ئېكسون موبىل شىركىتى

ئېكسون موبىل شىركىتى

ئېكسون موبىل شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەتسىز نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى، باش شىتابى ئامېرىكىدىكى تېكساس شتاتى ئەيۋېن شەھىرى تەسىس قىلىنغان. دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى ۋە مەھسۇلات سىتىش، ئالتە چوڭ قىتئە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نېفىت-تەبئىي گاز چارلاش كەسىپكە پىشقان؛ ئېنېرگىيە ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتى ساھەسىدە نۇرغۇن تەرەپلىرى ساھە بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.  

ئۇيغۇرچە نامى ئېكسون موبىل شىركىتى
شىركەت تىپى غەيرىي ھۆكۈمەت نېفىت تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى
قۇرغۇچىسى يۇھان روكفىللېر
يىللىق ئوبوروتى 2462.04 يۈز مىليون (2015-يىلى)
توربېكىتى http://www.exxonmobil.com/
خەنزۇچە ئاتىلىشى 埃克森美孚公司
باش شىتابى ئامېرىكا تېكساس شىتاتى ئەيۋېن شەھىرى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1882-يىلى
خىزمەتچى سانى 86 مىڭ ئادەم
چەتئەلچە نامى Exxon Mobil Corporation

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېكسون موبىل شىركىتىئېكسون موبىل شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەتسىز نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى، باش شىتابى ئامېرىكىدىكى تېكساس شتاتى ئەيۋېن شەھىرى تەسىس قىلىنغان. دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى ۋە مەھسۇلات سىتىش، ئالتە چوڭ قىتئە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نېفىت-تەبئىي گاز چارلاش كەسىپكە پىشقان؛ ئېنېرگىيە ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتى ساھەسىدە نۇرغۇن تەرەپلىرى ساھە بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.  

بۇنىڭدىن سىرت ئۇ دۇنيادىكى بازار قىممىتى يۇقۇرى بولغان تۇنجى ئامېرىكا دوللىرىلىق شىركىتى.

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى «بايلىق" دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك ئەڭ يېڭى دەرىجە تەرتىپىدە ئېكسون موبىل شىركىتى 6-ئورۇندا تۇرغان. 

ئېكسون موبىل شىركىتىئېكسون موبىل شىركىتىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولغان يېڭى جېرسى ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتى 1882-يىلى داڭلىق يەھۇدى مالىيە دوكاسى يۇھان روكفىللېر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلىپىدە ئۆي-مۈلۈك، پولات تۆمۈر ۋە پۇل-مۇئامىلە، نېفىت قېزىش قاتارلىق ئۇنۋېرسال كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان، بولسىمۇ كېيىنكى يىللاردا ئىزچىل نېفىت ساھەسىگە قاراپ تەرەققى قىلىپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئامېرىكىنىڭ نېفىت پىششىقلاش ۋە پارچە سېتىش ساھەسىدىكى ماگىنات بولۇپ قالغان. 

1911-يىلى ئامېرىكا فىدىراتسىيە سوتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ يۇھان روكفىللېر مالىيە گۇرۇھىنى پارچىلىۋەتكەندىن كېيىن شىركەتنىڭ ئاساسلىق نېفىت پىششىقلاش ۋە سېتىش گەۋدىسى 1920-يىلى تېكساس نېفىتلىكىگە ئېرىشىپ شىركەت تارىخىدا زور بۇرۇلۇش نۇقتىسى ياسىغان، 30-يىللاردا ھىندونېزىيە دە نېفىتلىك ئېچىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. 50-يىللاردىن كېيىن ئەنگلىيە نىڭ ئافرىقا رايونىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ ئافرىقىغا قارىتىلغان پاراۋانلىق سىياسەتلىرى ئارقىلىق يەرلىك كۈچلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئاستا-ئاستا شەرقى ۋە غەربى ئافرىقىدىكى نېفىتلىكلەرگە ئېرىشىپ تۈز سىزىق شەكلىدە تەرەققى قىلغان. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋىتى ئىزچىل تۈردە شىركەتنىڭ كوزىرلىق ئۈستۈنلىكى بولغانلىقتىن 50-يىللاردىن 70-يىللارغىچە يېڭى جېرسى ئۆلچىمى شىركىتى ھەر تۆت يىلدا مەبلىغىنى بىر قاتلاپ تەرەققى قىلىپ ماڭغان. 

70-يىللاردىن كېيىنكى نېفىت كىرزىسىدىن كېيىن شىركەت زور كۈچ بىلەن نېفىت بۇرغىلاش، توشۇش ۋە پىششىقلاشقا مۇناسىۋەتلىك ماشىنا، تۇرۇبا، ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ بازارغا سېلىپ نېفىت ساھەسىدە كىملا نېفىت ساتسا يېڭى جېرسى ئۆلچىمى شىركىتىگە پۇل تېپىپ بېرىدىغان ئەندىزىنى ئاساسى جەھەتتىن شەكىللەندۈرگەن. 

1972-يىلى شىركەت نامىنى ئېكسون شىركىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن توختىماي باشقا شىركەتلەرنى قوشۇۋېلىپ، 1989-يىلىغا كەلگەندە 60-يىللاردا قۇرۇلۇپ روناق تاپقان يەنە بىر كونا شېرىكى موبېل نېفىت شىركىتىنى قوشۇۋېلىپ ئېكسون موبىل شىركىتى دەپ ئاتالغان ۋە 2005-يىلىغا كەلگەندە 328 مىلىيارت 210 مىليون دوللارلىق يىللىق تىجارەت سوممىسى بىلەن دۇنيا بويىچە يىللىق تىجارەت سوممىسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، 208 مىلىيارت دوللار مەبلەغگە ئىگە دۇنيا نېفىت ساھەسىنىڭ ماگىناتىغا ئايلانغان.

دۆلەت ھالقىغان چوڭ كارخانا

ئېكسون موبىل شىركىتىئېكسون دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ يۇقىرى كەسپ نېفىت شىركىتى. ئېكسون بىر قانچە مىسال چۈشەندۈرۈلىشى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە شىركەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ سانلىق مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە: 30 دۆلەت چارلاش ۋە ئىشلەپچىقىرىش.

خام نېفىت ۋە تەبىئىي گاز 128 مىليون توننىلىق يىللىق مەھسۇلات مىقدارى ئېشىپ كەتكەن.

75 دۆلەت ئىچىدە، ھەر يىلى 2.65 يۈز مىليون توننا نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئېشىپ كەتكەن.

ئېكسون خىمىيە سانائىتى دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدىغان نېفىت-خىمىيە سانائىتى شىركىتى، 100 نەچچە دۆلەت ئىچىدە، ھەر يىلى سېتىش 17 مىليون توننا نېفىت خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتى ئېشىپ كەتكەن.

شياڭگاڭ ئىگە بولغان بىر قانچە توك تارقىتىش زاۋۇتى كۆپ قىسىم پېيى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىسسىقلىق بىلەن توك چىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەن تەمىنلەش ئىقتىدارى، جەمئىي 7.500 مېگاۋاتتىن يۇقىرى سىغىم. ئېكسون دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇستەقىل ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ بىرى.

كولومبىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېكسپورت تىجارىتى كۆمۈر كان ۋە باشقا ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە كۆمۈر كېنى، چىلىدا ئىككى مىس كېنى ۋە بىر مېتال تاۋلاش زاۋۇتى بار.

ئېكسون يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تەرەققىيات كۈچىگە ئىگە بولغان ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، 1997-يىلى مەبلەغ سوممىسى 8 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇنىڭ ئىچىدە 70% تىن ئارتۇق ئامېرىكىدىن باشقا تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

ئىلغار تېخنىكىسى

ئېكسون موبىل شىركىتىئېكسون ئۇزۇندىن بېرى تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بۇلۇپ، شۇڭا ئىزچىل تېخنىكا جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئالدىنقى ئورۇندا  ساقلاپ كېلىۋاتقان. ئېكسون يەر شارى مىقياسىدا 20 دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى تەتقىقات ۋە قۇرۇلۇش مەركىزى ھەمدە نۇرغۇن كىچىك تەتقىقات ئورنى ۋە تېخنىكا مۇلازىملىقى ئەسلىھەلىرى سەپلەپ بەرگەن. ئېكسون بىر قانچە ئاساسلىق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغان ھەمدە يېڭى ئېچىش ۋە قوللىنىلىش دائىرىسى داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كېلۋاتقان. [0]

يۇھان روكفىللېريۇھان روكفىللېر (John Davison Rockefeller)، ئامېرىكىلىق يەھۇدى ئەۋلادىدىن بولغان مونوپول كاپىتالىست. 1839-يىلى نيۇيورك شتاتىدا تۇغۇلغان.

روكفىللېر دۇنيادىكى تۇنجى مىليادىر، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە دۇنيا تارىخىدىكى بايلىقى ئەڭ تېز كۆپەيگەن، ھازىرغا قەدەر ھىچكىم يېتەلمىگەن پەللىگە چىققان، مۆجىزە خاراكتىرلىك ئىقتىسادقا ئىگە بولغان باي. روكفىللېر ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى مال-مۈلۈكنىڭ ئۇمۇمى قىممىتى 10 مىليارد ئۇنسىيە ئالتۇندىن ھالقىغان بولۇپ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ %7 نى ئىگەللەپ تارىختىن بۇيان ۋە ھازىرغا قەدەر ھىچكىم ئېرشىشىپ باقمىغان بايلىق پادىشاھىغا ئايلانغان. (شۇ چاغدا بىر ئامېرىكا دوللىرى بىر گىرام ئالتۇن بىلەن باراۋەر ئالماشتۇرۇلىدىغان خەلقارا پۇل بىرلىكى بولغاچقا، روكفىللېرنىڭ مال-مۈلكى بىر گىرام ئالتۇن بىر دوللارغا سۇندۇرۇلۇپ 305 مىليارد دوللار ھىساپلانغان)، بۇ شۇ چاغدىكى پۈتۈن جوڭگۇنىڭ بىر يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە باراۋەر كېلەتتى. ئامېرىكا دوللىرى نىڭ 2008-يىلى 1-ئايدىكى بىر ئۇنسىيە ئالتۇن 900 دوللارلىق باھاسى بىلەن ھىساپلىغاندا روكفىللېر مالىيە گۇرۇھىنىڭ شۇ چاغدىكى بايلىقى ھازىرقى 9 تىرلىيۇن دوللارغا تەڭ كېلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#