يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش يېزا ئىگىلىكىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى
خەنزۇچە نامى 农机安全管理办法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىرىنچى باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ چارە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش يېزا ئىگىلىكىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە « شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»ۋە ئالاقىدار بەلگىلمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئەملىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق،ۋە ئېتىز- ئېرىق سۇ قۇرلىشىدا ئىشلىتىلدىغان تراكتۇرلار، يېزا ئىگىلىك ترانسىپورت ئاپتوموبىللىرى، باشقا ئۆزى يۈرەر ئېنىرگىيە ماشىنىلىرى ۋە قۇۋىتى 8.88كېلوۋاتتىن يۇقۇرى تۇرغۇن ماشىنىلارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلدىغانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرى، شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ھەم شەخسىلەر بۇ چارىگە رىئايە قىلشى كېرەك.

4-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇنلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش پونكىتى مەسئول بولىدۇ.ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپراتىلىرى يولغا قويلىدۇ.

5-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋالغان ئورۇن ياكى شەخسىلەر، ماشىنىسنى سېتۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ۋىلايەت، ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپراتىغا بېرىپ نۇپۇسقا ئالدۇرۇش رەسمىيىتى ئۆتىشى، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان، نومۇر تاختىسى يول يۈرۈش كىنىشكىسى ياكى ئىشلىتىش كىنىشكىسى ئالغاندىن كىيىن ئىشلىتىش كېرەك.

ئىككىنچى باب نومۇر تاختا ۋە كىنىشكە

6-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ نومۇر تاختا ۋە كىنىشكىلىرنىڭ تۈرلەگە ئايرىلشى:

1.نومۇر تاختا: رەسمىي نومۇر تاختىسى ۋە ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.

2.كېنىشكە: يول يۈرۈش كىنىشكىسى ۋە ئىشلىتىش كىنىشكىسى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.

7-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ نومۇر تاختا ۋە كىنىشكىسى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇنلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش پونكىتى موناسىۋەتلىك بەلگىلمىلەر بويىچە بىر تۇتاش ياستىدۇ.ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپراتلىرى تارقىتىدۇ. 

8-ماددا نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسى، ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى تارقىتىدۇ.

1.ئورۇن ۋە ئاھالىلارنىڭ خۇسۇسىي ئىگدارچىلقىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ھەممىسى نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسى، ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى ئېلشى كېرەك. 

2.ئومۇمەن نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسى، ئىشلىتىش كىنىشكىسى ئالىدىغانلار، تۆۋەندىكى ئىسپاتلارنى ھازىرلىشى شەرت.

(1) ساتقان ئورۇننىڭ رەسمىي تالونى. 

(2) مەھسۇلات لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى، كېگەيتىش ئىجازەتنامىسى.

(3) ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، ئورۇن ياكى يېزلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىملىق پونكىتىنىڭ تونۇشتۇرۇش 

3. نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش تەرتىپى.

ئىلتىماس قىلىپ ئالغۇچىلار ۋىلايەت، ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپراتىغا يۇقۇرىدا بايان قىلغان ئىسپاتلارنى كۆرسىتىشى. بەلگىلمە بۇيىچە تىزىملاش جەدۋىلنى ئېلىش ھەمدە جەدۋەلدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تولدۇرۇش كېرەك.خۇسۇسىي ئىگدارچىلىقتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالىدىغانلار ئىمزاسىنى قويۇشى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى ئالىدىغان ئورۇننىڭ تامغىسىنى باستۇرشى لازىم. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تەكشۈرگۈچىلىرى  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا قارىتا بىخەتەرلىك تەكشۈرشى ئېلىپ بېرىش ھەمدە ئىمزاسىنى قويۇشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپراتلىرى تەكشۈرۈپ لاياقەتلىك بولغاندىن كىيىن نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى تارقاتسا بولىدۇ.

9-ماددا ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى تارقىتىش

1.تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شونىڭدەك 8-ماددىنىڭ ئىككىنچى بولىكىدىكى بەلگىلمىلەرگە مۇۋاپىق كەلسە، ماشىنا تىپىغا ئاساسەن مۇناسىپ بولغان ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسنى ئالسا بولىدۇ.

(1) يېڭدىن سېتۋېلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى.

(2) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ تەۋەلىكى ئۆزگەرتىلگەنلەر.

(3) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى ئۇپراپ بۇزۇلغان ياكى يۈتۈپ كېتىپ يېڭى نومۇر تاختىسىنى تۇلۇقلاپ بېرىشنى كۈتىۋاتقانلار. 

(4)پەۋقۇلاددە سەۋەپ ياكى ماشىننىڭ مۇقۇم تەۋەلىكى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، رەسمىي نومۇر تاختىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشقا بولمىغانلار ،ئەمما ۋاقىتلىق يول يۈرۈش زۆرۈر بولغانلار. 

2. ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر ئايدىن ئېشىپ كىتىشكە بولمايدۇ.

10-ماددا نومۇر تاختىسنى ئورنىتىش.

1.چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى روللۇق تراكتۇرنىڭ بىر نومۇر تاختىسى تراكتۇرنىڭ قوغدىنىش دەستىسنىڭ ئوڭ يان تەرپىگە، يەنەبىر نومۇر تاختىسنى پرىتسېپ ئارقا قىسمىنىڭ سول يان تەرپىگە ئورنىتىش كېرەك.

2.كىچىك تىپتىكى روللۇق تراكتۇرنىڭ بىر نومۇر تاختىسىنى تراكتۇرنىڭ ئالدى تەرەپنىڭ ئوتتۇر قىسمىغا يەنەبىر نومۇر تاختىسنى پرىتسېپتىپلىق جاسىنىڭ ئوڭ ئۈستىنكى تەرپىگە ئورنىتىش كېرەك.

3.قول تراكتۇرنىڭ ئىككى  نومۇر تاختىسىنى پرىتسېپتىپلىق جاسىنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرپىگە رەقىمنى ئالدىغا قارىتىپ، يەنە بىرىنى ئارقىغا ئورنىتىش كېرەك.

4. يېزا ئىگىلىك ترانسىپورت ئاپتۇمبىللىرنىڭ بىر نومۇر تاختىسنى ئاپتۇمبىل ئالدىدىكى قوغدىنىش دەستىسنىڭ ئوتتۇرىسىغا، يەنەبىر نومۇر تاختىسنى ئاپتۇمبىل جاھازسىنى ئارقا تەرەپنىڭ ئوتتۇرسىغا ياكى سول تەرپىگە ئورنىتىش كېرەك. نۇمۇر تاختىسى ئېسىش ئورنى لاھىيەنگەن بولسا ، لايىھەلىنىش ئورنى بويىچە ئورنىتىش لازىم.

5. يېزا ئىگىلىك ئۈچ چاقلىق ترانسىپورت ئاپتۇمبىللىرنىڭ بىر نومۇر تاختىسنى كابىنكىنىڭ ئالدى تەرەپنىڭ ئوتتۇرسىغا، يەنەبىر نومۇر تاختىسنى ئاپتۇمبىل جاھازىسى ياكى كۇزۇپ ئارقا تەرەپنىڭ ئوتتۇرسىغا ياكى سول تەرپىگە ئورنىتىش كېرەك. نۇمۇر تاختىسى ئېسىش ئورنى لاھىلەنگەن بولسا ، لايىھەلىنىش ئورنى بويىچە ئورنىتىش لازىم.

6.زەنجىر تاپانلىق تاراكتۇرنىڭ بىر نۇمۇر تاختىسنى تىراكتۇر ئالدى تەرەپنىڭ ئوتتۇرسىغا، يەنەبىر نومۇر تاختىسنى كابىنكا ئارقىسنىڭ ئوڭ ئۈستۈنكى تەرىپىگە ئورنىتىش كېرەك.

11-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ نۇمۇر تاختىسى، كىنىشكىسى، ئارىيەت  بېرىش، ئۆزگەرتىۋېلىش،ياسىۋېلىشقا بولمايدۇ.

12-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ نۇمۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپراتىلىرىدىن باشقا ئورۇن ھەم شەخسىلەرنىڭ سۆكۋېتىش ياكى تۇتۇپ قېلشىغا بولمايدۇ.

13-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ نۇمۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ تارقىتىش.

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ نۇمۇر تاختىسى، كىنىشكىسى يۈتكەن، ئۇپراپ بۇزۇلغان ۋىلايەت، ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپراتىغا ئۆز ۋاقتىدا بېرىپ نۇمۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى تۇلۇقلاپ ئېلىش رەسمىيتى بىجرىش كېرەك. شۇنداقلا بىر ئاي ئىچىدە ئەسلىدىكى نۇمۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنىڭ نومۇر بىلەن ئوخشاش بولغان نۇمۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى تارقىتىپ بىرىش لازىم. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يۈتكەن نۇمۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى گىزىتتە ئېلان قىلشى كېرەك.

ئۈچىنچى باب تەكشۈرۈش

14-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپراتىنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىسى بويىچە ئېلىپ بارىدىغان بىخەتەرلىك تېخنىكىسنى تەكشۈرشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.تەكشۈرتمىگەن ياكى تەكشۈرتىشتىن ئۆتەلمىگەنلىرنىڭ يول يۈرشىگە ياكى مەشغۇلات قىلشىغا بولمايدۇ.

15-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەكشۈرش دەسلەپكى تەكشۈرش، يىللىق تەكشۈرشى، ۋاقىتلىق تەكشۈرشتىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا ئايرىلدۇ.

16-ماددا دەسلەپكى تەكشۈرش يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش، نۇمۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندىكى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت.تەكشۈرۈشنىڭ مەزمۇنى:

1. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشنامىسى، لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى، ماشىنا گەۋدىسدىكى  زاۋۇتتىن چىققاندىكى تەكشۈرۈش بەلگىسى تولۇقمۇ يوق. 

2. «تىزىملاش جەدۋىلى» نىڭ تەلىپى بويىچە،يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا قارىتا  بېكىتىش ئېلىپ بېرىش.

3.ئادەم سېلىش ۋە يۈك كۆتۈرۈش مىقدارىنى بېكىتىش.

(1)ئادەم سېلىشنى بىكتىش. 

ئالدىنقى رەتتە :كابىنكىنىڭ ئىچكى كەڭلىكى 1200 مىللىمىتىردىن چوڭ ياكى تەڭ بولسا ئىككى ئادەم، كەڭلىكى 1650مىللىمىتىردىن چوڭ ياكى تەڭ بولسا ئۈچ ئادەم ئولتۇرۇشقا بىكتىلدۇ.

ئارقا رەتتە :ئورۇندۇقنىڭ ئوزۇنلىقى ھەربىر 400 مىللىمىتىرىغا بىر ئادەم ئولتۇرۇش بىكتىلىدۇ. 

(2)يۈك كۈتۈرۈش مىقدارىنى بىكتىش.

دۆلەت تەرپىدىن تىپى بىكتىلگەن ياكى ئىمپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يۈك كۈتۈرۈش مىقدارى، ئەسلىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشنامىسى بويىچە بىكتىلىدۇ.

ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يۈك كۈتۈرۈش مىقدارى ماتۇرنىڭ قوۋۋىتى، رامنىڭ چىداملىقى، چاقنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى ۋە ئەسلىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يۈك كۈتۈرۈش مىقدارىدىن پايدىلنىپ، ئەڭ كىچىك قىممىتى بويىچە بىكتىلدۇ.

پرىتسېپنىڭ يۈك كۈتۈرۈش مىقدارى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يۈك كۈتۈرۈش مىقدارىنى بىكتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ بىكتىلىدۇ.

4.«يېزا ئىگىلىك ترانسىپورت ئاپتۇمبىللىرنىڭ بىخەتەرلىك مىزانى»ۋە «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىك تېخنىكا شەرتلىرى» گە ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىك تېخنىكا ئىقتىدارىغا قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرلىدۇ.

17-ماددا يىللىق تەكشۈرۈش. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىلەر بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا قارىتا ھەريىلى بىر قېتىم بىخەتەر تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ. ئومۇمەن ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىردىن بۇرۇن نۇمۇر تاختىسى، كىنىشكىسى ئالغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتنىششى كېرەك.

18-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يىللىق تەكشۈرۈشكە مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلىدىن قاتنىشالمىسا، ئۇنىڭ شوپۇر مەشغۇلاتچىلىرى ئىشتىن ئىلگىرى ۋىلايەت، ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپراتىغابېرىپ كىچىكتۈرۈپ تەكشۈرۈش رەسمىيتىنى ئۆتۈشى كېرەك. كىچىكتۈرۈپ تەكشۈرۈش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كىتىشكە بولمايدۇ.

19-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ پېچىتىنى ئېچىپ قايتا ھەيدەش ۋە مەشغۇلات قىلىشتا، ھادىسە سەۋەبىدىن رىمونت قىلنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ،ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان، تىپى ئۆزگەرتىلگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا قارىتا ياكى دېھقانچىلىق پەسلىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقرىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

20-ماددا سەۋەپسىز تەكشۈرۈشكە  قاتناشمىغان ياكى كېچىكتۈرۈپ تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغان ئۈنۈملىك ۋاقتى ئۆتكۈزۋىتىلسە، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىلەر بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

تۆتىنچى باب يۆتكىلىشنى تىزىملاش

21-ماددا تەۋەلىك ئۆزگىرشىنى تىزىملاش.

1. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۆزنىڭ نازارەتچىلىك رايۇنى تەۋەلىكىدىن يۆتكىلىپ چىقىپ كەتكەندە، شوپۇر،مەشغۇلاتچىلار يۆتكىلىپ چىققان ئورۇن ياكى يېزلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ تۇنۇشتۇرشى، نۇمۇر تاختىسى،ۋە شۇ يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن  يول يۈرۈش كىنىشكىسى ياكى ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى  ئېلىپ ۋىلايەت، ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى نازارەتچىلىك ئاپپراتىغا بېرىپ يۆتكىلىپ چىقىش رەسمىيتىىنى ئۆتىشى كېرەك.

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى نازارەتچىلىك ئاپپراتلىرى يۆتكىلىپ كەتكەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى  تىزىملىك دەپتىرى ياكى كومپىيوتىردىن ئۆچۈرۋىتىش ھەمدە ۋاقىتلىق نۇمۇر تاختىسى تارقىتىپ بېرشى كېرەك.

2.يۆتكىلىپ كىرگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇر،مەشغۇلاتچىلىرى يۆتكىلىپ كىرگەن ئورۇن ياكى يېزلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ تۇنۇشتۇرشى،ئەسلىدىكى ئارخىپىنى ئېلىپ يىڭى تەۋەلىكتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا بېرىپ يۆتكىلىپ كىرىش رەسمىيتى ئۆتىشى كېرەك.شۇنىڭدەك ئەسلىدىكى يول يۈرۈش كىنىشكىسى ياكى ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى ئارخىپقا سېلشى،يېڭى نۇمۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى ياكى ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى تارقىتىپ بېرىپ، مۇناسىپ بولغان يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى دەپتىرىگە خاتىرلەپ قۇيۇشى لازىم.

22-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ نۇپۇسىنى يۆتكەش ۋە ئۆزگەرتىش.

1. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۆزنىڭ نازارەتچىلىك رايۇنى ئىچىدە نۇپۇس يۆتكىگەن ياكى شوپۇر،مەشغۇلاتچىلارنىڭ نامى، ئادىرسىنى ئۆزگەرتىش ۋە دەسلەپكى تەكشۈرۈش تۈرىدە ئۆزگىرىش بولغاندا، شوپۇر،مەشغۇلاتچىلار ئورۇن ياكى يېزلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ تۇنۇشتۇرشى، يىللق تەكشۈرىشتىن ئۆتكەن يول يۈرىش كىنىشكىسى ياكى ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى ئېلىپ ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپراتىغا بېرىپ نۇپۇس يۆتكەش ياكى ئۆزگەرتىش رەسمىيتىنى ئۆتىشى كېرەك.

2. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپراتلىرى يول يۈرىش كىنىشكىسى ياكى ئىشلىتىش كىنىشكىسىنىڭ قۇشۇمچە كىنىشكىسى ۋە تىزىملاش جەدۋىلنىڭ مۇناسىپ كاتەكچىلىرنى خاتىرلەپ تامغا بېسىشى، شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تىزىملاش دەپتىرى ياكى كومپىيوتىردا مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

23-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدا تۈۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۈرۈلسە، تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش ۋە نۇپۇشىنى يۆتكەش رەسمىيتى بىجرىلمەيدۇ.

1.يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغان ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلەر.

2.ھادىسە تۇغدۇرۇپ تېخى بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىرى.

3.براكقا چىقرىشقا تەستىقلانغان ياكى براكقا چىقرىش يىلىغا ۋە ئۆلچىمىگە توشقانلىرى.

24-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى براكقا چىقرىش.

1.يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېتاللىرنىڭ ئۇپرىشى ئېغىر بۇلۇپ، براكقا چىقرىش دەرىجىسىگە يىتىپ نورمال ئىشلىيەلمىگەنلىرى ، ۋىلايەت، ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپراتىغابېرىپ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆتىشى كېرەك.

2. شوپۇر،مەشغۇلاتچىلارنىڭ قولىدا ئورۇن ياكى يېزلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ تۇنۇشتۇرشى، يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسسى ھۈكۈمنامىسى  ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرنىڭ براكقا چىقرىش تەستىقى بۇلشى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپراتىنىڭ تەكشۈرشىدىن كېيىن، نۇمۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى ياكى ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى يىغۋېلشى، شۇنىڭدەك يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نۇمۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىسىنى تىزىملاش دەپتىرى ياكى كومپىيوتىردىن ئۆچۈرۋىتىشى لازىم.

بەشىنچى باب ئارخىپ باشقۇرۇش. 

25-ماددا ۋىلايەت، ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپراتلىرى تراكتۇر، يېزا ئىگلىك ترنسىپورت ئاپتومبىللىرى  ۋە كومبايىنلارنىڭ ئارخىبىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ . باشقا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئارخىبىنى ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپراتلىرى تۇرغۇزۇش ۋە ساقلاشقا مەسئۇل بۇلىدۇ.

26-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئارخىپى تۈۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتۋالغان تالۇنى، كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى.

2. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ «مەھسۇلات لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى» ۋە پرىتسېپنىڭ «مەھسۇلات لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى» ياكى كېڭەيتىش ئىجازەتنامىسى.

3.ئۇرۇن ياكى يېزا(بازار)لىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ تۇنۇشتۇرشى.

4.تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تىزىملاش جەدۋىلى.

5.يىللىق تىزىملاش جەدۋىلى.

6.تەۋەلىكنى ئۆزگەرتىش، نۇپۇسنى يۆتكەش، ئۆزگەرتىش ياكى يېزا(بازار)لىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ تۇنۇشتۇرشى.

7.تەۋەلىكنى ئۆزگەرتكەن، كىنىشكىسىنى تۇلۇقلاپ ئالماشتۇرغان ۋاقىتتا يىغۋېلىنغان يول يۈرۈش كىنىشكىسى ياكى ئىشلىتىش كىنىشكىسى.

27-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپراتى يۆتكىلىپ كەتكەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يۆتكىلىپ چىققان ئۇرۇن ياكى يېزا(بازار)لىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ تۇنۇشتۇرشى يۆتكىلىش ئۇقتۇرشىنىڭ كۆتىكى بىلەن قوشۇپ بىر يىل ساقلىغاندىن كىيىن، كۆيدۈرۋەتسە بولىدۇ.

ئالتىنچى باب قۇشۇمچە پىرىنسىپ

28-ماددا بۇچارىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى مەسئۇل بولىدۇ.

29-ماددا بۇچارە ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#