خۇڭدۆڭ بازىرى

خۇڭدۆڭ بازىرى

خۇڭدۆڭ بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرىگە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 1080 كۋادرات كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى خۇڭدۆڭ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 1080 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 红墩镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئالتاي ۋىلايىتى
نوپۇسى 15 مىڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خۇڭدۆڭ بازىرىخۇڭدۆڭ بازىرى ئالتاي شەھىرىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا، قىران دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان، بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئالتاي −خۇڭدۆڭ تاشيولى بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى قولاي. 2006 - يىلى بېكىتىلگەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 30 نۇقتىلىق ئۈلگىلىك يېزا-بازارنىڭ بىرى. پۈتۈن بازار قارمىقىدا 16 مەمۇرىي كەنت بار، ئومۇمىي نوپۇسى 15 مىڭ، قازاق، خەنزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق 11 مىللەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار % 41 نى ئىگىلەيدۇ، قازاق %48 نى ئىگىلەيدۇ، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر %11 نى ئىگىلەيدۇ.  

خۇڭدۆڭ بازىرىخۇڭدۆڭ بازىرى نەسىللىك كالا باقمىچىلىقى، كۆكتات تېرىقچىلىقىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئاساس قىلىنغان، توشقان باقمىچىلىقى خۇڭدۆڭ بازىرىدا نۇقتىلىق ئومۇملاشتۇررۇلغان «ھويلا-ئارام ئىگىلىكى» بۇلۇپ قالغان. توشقان تېرىسى ئالىي دەرىجىلىك خۇرۇم ياساشنىڭ خام ئەشياسى، بىر پارچە توشقان تېرىسى پىششىقلاپ ئىشلەنسە، بازار باھاسى 55 يۈەنگە يېتىدۇ، ھالبۇكى توشقان گۆشى تەملىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىغا باي، ئوخشاشلا ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. توشقان ئاشلىق سەرپىياتى تۆۋەن، يىرىك بېقىشقا چىداملىق، كۆپىيىشى تېز. ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، قىزىلتاش بازىرى ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرغان، ھازىر 70 نەچچە ئادەم (قېتىم) تەشكىللەپ كۆكتوقاي، قابا دەرياسى قاتارلىق ناھىيە، شەھەر ۋە قازاقىستان رايونىغا توشقان بېقىش، موگۇ، ئادەمگىياھ مېۋىسى تېرىش تېخنىكىسىنى ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشكە تەشكىللىگەن ھەمدە مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئۆزگىچە باقمىچىلىق قىلغۇچىلار 48 گە يەتكەن.

خۇڭدۆڭ بازىرىخۇڭدۆڭ بازىرىغا قاراشلىق كۆكساي كەنتى، بۆكەنبۇلاق كەنتى، مايىمخان كۆل ئالاھىدە كەنتى، ئۇتبۇلاق كەنتى، ساياتېرەك كەنتى، دولاتى كەنتى، كۆكتۆپە كەنتى، مىس كەنتى، قوشقورۇ سالكا كەنتى، قىيار ئۆتكەل كەنتى، جاۋنتوغام كەنتى، ئاقتاش كەنتى، كۆكبۇقا كەنتى، شالغىن قامىس كەنتى، قامىستى كەنتى، كېلتېگېي كەنتى، بىتەۋىرگې كەنتى، شىبېت كەنتى، تاستاق كەنتى، قىزىل قوشۇپ كەنتى قاتارلىق 20 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. 

خۇڭدۆڭ بازىرىخۇڭدۆڭ بازىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1080 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 52 مىڭ مو، ئاساسلىقى بۇغداي، گۈللۈك سەي پۇرچاق، قوناق، تاتلىق ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر، تېرىق، مايلىق ئاپتاپپەرەس، گازىر تاۋۇز، قوغۇن، گازىر، بېدە، سىلوس قونىقى قاتارلىق 10 نەچچە خىل زىرائەت؛ پۈتۈن بازاردىكى 600 گە يېقىن كۆكتات پارنىكى بار، پەمىدۇر، قاپاق كاۋا، تەرخەمەك، قىزىلمۇچ، بۆلجۈرگەن، ئەنجۈر شاپتۇل، ئاخراس قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق كۆكتات ۋە مېۋە يېتىشتۈرىلىدۇ؛ پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق 70 مىڭ مو، ئالتاي شەھىرىنىڭ چارۋىچىلىق چوڭ بازىرى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#