ئېلېكتروۋوز

ئېلېكتروۋوز

ئېلېكتروۋوزنىڭ «كۈچى» ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللىق پاراۋوزلارنىڭكىدىن ئۈچتىن ئىككى قىسىمچە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە پار كۈچى بىلەن ماڭىدىغان پاراۋوزلاردەك كۆمۈر «يېمەيدۇ» ، سۇ «ئىچمەيدۇ» ، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللىق پاراۋوزلارغا ئوخشاش ماي «ئىچمەيدۇ» ، ئۇ ھاۋا كىلىماتى ۋە يەر شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ، مەيلى سۇسىز چۆل بولسۇن ياكى مۇز بىلەن قاپلانغان ئېگىزلىكلەر بولسۇن، توكلا بولسا، كېچە-كۈندۈز دېمەي چېپىۋېرىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئېلېكتروۋوز
چەتئەلچە نامى electric locomotive
كەمچىلىك تەرىپى ئۆزىدە توك مەنبەسى يوق
خەنزۇچە نامى 电力机车
ئارتۇقچىلىق تەرىپى بۇلغىنىشنى ئازايتىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلېكتروۋوزپويىز باۋجىدىن چىقىپ چېڭدۇغا بارغىچە ئاسمان-پەلەك چىنلىڭ تاغلىرىدىن ئۆتكەندە، بار كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان كونا تىپتىكى ئۈچ پاراۋوز 950 توننا يۈكنى سۆرەپ، سائىتىگە ئاران 18 كىلومېتىر ماڭالايدۇ. لېكىن، ئېلېكتروۋوز ئۇنداق ئەمەس، ئوخشاش ئۈچ ئېلېكتروۋوز 2400 توننا يۈكنى سۆرەپ، سائىتىگە 50 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن تاغقا يامىشالايدۇ. 

ئېلېكتروۋوز رېلىسىنىڭ ئۈستىدە شەھەرلەردىكى ترامۋايلارنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان توك لىنىيىسىگە ئوخشاش بىر تال ئۆتكۈزگۈچ بولىدۇ، ئۇ تېگىش تورى دەپ ئاتىلىدۇ. ئېلېكتر ئىستانسىسىدىكى توك مۇشۇ ئۆتكۈزگۈچ بىلەن كېلىدۇ. ئېلېكتروۋوزنىڭ تۆپىسىدە كامالەك شەكلىدىكى توك قوبۇللىغۇچ بار، توك سىيرىلىش تاختىسى بىلەن ئېلېكتر لىنىيىسىنىڭ تېگىشىشى ئارقىلىق ماشىنا ئىچىگە كىرىدۇ، ماشىنىدىكى سۆرەش ترانسفورماتورى توك بېسىمىنى ئېلېكتر دۋىگاتېلغا مۇۋاپىق كېلىدىغان توك بېسىمىغا ئۆزگەرتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ماشىنىدا يەنە ئىككى قۇرۇلما بار. بىرى، ئېلېكتر دۋىگاتېلنىڭ توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىپ، ئېلېكترۋوزنىڭ سۈرئىتىنى تەڭشەيدۇ، ئۇ بېسىم تەڭشەش ۋىكليۇچاتېلى دېيىلىدۇ؛ يەنە بىرى، ئۆزگىرىشچان توكنى تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرىدىغان كوممۇتاتور(توك توغرىلىغۇچ) . پويىز پەسكە ماڭغاندا، سۆرەش ئېلېكتر دۋىگاتېلى گېنېراتورغا ئايلىنىپ، پويىزنىڭ مېخانىك ئېنېرگىيىسىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدۇ، بۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئېلېكتر تورىغا يوللىنىپ ئېلېكتر قارشىلىقىغا سەرپ قىلىنىپ، تورمۇزلاش رولىنى ئوينايدۇ. 

ئېلېكتروۋوزلاردا يەنە بىر يۈرۈش ئېلېكترونلۇق كونترول تورى بولۇپ، ماشىنىدىكى ھەر خىل ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ماس ھەرىكەت قىلىشىنى كونترول قىلىدۇ. شوپۇر ئېلېكتروۋوزنى ترامۋاي ھەيدىگەندەك ھەيدەۋېرىدۇ.

ئېلېكتروۋوزنىڭ «كۈچى» ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللىق پاراۋوزلارنىڭكىدىن ئۈچتىن ئىككى قىسىمچە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە پار كۈچى بىلەن ماڭىدىغان پاراۋوزلاردەك كۆمۈر «يېمەيدۇ» ، سۇ «ئىچمەيدۇ» ، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللىق پاراۋوزلارغا ئوخشاش ماي «ئىچمەيدۇ» ، ئۇ ھاۋا كىلىماتى ۋە يەر شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ، مەيلى سۇسىز چۆل بولسۇن ياكى مۇز بىلەن قاپلانغان ئېگىزلىكلەر بولسۇن، توكلا بولسا، كېچە-كۈندۈز دېمەي چېپىۋېرىدۇ. ئېلېكتروۋوز ئىس چىقارمايدۇ، گاز چىقارمايدۇ، مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ. 




ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#