نۆشۇدۇر
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
نۆشۇدۇرنۆشۇدۇر بولسا كان تېشىدىن ئىبارەت. تەركىبىدە ئاممونى خلورىد تۇتقان، ئاق رەڭلىك ياكى كۈل رەڭلىك سۈزۈك كىرىستال كان تېشىدىن ئىبارەت. تەمى قېرىق ھەم ئاچچىق پاقىراق كېلىدۇ. كان تېشىنى كولاپ ئېلىپ،ئارىلاشمىلىرىنى چىقىرىۋېتىپ پاكىزلەپ ئېلىنىدۇ، يىل بويى يىغىۋېلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ چىڭخەي، گۇاڭدوڭ، گۇاڭشى، گەنسۇ، سىچۈەن، قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن؛ ھىندىستان، لىۋىيە قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
تېرىنى قىزارتىش، بۇزۇق ماددىلارنى تازىلاش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، يۆتەل توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سەپرانى تارقىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئاساسلىق تەركىبى ئاممونىي خلورىد (NH4Ci).
نۆشۇدۇر1. نۆشۈدۈرنى سۇدا ئېرىتىپ،بەدەننىڭ تاياق تەگكەن،زەخىملەنگەن،سۇنغان ۋە چىقىپ كەتكەن جايلىرىغا ۋە باشقا سىرتتىن سۈركەلسە ئارام بېرىدۇ،ئەگەر بۇنىڭغا شور قەلىمىنى قوشۇۋەتسە،تەسىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ،
2. نۆشۈدۇردىن 0.3 گرامنى رۇببىسۇس سۇيۇقلۇقىغا قوشۇپ بەرسە يۆتەل،گال ئاغرىقى،كاناي ياللۇغى قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ،
3، نۆشۈدۇرنى سوزاپ سۈيى بىلەن ئېرىتىپ،ئېغىزنى غار-غار قىلىسا، ئېغىزنىڭ پۇرىشىنى يوقىتىدۇ، گالدىكى تۇرۇپ قالغان زۈلۈك قۇرتىنى سىرتقا چىقىرىدۇ .
4. نۆشۈدۇرنى بادام بىلەن مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە كۆكرەكتىكى قۇيۇق بەلغەمنى يوقىتىدۇ،ھەر خىل جاراھەت ۋە چاقىلارنى يوقىتىشتا سۇفۇپ قىلىپ سېپىلىدۇ ياكى مەلھەم قىلىپ سىرتتىن چېپىلىدۇ،
5 . نۆشۈدۇر تالقىنىنى ھەسەل ياكى تۇخۇم ئېقى بىلەن مەلھەم قىلىپ چاپسا بەرەسنى يوقىتىدۇ.
6. نۆشۈدۇر،كۈنجۈت يېغى بىلەن قوشۇپ چېپىلسا قوتۇر، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش،تاز،چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھەببى كەبەدى نۆشۇدۇر، تىزاپ نۆشۇدۇر .
باش ئاغرىقى،سۆڭەك سۇنۇقى ۋە چىقىقى،سوزۇلما يۇتقۇنچاق ئاغرىقى،كاناي ياللۇغى،كالتە يۆتەل، كۆكيۆتەل، ھەزىم ئاجىزلىقى، ئاشقازان ياللۇغى، سېرىقكېسەل، جىگەر ياللۇغى، جىگەر سۇلۇق ئىششىقى، جىگەر چوڭىيىش، بەرەس ۋە چاقا جاراھەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.