ئەگۈس يېزىسى
ئەگۈس يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەگۈس يېزىسىنىڭ ھازىرقى نوپۇسى 8498 ئادەم، 1861 ئائىلە. پۈتۈن يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 17 مىڭ 500 مو بۇلۇپ، ھەممىسى كۆچۈرۈپ تىكىلگەن ئەلا سۈپەتلىك سەمىتئۆرۈكى بار. ئومۇمىي تۈپ سانى 385 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن. ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ كىشى بېشىغا 2 مو باغ، كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 45 تۈپ نىشانى، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئۆرۈك چېچىكى كەنتى» بولۇپ قالغان. يېزىدىن ھازىر يىلىغا 20 مىڭ توننا ئۆرۈك چىقىدۇ.
ئەگۈس يېزىسى قارمىقىدا سەككىز كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: توغرىقئېرىق كەنتى، ئۈرۈكچەكمەھەللىسى كەنتى، ھويلا مەھەللىسى كەنتى، ئىنچىكە ئېرىق كەنتى.....قاتارلىقلار.
2004-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگۇ خەلق بانكىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەركىزىي تارماق بانكا باشلىقى رازى مەمەت بارلىق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى باشلاپ يۆلەش نۇقتىسى بولغان ئورۇن-يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئەگۈس يېزىسىدا نامراتلارنى يۆلەش ھال سوراش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. شۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە 12 دانە كومپيۇتېر ئىئانە قىلغان ۋە بېسىپ چىقىرىش ماشىنىسى، ئۈستەل-ئورۇندۇق قاتارلىق قۇشۇمچە ئەسلىھەلەرنىمۇ تۇلۇقلاپ بەرگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ساھەلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان، مەزكۇر بانكا نوقۇل نامراتلارنى يۆلەشنى تەرەققىيات يولى بىلەن يۆلەشنى يولغا قويغاندىن بۇ يېزىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولغان. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نامرات ھالىتى بارا-بارا ئاممىدىن ئايرىلىپ بېيىشقا باشلاپ، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتى بارغانسېرى ئازلىغان. نامرات نوپۇسلارمۇ يىلدىن-يىلغا ئازايغان، مەزكۇر بانكا مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تۇتقا قىلىپ، بۇ يېزىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقارەھبەرلىك قىلىشنى قارار قىلغان.
مەزكۇر بانكا ھال سوراش پائالىيىتىدە كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش ئېلىپ بارغان. مەزكۇر بانكا كادىرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يەنە نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش قوراللىرى، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارنى ئىئانە قىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.