گۈلئاۋات يېزىسى

گۈلئاۋات يېزىسى

گۈلئاۋات يېزىسى ئونسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان، قارىمىقىدا 13 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى گۈلئاۋات يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 17593
خەنزۇچە ئاتىلىشى 古勒阿瓦提乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئونسۇ ناھىيەسى
كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گۈلئاۋات يېزىسى ئونسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان، قارىمىقىدا 13 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۈزۈم تېرىقچىلىقى ئاساس قىلىنغان.

گۈلئاۋات يېزىسىگۈلئاۋات يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان. 13 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: گۈلئاۋات كەنتى، مىلىكىئېرىق كەنتى، سېغىزلىق كەنتى، يېڭىئېرىق كەنتى، چاچلىق كەنتى، گۈلئېرىق كەنتى، باغچى كەنتى، مەھەللەئېرىق كەنتى، چىڭتۆمۈر كەنتى، بوستانتوغراق كەنتى، تىگىن كەنتى، ئاقئۆستەڭ كەنتى، جاي كەنتى.

گۈلئاۋات يېزىسىگۈلئاۋات يېزىسى ئونسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 58 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقتە ئاقسۇ شەھىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا يېزا ئىگىلىك 1-شى 6-تۇەن بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربتە ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە قىزىل بازىرى، شىمالىي تەرىپى چاچلىق چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 45 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 931.56 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يېزىغا قاراشلىق 13مەمۇرىي كەنت، 65 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، بىر مەھەللە بار، ھازىرقى نوپۇسى 17593 ئادەم، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 195 مىڭ مو. يېزا بويىچە جەمئىي تەسىس قىلغان ئاساسىي قاتلام پارتكوم بىر، 3 پارتىيە باش ياچېيكىسى، 35 پارتىيە ياچېيكىسى بار. پارتىيە ئەزاسى 732 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە چارۋىچى پارتىيە ئەزاسى 569 كىشى، كاندىدات پارتىيە ئەزاسى 33 نەپەر، ئايال پارتىيە ئەزالىرى 151 ئادەم. 

گۈلئاۋات يېزىسىگۈلئاۋات يېزىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، قەغەز ياڭاق، چىلان  شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدا سېتىلىدۇ. 2011-يىلى يېزا بويىچە يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 43714 تۈمەن يۈەن بۇلۇپ، بۇلتۇرقىدىن 8316 تۈمەن يۈەن كۆپەيگەن، كۆپىيىش نىسبىتى %20.88، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 12423.83 يۈەن، بۇلتۇرقىدىن 2213.99 يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %21.68 بولغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#