چېن جيەنگۇڭ

چېن جيەنگۇڭ

چېن جيەنگۇڭ جېجياڭنىڭ شاۋشىڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئۆگىنىشتە تىرىشچان، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەنلەردە ئوخشاشلا ئەلا، ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى، ئۇنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىناتتى. چېن جيەنگۇڭ 1913-يىلىدىن 1929-يىلىغىچە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە گە ئۈچ قېتىم بارغان .

ئۇيغۇرچە ئىسمى چېن جيەنگۇڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جېجياڭنىڭ شاۋشىڭ ناھىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1971-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ياپونىيە توكيو ئالىي دەرىجىلىك سانائەت مەكتىپى
خەنزۇچە ئىسمى 陈建功
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1893-يىلى
كەسپى ماتېماتىك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېن جيەنگۇڭجۇڭگولۇق مەشھۇر ماتېماتىك چېن جيەنگۇڭ (1893-1971) 1929-يىلى ياپونىيەدە تەبىئىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالغاندا، ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور پۇچىخارا تەبرىكلەش يىغىنىدا: «مەن پۈتۈن ھاياتىمدا ئوقۇتقۇچىلىقنى كەسىپ قىلدىم، ھېچقانچە نەتىجە ھاسىل قىلالمىدىم. بىراق، مېنىڭ جۇڭگولۇق بىر ئوقۇغۇچۇم بار، ئىسمى چېن جيەنگۇڭ، بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ زور شەرەپ» دېگەن. 

چېن جيەنگۇڭ جېجياڭنىڭ شاۋشىڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئۆگىنىشتە تىرىشچان، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەنلەردە ئوخشاشلا ئەلا، ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى، ئۇنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىناتتى. چېن جيەنگۇڭ 1913-يىلىدىن 1929-يىلىغىچە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيىگە ئۈچ قېتىم بارغان، 1929-يىلى ياپونىيە دە تەبىئىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياپونىيە دە ئوقۇغانلار ئىچىدىكى تەبىئىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تۇنجى جۇڭگولۇق، شۇنداقلا ياپونىيە دە بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى چەت ئەللىك ئالىم ئىدى. بۇ ئىش ياپونىيە ئاراللىرىنى زىلزىلىگە سالغان. 

چېن جيەنگۇڭئەينى چاغدا، ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور پۇجىخارا ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدە ياپون يېزىقىدىكى ئەسەرلەر ئاز بولغاچقا، ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتەتتى، ئۇنىڭ ھاۋالىسى بىلەن چېن جيەنگۇڭ ياپونىيە يېزىقىدا «ترىگونومېتىرىك فۇنكسىيە نەزەرىيەسى» نى يېزىپ، خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھەم ئۆزىنىڭ تەتقىقات تەسىراتلىرىنى ئەسەرگە سىڭدۈرگەن. ئۇ مۇشۇ كىتابنى يازغان چاغدا ئىجاد قىلغان نۇرغۇن ياپونچە ئاتالغۇلار تا ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. 

چېن جيەنگۇڭ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان، ئۇ مەشھۇر ماتېماتىك سۇ بۇچىڭ بىلەن بىللە، 1931-يىلىدىن ئېتىبارەن ماتېماتىكا مۇھاكىمە كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياش ئوقۇتقۇچىلار ۋە يۇقىرى يىللىقتىكى ستۇدېنتلارنى قاتتىق مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۇلاردا مۇستەقىل ئىشلەش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا مەشھۇر چېن جيەنگۇڭ − سۇ بۇچىڭ ئىلمىي ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئېقىم جۇڭگونىڭ فۇنكسىيە نەزەرىيىسى ۋە دىففېرېنسىئال گېئومېتىرىيەسى تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#