قەنتلىك زەرەڭ دەرىخى

قەنتلىك زەرەڭ دەرىخى

قەنتلىك زەرەڭ دەرىخى دۇنيادىكى شېكەر ماتېرىيالى ھېسابلىنىدىغان ئۈچ چوڭ ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى ناھايىتى مول. ئادەتتە 15 يىلدىن ئاشقان قەنتلىك زەرەڭ دەرىخىدىن دەرەخ شىرنىسىنى يىغىۋېلىشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قەنتلىك زەرەڭ دەرىخى
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئېرەن ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 枫树
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ساپىندۇس دەرىخى تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى ئېرەن ئۇرۇقدېشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەنتلىك زەرەڭ دەرىخىقەنتلىك زەرەڭ (شېكەر ئېرەن) دەرىخى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئېگىزلىكى 30 −40 مېتىرغا يېتىدۇ، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى 60 ~100 سانتىمېتىر كېلىدۇ. 

ئەسلىي ماكانى شىمالىي ئامېرىكا بولۇپ، كانادادا كۆپرەك ئۆسىدۇ، شۇڭا كانادا «قەنتلىك زەرەڭ دۆلىتى» دېيىلىدۇ. 

قەنتلىك زەرەڭ دەرىخىقەنتلىك زەرەڭ دەرىخى دۇنيادىكى شېكەر ماتېرىيالى ھېسابلىنىدىغان ئۈچ چوڭ ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى ناھايىتى مول. ئادەتتە 15 يىلدىن ئاشقان قەنتلىك زەرەڭ دەرىخىدىن دەرەخ شىرنىسىنى يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. ھەر نۆۋەت ئەتىيازدا، كانادالىقلار قەنتلىك زەرەڭ دەرىخى شىرنىسىنى كېسىپ يىغىۋېلىشقا باشلايدۇ، ئۇلار دەرەخ غولىغا تۆشۈك تېشىپ نەيچە-شلانكىلارنى تىقىپ، ئاق رەڭلىك دەرەخ شىرنىسىنى نەيچە-شلانكىلارنى بويلاپ ئېقىتىپ يىغىۋېلىش تۇڭىغا چۈشۈرۈۋالىدۇ. ھەر تۆشۈكتىن 100 نەچچە كىلوگرام دەرەخ سۇيۇقلۇقىنى يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇنداق دەرەخ سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى %5. 0 ~ %7، يۇقىرى بولغاندا %10 بولىدۇ. 15 يىللىق بىر تۈپ قەنتلىك زەرەڭ دەرىخىدىن ھەر يىلىغا 2 −3 كىلوگرام ساپ شېكەر يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. ھەر بىر تۈپ دەرەختىن ئۇدا 50 يىل شېكەر ئېلىشقا، بەزىلىرىدىن 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت شېكەر ئېلىشقا بولىدۇ. 

قەنتلىك زەرەڭ دەرەخ سۇيۇقلۇقىدىن قاينىتىپ چىقىرىلغان شېكەر قىيامى ھەسەلدەك شېرىن بولۇپ، ئادەتتە «زەرەڭ شېكىرى» دېگەن ئاتىقى بار. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ساخاروزا، ئۇنىڭدىن باشقا گلۇكوزا، فرۇكتوزىلار بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، ھەسەلدىن قېلىشمايدۇ، زەرەڭ شېكىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ، يېمەكلىك قىلىنغاندىن باشقا، يەنە يېمەكلىك سانائىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. كانادانىڭ زەرەڭ شېكىرى مەھسۇلاتى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ، چەت ئەللەرگە سېتىلىدۇ. 

كامبودژا تەۋەلىكىدىمۇ بىر خىل شېكەر چىقىرىدىغان دەرەخ بولۇپ، «شېكەر پالمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاھالىلەر ئۇنى «گۆھەر دەرەخ» دېيىشىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ شېكەر شىرنىسى دەرەخ غولىدىن ئېقىپ چىقماستىن، بەلكى گۈل رېتىدىن كېسىپ يىغىۋېلىنىدۇ، ھەر كۈنى ئۈچ بامبۇك سوغىنى تولدۇرغىلى، ئۇدا يېرىم يىل ئېقىتىپ ئالغىلى بولىدۇ. بىر تۈپ چوڭ شېكەر پالمىسى دەرىخىدىن بىر يىلدا 50 كىلوگرامدىن ئارتۇق شېكەر ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ. 

قەنتلىك زەرەڭ دەرىخىھەر نۆۋەت سالقىن كۈز شامىلى يېتىپ كەلگەندە، تۇتاش-تۇتاش زەرەڭلىكلەردىكى زەرەڭ دەرەخلىرىدە قىزارغان يوپۇرماقلار ئېسىلىپ، خۇددى نۇرلۇق شەپەقتەك ئىنتايىن گۈزەل كۆرۈنىدۇ. كانادالىقلار ئاجايىپ چىرايلىق زەرەڭ يوپۇرماقلىرىنى دۆلەت تەۋەررۈكى دەپ بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى قاتارلىقلاردا قىزىل رەڭلىك زەرەڭ يوپۇرمىقى سىزىلغان. زەرەڭ يوپۇرمىقى كانادانىڭ نامايەندىسى ۋە دۆلەت گۈلى بولۇپ قالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#