يۇرا دەۋرى باغچىسى

يۇرا دەۋرى باغچىسى

يۇرا دەۋرى باغچىسى شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسى يۇرا دەۋرىگە تەۋە دىنازاۋۇر مەنبەلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگو نىڭ ئەجدىھا يۇرتى.

ئۇيغۇرچە نامى يۇرا دەۋرى باغچىسى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
ئورنى جىمىسار ناھىيەسى
خەنزۇچە نامى 侏罗纪公园
قاراشلىق رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇرا دەۋرى باغچىسىيۇرا دەۋرى باغچىسى يۇرا دەۋرىگە تەۋە دىنازاۋۇر مەنبەلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگونىڭ ئەجدىھا يۇرتى. تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، 1928-يىلدىن 1931-يىلغىچە ئېلىمىز ئالىملىرى يۈەن شىيالى پروفېسسور جۇڭگو-شۋېتسىيە غەربىي شىمال بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەترىتىنى يىتەكلەپ، جىمىسار، گۇچۇڭ ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا شىمالىي قىسمىدىكى قاقاسلىق ئۆسۈملۈكلىرى، 72 خىل يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋاننىڭ تاشقاتمىسى بايقالغان. 

1983-يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ شىنجاڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر جىمىسار ناھىيەسىدە سىلىتسىيلاشقان ياغاچ تاش نۇقتىسىنىڭ ئەتراپىدىن بىر دىنوزاۋرنىڭ تاشقا ئايلانغان تاشقاتمىسىنى قېزىپ چىققان. مۇتەخەسسىسلەر دىنوزاۋرنى كەسلەنچۈك پۇتلۇقلار دىنوزاۋر ئۇرۇقدىشى، مامېنشى دىنوزاۋرىنىڭ بىر خىل دەپ تەھلىل قىلغان. ھازىر شىنجاڭ گېئولوگىيە مۇزېيىدا  ساقلىنىۋاتىدۇ. 

2006-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى جىمىسار ناھىيە بازىرىدىكى 200 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان ئېرىق 1-نومۇرلۇق ئورەكدىن بىر دىنوزاۋر تاشقاتمىسىنى بايقىغان، تەن ئۇزۇنلۇقى 35 مېتىر ئەتىراپىدا بۇلۇپ، مەملىكەتلىك «ئاسىيا بويىچە بىرىنچى» ئوتخور كەسلەنچۈك پۇتلۇقلار دىنازاۋۇر تاش قاتمىسى دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان. 

يۇرا دەۋرى باغچىسىيۇرا دەۋرى باغچىسى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 31900 كۋادرات مېتىر، ئاساسلىق ئەسلىھەلەردىن يۇرا دەۋرىدىكى تەقلىدىي دىنازاۋۇر، ئۇچار كەسلەنچۈك ۋە قۇشلار؛ تەقلىدىي ئىپتىدائىي دەرەخلەر، سىلىتسىيلاشقان ئورمان، سۈنئىي تاغ، قەدىمكى دەريا سۈيى سىستېمىسى تارىخىي سەيلە قىلىش يولى قاتارلىق قۇرۇلۇشلىرى بار. قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنغان باغچە جانلىقلار ۋە ھايۋانلارنىڭ ئوبرازى ئەينەن بولۇپ، يۇرا دەۋرىگە تەۋە دىنازاۋۇر باغچىسى دەۋرگە قەدەم قويغان. باغچا ھازىرقى زامان تەقلىد قىلىنغان ھۈنەر-سەنئىتىدە دىنوزاۋر دەۋرىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇلۇپ، مىڭ يىللىق بېشىبالىق تارىخىي مەدەنىيىتىگە ئىگە قەدىمكى دىنازاۋۇر دەۋرىدىكى سىرلىق تۈس ئالغان.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#