جىن جى شيۇ
جىن جى شيۇ 1972-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى كورىيە سىئولدا تۇغۇلغان. كورىيە قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت سىنىپىنى پۈتتۈرگەن، چىڭشنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىياتىر كىنو ئىلمى بويىچە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1992–يىلى جىن جى شيۇ SBS تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا كىرگەن، ئىستانسىنىڭ رەسمىي ئارتىسى بولغان، شۇ يىلى سۈرەتكە ئالغان تۇنجى تېلۋىزىيە تىياتىرى «جىنايى ئىشلار ساقچى ئايال 8080». 1933 يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يىراقتىكى سۇڭخۇاجياڭ»دا رول ئالغان.
1994-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسى»دا رول ئالغان؛ شۇ يىلى «M» تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قاتناشقان. 1996-يىلى « شۇ مەزگىلدە» تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قاتناشقان. 1997-يىلى «ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز مۇھەببەت»تە KBS رول ئېلىش ماھارىتى مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ شۇ يىلى يۈ سەي لىن، جىن بازىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تېلېۋىزىيە تىياتىرى «گۈزەل يىللار» رول ئالغان.
1998-يىلى بىلەن جېڭ باۋيۈ، پۇ لوڭخې ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يەنە بىر كۆرسەم»دە رول ئالغان؛ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا 19998-يىلى 3-ئايدىن تارتىپ 1999-يىلى 4-ئايغىچە سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە جىن جى شيۇ فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدا ئىزچىل تۇرۇپ، ئۆزىگە تېلىۋىزىيە-تىياتىردىكى پېرسوناژنىڭ ئوبرازىنى چوڭقۇر سىڭدۈرگەن. شۇ يىلى جىن جى شيۇ «يەنە بىر كۆرسەم» دېگەن فىلىمدە يىن جۇنىڭ رولىنى ئېلىپ 1998-يىلى رول ئېلىش ماھارىتىدە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
1999-يىلى يۈ جىن شىياڭ بىلەن سوڭ خۇي چىياۋ ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «شېرىن قىز»دا رول ئالغان.
2000-يىلى شۈ جىن خاۋ بىلەن جاڭ شى ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قەلەندەر شاھزادە»دا رول ئالغان، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرنىڭ كورىيەدە كۆرۈلۈش نىسبىتى %30 تىن ئېشىپ كەتكەن.
2001-يىلى پۇ جىڭ جې بىلەن چۈەن شياڭيۈنى، جىن يۈلەر ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مۇھەببەت رىۋايىتى»دە رول ئالغان، ياپونىيە تەرەپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، فۇجى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كۆپ قىسىملىق تىياتىرى «دېڭىز شامىلى»دا رول ئالغان.
2003-يىلى جىنجۇچى،ۆادوشىن ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «لەيلەپ مۇھەببەت»دا پۇ شاڭ شىنىڭ رولىنى ئالغان.
2004-يىلى جىن جى شيۇ، تارىخىي دراما «قەھرىمانلىق دەۋرى» فىلىمىدە، نەس باسقان سەرگەردان سەنئەتكار بولغان قىز پۇ سۇشىيەننىڭ رولىنى ئالغان.
1999-يىلى جاڭ يۈەن قىشلىق ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پەخرىي تەشۋىقات ھەيئەتلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 2009-يىلى 5-نۆۋەتلىك دۇنيا ساپال قوش يىل كۆرگەزمىسى تەشۋىقات ئەلچىسى بولغان.
1998-يىلى MBC رول ئېلىش ماھارىتىدە ئەڭ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ 4-نۆۋەتلىك كورىيە كىنو مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى 10 مۇنەۋەر ئايال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ 26-نۆۋەتلىك كورىيە يېڭى ئۈمىد مۇكاپاتىدا ئايال تەنھەركەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ 2005-يىلى سىنگاپور خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
2008-يىلى KBS رول ئېلىش ماھارىتى ئەڭ مۇنەۋۋەر رول ئالغان ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2005-يىلى 26-نۆۋەتلىك كورىيە ئەجدىھا كىنو مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال تەنھەركەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2005-يىلى 6-نۆۋەتلىك فۇشەن كىنو باھالىغۇچىلار جەمئىيىتى مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئايال تەنھەركەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2005-يىلى 4-نۆۋەتلىك كورىيە كىنو مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى ئايال تەنھەركەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2005-يىلى TOM شان-شەرەپ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا «كورىيە ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
2005-يىلى سىنگاپور خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2002-يىلى SBS رول ئېلىش ماھارىتىدە ئەڭ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
1998-يىلى MBC رول ئېلىش ماھارىتىدە ئەڭ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
1997-يىلى KBS رول ئېلىش ماھارىتىدە مۇنەۋۋەر رول ئېلىش ماھىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.