لېنىن

لېنىن 1870-يىلى سىمبىرسكى شەھىرىدە (لېنىننى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بۇ شەھەر كېيىن ئوليانوۋسكى دەپ ئۆزگەرتىلدى) تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئىدى. ئۇنىڭ ئاكىسى بىر ئۆكتىچى بولۇپ، چار پادىشاھقا قارشى سۈيىقەستكە قاتنىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. لېنىن 23 يېشىدىلا قىزغىن ماركست ئىدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋىلادىمىر ئىلىئىچ ئوليانوۋ
باشقا نامى Влади́мир Ильи́ч Улья́нов
يۇرتى سىمبىرسكى شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1924-يىلى
تەخەللۇسى لېنىن
خەنزۇچە ئىسمى 弗拉基米尔·伊里奇·乌里扬诺夫
مىللىتى رۇس مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1870-يىلى
كەسپى ئىنقىلابچى، پەيلاسوپ، سىياسىئون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لېنىنلېنىن دېگەن تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان ۋىلادىمىر ئىلىئىچ ئوليانوۋ-رۇسىيەدە كوممۇنىزمنىڭ ئۇلىنى قۇرغان سىياسىي داھىي. ئۇ كارل ماركسنىڭ سادىق شاگىرتى، ئۇ كارل ماركسنىڭ ئىزىدىن قەدەم بېسىپ ماڭدى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. لېنىننىڭ تۇتقان كوممۇمىزم يولى دۇنيادا تېزدىن تارقالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا زور تەسىرگە ئىگە شەخسلەرنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىندى. 

لېنىن 1870-يىلى سىمبىرسكى شەھىرىدە (لېنىننى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بۇ شەھەر كېيىن ئوليانوۋسكى دەپ ئۆزگەرتىلدى) تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئىدى. ئۇنىڭ ئاكىسى بىر ئۆكتىچى بولۇپ، چار پادىشاھقا قارشى سۈيىقەستكە قاتنىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. لېنىن 23 يېشىدىلا قىزغىن ماركست ئىدى. 1895-يىلى 12-ئايدا، ئۇ چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى پائاللىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىندى. تۈرمىدە 14 ئاي ياتقاندىن كېيىن، سىبىرىيەگە سۈرگەن قىلىندى. 

سىبىرىيىدىكى ئۈچ يىللىق سۈرگۈن تۇرمۇش جەريانىدا، لېنىن بىر ئايال ئىنقىلابچى بىلەن توي قىلدى ۋە بۇ جەرياندا «رۇسىيەدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتى» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقتى. 1900-يىلى، ئۇ سۈرگۈن مۇددىتى توشۇپ، ياۋروپاغا باردى. ئۇ يەردە 17 يىلنى ئىنقىلاب ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزدى. لېنىن ئەزا بولغان سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئۇ كۆپ سانلىقلارنىڭ يەنى بولشېۋىكلارنىڭ داھىيىسى بولدى. 

لېنىنبىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى لېنىنغا ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. چۈنكى بۇ ئۇرۇش رۇسىيە ئۈچۈن ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر قېتىملىق ئاپەت ئىدى، شۇڭلاشقا خەلق چارىزم تۈزۈمىگە تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى. 1917-يىلى 4-ئايدا، چار پادىشاھ تۈزۈمى ئاغدۇرۇلدى. روسىيە بىر مەھەل دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى. چار پادىشاھنىڭ ئاغدۇرۇلغان خەۋىرىنى ئاڭلىغان لېنىن دەرھال رۇسىيەگە قايتىپ كەلدى. لېنىن ناھايىتى ئۆتكۈر ئىدى. ئۇ دېموكراتلار پارتىيىسى گۇرۇھى گەرچە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى سەزدى؛ ئادەم سانى ئاز، لېكىن تەشكىلاتى ناھايىتى چىك بولغان كوممۇنىستىك پارتىيە بۇ ياخشى پۇرسەتنى تۇتۇپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭلاشقا لېنىن بولشېۋىكلارنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنى دەسسىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەچكە لېنىن بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇۋالدى. 1719-يىلى 11-ئايدىكى يەنە بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە، لېنىننىڭ پارتىيىسى غەلىبە قىلدى. ئۇ دۆلەت باشلىقى بولدى. 

دۆلەت باشلىقى بولغان لېنىن ئۈچۈن، كوممۇنىزم تۈزۈمىنىڭ ئۇلىنى تۇرغۇزۇش ناھايىتى تەسكە توختىتىدى؛ لېنىن دۆلەت ئىگىلىكىنى سوتسىيالىزم ئىگىلىكىگە ئۆزگەرتىش جەريانىدا، جاپالىق خىزمەت قىلدى. ئۇ ئۆزىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قوياتتى. 

ئۇزۇن ئۆتمەي يەرلەنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزدى. 

لېنىن1922-يىلى لېنىن توساتتىن ئېغىر كېسەلگە گرىپتار بولۇپ، تا 1924-يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلەلمەي خىزمەت قىلالمىدى. ئۇنىڭ جەسىتى چىرىشتىن ساقلاش تېخنىكىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، تا بۈگۈنگە قەدەر موسكۋا قىزىل مەيداندىكى لېنىن ماۋزولېيىدا ساقلانماقتا.

لېنىن-رۇسىيەدە كوممۇنىزم دۆلىتى قۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى، ئۇ ماركسنىڭ تەلىماتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. 

1917-يىلىدىن باشلاپ، كوممۇنىزم تەلىماتى ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقىلىشقا باشلىدى، ھازىر دۇنيانىڭ 3/1 قىسمىغا يېقىن ئاھالە كوممۇنىزم پرىنسىپلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. گەرچە، لېنىن بىر مەشھۇر سىياسىي داھىي بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ نوپۇزى ۋە تەسىرى ئۇنىڭ ئەسىرىدە (تەخمىنەن 55 توم) كۆرۈلىدۇ. ئۇ ئىنقىلاب تاكتىكىسىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇ ئىنقىلابىي زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى يۈرگۈزۈشنىمۇ تەكىتلىگەنىدى. لېنىن دەۋرىدىن باشلاپ، كوممۇنىستىك تۈزۈمنى تاللىۋالغان دۆلەتلەر ھاكىمىيەت ۋە ئاخبارات، بانكا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلارنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇنداق تۈزۈمنى ئۆزگەرتمىدى ياكى بۇنداق تۈزۈمگە قارشى چىقمىدى. 

روشەنكى، كوممۇنىزم-تارىختا ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە ھەرىكەت، لېنىن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي سىياسىي ئىقتىدارى رۇسىيەدە كوممۇنىزم تۈۋرۈكىنى مۇستەھكەملەشتىكى ھەل قىلغۇچى ئامىل بولۇپ قالغانىدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#