ئېچىۋىتىلگەن ئويۇنلار

ئېچىۋىتىلگەن ئويۇنلار دىگىنىمىز ئويۇن خەرىتىلىرى كەڭ بولغان ھەمدە ئويۇندا ھەرقانداق مەشغۇلاتلارنى ئەركىن ئىلىپ بىرىش دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان ئويۇنلارنى كۆرسىتىدۇ .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. پىرخون3 :تەلۋە ئوۋچى

‹‹پىرخون3 :تەلۋە ئوۋچى››بولسا ‹پىرخۇن›› يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلىمى، ئويۇننىڭ ۋەقەلىكى دەل مۇشۇ قىسمىدا ئاخىرلىشىدۇ، بۇ قىتىم مەزكۈر ئويۇنغا ئەڭ يىڭى تىپتىكى REDengine3 ئويۇن موتۇرى ئىشلىتىلگەن بولۇپ كۆرۈنمە يۈزى ئالدىنقى قىسىملىردىن خىلىلا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان، ئويۇننىڭ ئەركىنلىكى بولسۇن، ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرلىشى بولسۇن ياكى ۋەقەلىكى بولسۇن ئالدىنقى قىسمىغا سىلىشتۇرغاندا 30 ھەسسە ياخشىلانغان...

2. قاقاس دالىدىكى مۇھاپىزەتچى

‹‹قاقاس دالىدىكى مۇھاپىزەتچى›› ناملىق ئويۇن بولسا ‹‹GTA›› يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرىنى ياسىغان شىركەت Rockstar نىڭ نادىر ئويۇنى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، ناۋادا سىزدە Xbox360 ئويۇن ماشىنىسى بار تۇرۇپ مەزكۈر ئويۇننى ئوينىمىغان بولسىڭىز، سىزدەل دۇنيادىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشنى قىلغان ئادەم بولىسىز. ناۋادا بۇرۇن نامىنى ئاڭلىماي ئوينىمىغان بولسىڭىز ئۇ سىزدىكى خاتالىق ئەمەس، بۈگۈن بۇ تېمىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يەنە ئوينىمىسىڭىز، سىز ئويۇن ماشىنىسىنى ئويۇن ئوينىغىلى ئالماي ئۆيىڭىزگە تىزىپ قويغىلى، زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ئاپسىز.

مەزكۈر ئويۇنمۇ ‹‹GTA›› ئويۇنلىرىغا ئوخشاش ئىنتايىن ئەركىن لاھىلەنگەن بولۇپ، ئويۇن خەرىتىسىنىڭ كەڭلىكى ‹‹GTA4››دىن ئۈستىن تۇرىدۇ، ئويۇننىڭ ئارقا كۆرنىشى بولسا 20-ئەسىردىكى مىكسىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بايان قىلىنغان. ئويۇننىڭ ۋەقەلىكى بولسۇن مەيلى لاھىلىنىشى بولسۇن ھەرقانداق بىر ئويۇنچىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.

3. ئەپسانە پۈتۈك 5 : سىكايرىم

ئەپسانە پۈتۈك (The Elder Scrolls،تۆۋەندە قىسقارتىلىپ TESدەپ ئاتىلدۇ.) بولسا Bethesda ئېلىكتىرون شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئېپىك ئەپسانە تۈسىدىكى rpg ئويۇن بولۇپ   1994-يىلدىن 2015-يىلغىچە شۇ يۈرۈشلۈك ئويۇنلاردىن 5 بۈلۈم ۋەبىر تور ئويۇنى (ئەپسانە دەۋرى) ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سالغان. بۇ يۈرشلۈك ئويۇنلار نايرىن ناملىق بىر پىلانتتىكى تامرىھىل ئېمپىريىسىنىڭ تارىخدىكى ئاجايىپ غارايىپ ۋەقەلەر ئارقا كۆرۈنىش قىلىنغان.

ئويۇن ۋەقەلىكى «ئالدۇئىن» ئىسىملىك ئەجدىرھانىڭ بەنىتتىن قۇتۇلۇپ قايتىپ كېلىشىدىن باشلىنىدۇ. ئويۇندا باش پىرسۇناژ بىر قاچقۇن جىنايەتچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كاللىسى كېسىلىش ئالدىدا تۇيۇقسىز «ئالدۇئىن» نىڭ ھوجۇمى سەۋەپلىك ئامان قالىدۇ. كېيىن شۇ تەرىققىدە ئۇيۇن داۋاملىشىپ كېيىن باش پىرسۇناژ ئەڭ ئاخىرقى ۋەزىپىدە ياۋۇز ئالدۇئىننى يوقىتىدۇ. بۇ جەرىيانلاردىكى ۋەقەلىكمۇ ناھايىتى كۆپ ۋە جانلىق.

4. ماشىنا ئوغرىسى 5  (Gta5)

ماشىنا ئوغرىسى 5GTA5 بولسا Rockstar North شىركىتى تەرپىدىن ياسالغان، مۇشۇ تۈردىكى ئويۇننىڭ 5-بۆلۈمى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، ئويۇنغا يىڭىدىن كەشىپ قىلىنغان RAGE تىپلىق ئىقنىقلىقى ئالاھىدە يۇقۇرى بولغان ئويۇن موتۇرى ئىشلىتىلگەن،  ئويۇندىكى ۋەقەلىك بولسا Los Santos شەھىرىگە جايلاشتۇرۇلغان، مەزكۈر ئويۇننى ياساش ئۈچۈن 250 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق سۈرەتكە تارتقان بولۇپ، ئويۇندىكى كۆپىنچە جايلار، قۇرلۇشلار ئەمىليەتتە بار بولغان ئىلمىتلاردۇر.

ئويۇندىكى ۋەقەلىكلەر ئىنتايىن تۇرمۇشقا يىقىن قىلىپ تۈزۈپ چىقىلغان، ئويۇندا تەسۋىرلىندىغىنى بولسا ئويۇندىكى ئۈچ پىرسۇناژنىڭ ھەرخىل ھارام يوللار ئارقىلىق ئۆز تۇرمىشىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۆتىدىغان تۇرمۇش كارتىنىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ئويۇننىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا ئويۇن مۇھىتى ئىنتايىن ئەركىن، ھەمدە ئەمىليەتتە قىلىلالايدىغان بەزى ئىشلارنى قىلغىلى بولۇشتۇر.

5. قاتىلنىڭ ئەقىدىسى 4 : قارا بايراق

«قاتىل ئەقىدىسى 4 : قارا بايراق» نىڭ ۋەقەلىكى 1715-يىلىدىكى كارب دېڭىزىغا قايتقان بولۇپ، قاتىل ئەقىدىسى 3 تىكى باش پېرسوناژ Connor Kenway نىڭ چوڭ دادىسى Edward Kenway نىڭ ياش ۋاقتى باش پېرسوناژ قىلىپ بېكىتىلگەن، ۋەقەلىكتە، Edward نىڭ 18-ئەسىردە پەيدىنپەي ئاخىرلىشىشقا باشلىغان كېمە بۇلاش جېڭىغا قاتنىشىپ، ئاخىرىدا قاتىللار ئىتتىپاقىنىڭ چېركاۋ چەۋەندازلىرىغا بولغان كۈرىشىدىكى باش قەھرىمانغا ئايلانغانلىقى سۆزلەنگەن. ئويۇندا يەنە تارىختىكى قارا ساقال، Charles Vane قاتارلىق داڭلىق دېڭىز قاراقچىلىرىمۇ چىقىدىغان بولۇپ، ئوينىغۇچىلار ۋەقەلىك بىلەن بىرگە بىپايان دېڭىزلارنى، دېڭىز قاراقچىلىرى ھۆكۈم سۈرگەن شۇ دەۋرنى قايتا تونۇپ چىقىدۇ.

6. ئەجدىھا دەۋرى: ھۆكۈم قىلىش

ئەجدىھا دەۋرى: ھۆكۈم قىلىش‹‹ئەجدىھا دەۋرى: ھۆكۈم قىلىش›› بولسا پىرسۇناژ (RPG) تۈردىكى ئويۇن، ئويۇننىڭ ۋەقەلىكىنىڭ راۋاجلىنىشى ئوينىغۇچىنىڭ كونتىرۇللىقىدا بولۇپ سىز قايسى يولنى تاللىسىڭىز ئويۇننىڭ ۋەقەلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىمۇ شۇ تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىدۇ، ئويۇندا 3خىل مىللەت ۋە 3 خىل كەسىپ بار، ھىكايە بولسا ئەجدارھا قاپلىۋالغان دۇنيادا باشلىنىدۇ، ئوينىغۇچى ئۆزىگە ماس كەسىپ ۋە مىللەتنى تاللاپ دۇنيانى زۇلمەتتىن قۇتۇلدۇرۇش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ، ئويۇننىڭ ئويناش ئۇسۇللىرى، خەرىتىلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ RPG ئويۇنلىرىدا بار ئىلمىتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇچرىتالايسىز... 

7. رادىئاتسىيە  Fallout

رادىئاتسىيە Fallout‹‹رادىئاتسىيە›› بولسا ئەپسانە پۈتۈكنى ياسىغان خىزمەت گۇرپىسى تەرپىدىن ياسالغان بىر يۈرۈش نادىر RPG (پىرسۇناژ) تۈردىكى ئويۇن ھىسابلىنىدۇ، ئويۇننىڭ خەرىتىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە ئېلمىتلارنىڭ موللىقىدىن ئويۇنچىلارنىڭ سۆيۈپ ئوينىشىغا مۇيەسسەر بولغان نادىر ئويۇنلارنىڭ بىرىدۇر.

8. قىتىشما قۇرال5: مەۋھۇم ئاغرىق

قىتىشما قۇرال5: مەۋھۇم ئاغرىقمەزكۈر ئويۇن بۇ يىلقى قولدىن بىرىپ قويۇشقا بولمايدىغان يۇشۇرۇن جەڭ قىلىش تۈردىكى ناردىر ئويۇنلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ، بۇمۇ GTAئويۇنلىرىغا ئوخشاش ئەركىن ۋەزىپە ئۆتەپ ئوينايدىغان ئويۇن بولۇپ، يىڭىلىقلار ئىنتايىن كۆپ جەڭ قىلىش ئۇسۇللىرى سىزنىڭ خائىشىڭىز بويىچە ئىلىپ بىرلىدۇ....

9. شەپەرەڭ پالۋان: ئارىكخام چەۋەندىزى

شەپەرەڭ پالۋان: ئارىكخام چەۋەندىزى‹‹شەپەرەڭ پالۋان: ئارىكخام چەۋەندىزى››بولسا شۇ ناملىق فىلىنىڭ ۋەقەلىكى ئاساسىدا ئىشلەنگەن نادىر ھەركەتلىك ئويۇنلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ، ئويۇننىڭ ھەركەت ئىلمىتىلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە ئويۇن مۇھىتىنىڭ ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنىڭ تۈرۈتكىسىدە ھەركەتلىك ئويۇنلارنىڭ ئالدى ھىسابلىنىپ كەلمەكتە ...

[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

ئويۇنچىلار كۇلۇبىدىن پايدىلاندى. 

http://www.oyunchi.com/forum.php?mod=viewthread&tid=919

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئويۇنچىلار كۇلۇبىدىن پايدىلاندى.

http://www.oyunchi.com/forum.php?mod=viewthread&tid=919

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (9 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#