كەرەپشە يىلتىزى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك چىڭسەينىڭ يىلتىزىدىن ئىبارەت بولۇپ، سېلىندىرسىمان شەكلىدە، رەڭگى قارامتۇل قىزىلغا، تەمى ئاچچىق، بىرئاز پۇراقلىق، قاتتىق بولىدۇ.
سۈيدۈك ھەيدەش،قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، نەپەس ھەرىكىتىنىڭ نورمال پائالىيىتىنى ساقلاش قاتارلىقلار.
يۇقىرى قان بېسىم، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيز توسۇلۇش، جىگەر قېتىش، قورساققا سۇ چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
1. قىزىلگۈل ۋە كەرەپشە يىلتىزىدىن 10 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى 20 گرام، كاسىنە يىلتىزىدىن 15 گرام، ئوغرىتىكەندىن 10 گرام، تاۋۇز ئۇرۇقىدىن 10 گرام، قوغۇن ئۇرۇقىدىن 10 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە توسالغۇلارنى ئىچىپ، ئىششىق قايتۇرىدۇ. سۈيدۈك ھەيدەپ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ. 2. خىيارشەنبەردىن 30 گرام، تەمرى ھىندى 20 گرام، كەرەپشە يىلتىزىدىن 15 گرام، كەرەپشە ئۇرۇقىدىن 10 گرام، بىخ سەۋسەدىن 15 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە، شەربەت تەييارلاپ 30 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ، توسالغۇلارنى ئېچىپ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.