ئەدەس

مەددە قۇرۇت چۇشۈرۈش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، ئىششىق تارقىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، چىرايغا جۇلا بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ئەدەس
ئەرەبچە نامى ئەدەس (ئە)
ئىنگلىزچە Common Lentil
تونۇش ئەدەس
تەمى تەمسىز كېلىدۇ.
خەنزۇچە نامى 兵豆bing dou
پارسچە نامى نەشىك (پ)
ئوردۇچە نامى مەسۇر (ئو)
تونۇش ئەدەس ناملىق بىر خىل ماشنىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت
چىقىش ئورنى ئىچكى ئۆلكىلەر،ھىندىستان قاتارلىق ئەللەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خام ئەدەس



پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئەدەس ناملىق بىر خىل ماشنىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ ئۇرۇق ھىندىستاندا «شوخدانە»بىنگالدا «ئەكرى »دېيىلىدۇ، رەڭگى قارىغا مايىل بېىغرەڭ ، تەمسىز كېلىدۇ. ئادەتتە «ئەدەس»نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئەدەس





مەددە قۇرۇت چۇشۈرۈش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، ئىششىق تارقىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، چىرايغا جۇلا بېرىش ، غەيرىي تەبئىي قان خىلىتىنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، يۆتەل پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

مەددە قۇرۇت چۇشۈرۈش

ئۇزۇندا سىڭىدۇ، قورساقنى ئېسىدۇ، بوۋاسىرغا ، ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ .

1. مۇۋاپىق مىقدارىدىكى ئەدەسنى قاينىتىپ غەر – غەر قىلىسا ، گال ئاغرىقى ئاۋاز بۇغۇلۇپ قېلىش، ئېغىزغا چىققان ئۇششاق مۇدۇرلارغا پايدا قىلىدۇ.

2. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەدەسنى پىشۇرۇپ زىمات قىلسا، ھەرخىل ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.

3. ئەدەسنىڭ قانىتىلغان سۈيىگە شاتۇتنىڭ قاينىتىلغان سۈيىنى قوشۇپ ئىچسە، ئۆپكە كېسەللىكلىرى  ۋە يۆتەلگە شىپا قىلىدۇ .

تۈزەتكۈچىسى

كۈنجۈت يېغى، سېرىقماي، بادام يېغى ، ھەسەل، سىركە ، قىزىلچا، گۆش قاتارلىقلار.

ئورۇنباسارى 

ماش ، باقىلە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=425

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#