتتە بولىدۇ. ئادەتتە ھېسسىي بەلگىلەر بولمايدۇ. چىرايى، قول دۈمبىسى، يۇقىرىقى بىلەك قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن بەزىدە ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ ياكى بىرقانچە يىل داۋاملىشىدۇ.

3. تاپان سۆگىلى:

دەسلەپتە يۇمىلاق سىرتقى يۈزى مۈڭگۈزلەشكەن. يىرىك دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولىدۇ. رەڭگى سۇس سېرىق ياكى كۈل رەڭ ياكى جىگەر رەڭدە بولىدۇ. ئەسۋىنى كەسكەندە مەركىزىدە ئاق سۈتتەك، يۇمشاق مۈڭگۈز ماددا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھەمىشە چاچما ھالىتىدىكى ئۇششاق قارا چېكىتلەر بولىدۇ. سۈركەلسە ياكى ئۇرۇلسا ئاسان قاينايدۇ. ھېسسىي بەلگىلەر بولمايدۇ، بىر نەرسە تەگسە ئاغرىيدۇ. پۇت ئاستىدا پەيدا بولىدۇ. بېسىلىش، سۈركىلىش، كۆپ تەرلەش قوزغاتقۇچى ئامىل بولىدۇ.

4. يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەل:

بالىلار ياش-ئۆسمۈرلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. يوشۇرۇن دەۋرى بىر ھەپتىدىن ئالتە ئايغىچە بولىدۇ. دەسلەپتە تېرىق چوڭلۇقتا يېرىم شار شەكىللىك ئەسۋە چىقىپ كېيىن تەدرىجىي يوغىناپ يېشىل پۇرچاق چوڭلۇقىغا يېتىپ بارىدۇ، رەڭگى ئاقۇش سەل قىزغۇچ رەڭ ياكى نورمال تېرە رەڭگىدە بولىدۇ. سىرتقى يۈزى سىلىق، پارقىراق، سۆگەل تېنى يۇمشاق بولۇپ ئاغرىمايدۇ. تەرەققىي قىلغاندا قىچىشىدۇ. ئەسۋىلەر چوڭايغانسېرى مەركىزىي قىسمىدا سۇر ئاققا مايىل رەڭلىك ئويمانچۇق پەيدا بولۇپ سىققاندا ياكى ئىگىلىگەندە ئۇنىڭدىن سۈتتەك ئاق رەڭلىك يېلىمسىمان ماددا چىقىدۇ، بۇ يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەل كىچىك تەكچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. سانى تۇراقلىق ئەمەس، تارقىلىشى تەكشىسىز، چاچما ئورۇنلاشقان، كۆپىنچە گەۋدە، قول، پۇت، ئۇرۇقدان خالتىسى، تاشقى قىنسىي ئەزا قاتارلىق ئورۇنلاردا ئوڭاي پەيدا بولۇپ كېسەللىك جەريانى سوزۇلما بولىدۇ تاتىلىغاندا يۇقۇملىنىش بىلەن تېگى قىزىرىپ ئىششىيدۇ. بۇنىڭ جىنسىي ئەزاغا چىققان تۈرىنى ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل دەپ ئاتايمىز

ئاددىي سۆگەل:

ماش ياكى پۇرچاق چوڭلۇقتا دۆڭچە ئەسۋە چىقىپ سىرتقى يۈزى يىرىك، ماددىسى قاتتىق بولىدۇ. سۆگەل ئۇچى گۈل تاقىسىدەك ياكى تىكەنلىك بولىدۇ. قول، پۇتتا كۆپ كۆرۈلىدۇ. يۇقىرىقى تىپىك كلىنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ.

ياپىلاق سۆگەل:

ماش چوڭلۇقتا ياپىلاق ياكى ئىللىپىسسىمان تېرە ئەسۋىسى بولۇپ يۈزى پارقىراق، ماددىسى قاتتىق، قوڭۇر رەڭدە ياكى تېرە رەڭگىدە بولىدۇ، سانى نىسبەتەن كۆپ، بىر قانچىسى بىر توپ بولۇپ چىقىدۇ. چىراي، قول دۈمبىسىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

تاپان سۆگىلى:

تاپاندا پەيدا بولىدۇ، تېرە ئەسۋىسىنى كەسكەندە سۈتتەك مادا كۆرۈنىدۇ.

يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەل:

بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. يۇقۇشچانلىق تارىخى بولىدۇ، يۇمۇلاق ياكى يېرىم شار شەكىللىك دۆڭچە ئەسۋە بولۇپ مەركىزىي ئويمانچۇق بولۇش، سىققاندا سۈتتەك ئاق شىلىمشىق ماددا چىقىش قاتارلىقلارغا ئاساسەن دىئاگنوزنى مۇقىملاشقان بولىدۇ

تاپان سۆگىلى، قاداق ۋە كۆزسىمان قاداقسىمان پەرقلەندۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇىدۇ.

تاپان سۆگىلى، قاداق ۋە كۆزسىمان قاداقلارنىڭ سېلىشتۇرما دىئاگنوزى

پەرقلەندۈرۈش شەكلى تاپان سۆگىلى كۆزسىمان قاداق قاداق

شەكلى سانى كۆپ، ئەتراپىنى مۈڭگۈز ماددا ھالقىسى ئوراپ تۇرىدۇ، مۈڭگۈز ماددىنى كەسكەندە مەركىزى سۈت رەڭ، يۇمشاق، چۆرىسىدە كىچىك قارا توچكىلار بولىدۇ. سانى ئاز، سۇس سېرىق رەڭلىك مۈڭگۈز ماددا كەپلىمىسى بولىدۇ.

چۆرىسى ئېنىق، مۈڭگۈز ماددىنى كەسكەندە مەركىزىي يادروسى كۆرۈنىدۇ. چۆرىسىدە سۈزۈك سېرىق رەڭلىك ھالقا بولۇپ، شەكلى توخۇ كۆزىگە ئوخشايدۇ سانى ئاز، سېرىق رەڭلىك مۈڭگۈز ماددا ھالقىسى ئوراپ تۇرىدۇ. مۈڭگۈز ماددىسىنى كەسكەندە مەركىزىي قىسمىدا سېرىق رەڭلىك يۇمشاق تۈۋرۈكسىمان مۈڭگۈز ماددا نۆكچىسى خۇددى شىنا قاققاندەك ھەقىقىي تېرە قىسمىغا ئۇيۇلۇپ كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئورنى تاپان ئالىقان، تاپان پۇت قىرى، پۇت بارماقلىرى

سانى كۆپ پەيدا بولىدۇ ئاز ساندا بىر ياكى بىرقانچە

ئۈستۈنكى يۈزى تېرە سىزىقلىرى ئۈزۈلگەن سىرتقى يۈزى يىرىك سىلىق، تېرە سىزىقلىرى ئېنىق تېرە سىزىقلىرى ئۈزۈلگەن سىرتقى يۈزى سىلىق

ئاغرىش خۇسۇسىيىتى سىققاندىكى ئاغرىش باسقان ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا ئوچۇق باسقاندىكى ئاغرىش سىققان ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا ئوچۇق يېنىك دەرىجىدە بىر نەرسىگە تەگسە ئاغرىيدۇ.

1. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىغا قارىتا مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىپ خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

2. قان تازىلاپ ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە ھەمدە سىرتىدىن ئارتۇق گۆشىنى يېگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىلىدۇ.

گەجسىمان بەلغەم خىلىتىغا قارىتا خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى 100 مىللىلىتىردىن بىر كۈندە ئۈچ قېتىم بېرىپ ماددا پىشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلگەندە ئايارەنج لۇغانزىيا ياكى ئايارەنج پەيقىرادىن بەش گرامدىن كۈنىگە بىر قېتىم، 5~3 كۈنگىچە بېرىپ ماددا تەنقىيە قىلىنىدۇ. قان تازىلاپ ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە مەجۈنى چۆبچىن 10 گرامدىن ئىككى ۋاخ، قۇرسى شاھتەررە بەش دانىدىن كۈندە بىر قېتىم بېرىلىدۇ ھەمدە شاھتەررە، چۆبچىن، كاسىنە ئۇرۇقى، ئوسما يىلتىزىنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ قائىدە بويىچە ئرەق تارتىپ 50~30 مىللىلىتىردىن كۈندە ئۈچ قېتىم بېرىلىدۇ.

سىرتقى تەرەپتىن: سىيادان تالقىنىنى ئۆتكۈر سىركە ياكى تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ قىلىپ چېپىلىدۇ ۋە كۈن نۇرىغا ئۇچراشتۇرۇلمايدۇ. يۇلغۇن مېۋىسى (داۋا) نى يۇمشاق سوقۇپ سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چېپىلىدۇ. زەرنىخ، ھاك، شاخار قاتارلىقلارنى يۇمشاق سوقۇپ گۈل مېيىدا يۇغۇرۇپ چېپىلىدۇ. (يۇقىرىقى چارىلارنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ ياكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ئازوت سۇيۇقلۇقى بىلەن توڭلىتىپ داۋالىنىدۇ. ھۆل سۆگەلدىن باشقىسىنى ئوت بىلەن داغلاپ داۋالىنىدۇ.

بەلغەمنى كۆپەيتكۈچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن چەكلەش، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=22

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#