جېيسىن ستاتھىم

جېيسىن ستاتھىم  بولسا (Jason Statham)1967- يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەنگلىيە دە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جېيسىن ستاتھىم
باشقا نامى Jason Statham
يۇرتى ئەنگلىيە
بوي ئېگىزلىكى 180 سانتىمېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 杰森·斯坦森
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 19967-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى
كەسپى مودېل، تەنھەرىكەتچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  جېيسىن ستاتھىم 1967-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەنگلىيە دە تۇغۇلغان. ئۇ بىر ناخشىچى بىلەن تىككۈچىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بۇلۇپ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كېيىن قاراڭغۇ بازار تىجارىتسىگە ئايلاغان.

جېيسىن ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولغان، لوندوندىكى ئوكىسفورد كوچىسىغا جايلاشقان «كوچا تىياتىرخانىسى»دا سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، «كوچا تىياتىرخانىسى» ئەمەلىيەتتە قانۇنسىز سوا بىلەن شۇغۇللىناتتى.

جېيسىن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدا مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا قاتناشقان. 1990-يىلى، جېيسىن «لوندون كىرىستال ئوردا دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەركىزى»دە چېنىقىۋاتقان چاغدا، ۋاستىچىلەرنىڭ نەزىرىگە ئىلىنغان ھەمدە كېيىن ئەنگلىيە دىكى مودا ماركىلارنىڭ مودىلى بولغان، ئېلانلارغا قاتناشقان.

جېيسىن ستاتھىم ئەنگلىيە نىڭ دۆلەتلىك سۇغا سەكرەش ئەترىتىدە 12 يىل تۇرغان.

1998-يىلى، ئەنگلىيىلىك رېژىسسور گاي رىچ جېيسىننى «ئىككى چىلىم» فىلىمىدىكى باش رولچىلارنىڭ بىرى قىلىپ تاللىغان.

2000-يىلى، جېيسىن يەنە گاي رىچ بىلەن ھەمكارلىشىپ «بۇلاڭ-تالاڭ» ناملىق كىنونى ئىشلىگەن. بۇ كىنو 80 مىلىيون دوللارلىق بىلەت كىرىمى ياراتقان. شۇنىڭدىن باشلاپ جېيسىن ستاتھىم ھوللىۋودنىڭ نۇرغۇن فىلىملىرىگە قاتنىشىپ مۇھىم روللارنى ئوينىغان.

جېيسىن ستاتھىم 2002-يىلى، رېژىسسور ھەم سىنارىست لۇك بېيسىن مەخسۇس جېيسىنغا ئاتالغان «خەتەرلىك تېز يوللانما» ناملىق يۈرۈشلۈك فىلىمنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

2003- يىلى، جېيسىن «نەيرەڭۋازلىق» ناملىق فىلىمدە ھەندسوم روبنىڭ رولىنى ئوينىغان.

جېيسىن شۇ يوسوندا «رېۋولۋېر»، «قەھىر –غەزەپ»، «جانغا زامىن ماشىنا» قاتارلىق كىنولاردا باش رولچى بولغان.

2008-يىلى، ئۇ سايلۋېستىر سىتاللون قاتارلىق داڭلىق كىنو  چولپانلىرى قاتناشقان «پىدائىيلار-1»دە رول ئالغان.

2012-يىلى «جاننى ئالقانغا ئېلىپ قوغلاش»، «مىخانىك»، «پىدائىيلار-2» قاتارلىق كىنولاردا باش رول ئوينىغان. 2013-يىلى، «پارك»، «سۈرئەت ۋە قايناق ھىسسىيات-7» قاتارلىق كىنولارغا قاتناشقان.

2014- يىلى، «ئائىلە مۇداپىئەسى»، «پىدائىيلار-3» قاتارلىق فىلىملەردە باش رول ئالغان.

جېيسىن ستاتھىم 1988-يىلى، كورېيە دە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە سۇغا سەكرەش تۈرى بويىچە مىس مىدالغا ئېرىشكەن.

1992-يىلى، 12-نۆۋەتلىك دۇنيا سۇغا سەكرەش چىمپىيۇنلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 12-بولغان.

2013-يىلى، «ھوللىۋودتىكى گۈزەل بەدەنلىك ئەر چولپانلار» قاتارىدا 1-ئورۇنغان تىزىلغان.

2010-يىلى 4-ئايدا، جېيسىن ستاتھىم داڭلىق مودىل روسى خانتىڭتون بىلەن مۇھەببەتلەشكەن.

2013 يىلى 8-ئايدا، ئەنگلىيە لىك مودىل كېللى بروك ئۆزىنىڭ جېيسىن بىلەن 7 يىل مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئاشكارلىغان.

«ئەرلەر ساغلاملىقى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ جېيسىنغا بەرگەن باھاسى:

جېيسىن ستاتھىم 21-ئەسىردىكى ئەڭ نوچى جانبازلىق فىلىم چولپىنى، ئۇنىڭ ئوبرازى ئىكرانلاردىلا شۇنداق قاۋۇل ھەم قاملاشقان بولماستىن، ئۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشتىمۇ «ساغلام ھەم گۈزەل بەدەن»نىڭ ۋەكىلى!

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#