يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى

يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى

يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بوغماق ئۈچەيدە يارا (زەخمە)پەيدا بولۇپ، كلىنىكىدا ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىش، قان ئارىلاش، يىرىڭلىق تەرەت كېلىش، قۇرۇق ئىجىق، قورساق ساھەسىنى باسقاندا ئاغرىش قاتارلىق ئىپادىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغنا ھەزىم سىستېمىسىنىڭ تەركىبى كېسەللىك

جۇڭيى تىبابىتى نامى يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم ھەزىم قىلىش كېسەللىرى ئىچكى بۆلۈمى
ئىنگىلىزچە نامى ulcerativecolitis
خەنزۇچە نامى 溃疡性洁肠炎
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بوغماق ئۈچەيدە يارا (زەخمە)پەيدا بولۇپ، كلىنىكىدا ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىش، قان ئارىلاش، يىرىڭلىق تەرەت كېلىش، قۇرۇق ئىجىق، قورساق ساھەسىنى باسقاندا ئاغرىش قاتارلىق ئىپادىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغنا ھەزىم سىستېمىسىنىڭ تەركىبى كېسەللىكى بولۇپ، يار (زەخمە)پەيدا بولۇش ئورنى، كۆپىنچە چوڭ ئۈچەيدە بولىدۇ. كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن، ئاسان قوزغىلىدۇ. 20~40ياش ئەتراپىدىكى بىمارلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە بۇ خىل كېسەللىكىنىڭ نامى بولمىسىمۇ، لېكىن كىلىنىك ئىپادىلىرىدىن قارىغاندا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى «ئىسھال»، «تولغاق»، «ئۈچەي ياللۇغى»، «قورساق ئاغرىقى» قاتارلىق كېسەللىكلەرگە تەۋە دەپ قارىلىدۇ.

−1660 يىلى يېزىلغان «ھازىق» (داۋالاش دەستۇرى) ناملىق كىتابنىڭ «قورساق ئاغرىقى» قىسمىدا «نورمال ھالەتتە ئۈچەي يۈزىدە يۇمشاق تىۋىتچىلەر بولىدۇ، بۇ تىۋىتچىلەر ئۈستىدە بىر خىل يېپىشقاق سۇيۇقلۇق بولۇپ، چوڭ تەرەتنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، سەپرا خىلىتى ئۈچەيگە قويۇلغاندىن كېيىن ئۈچەيدە غىدىقلىنىش پەيدا قىلىپ، ئۈچەينىڭ ماددىلارنى چىقىرىشىنى تىزلىتىدۇ ۋە يۇقىرى ھارارىتى بىلەن ئۈچەي سۇيۇقلۇقلىرىنى قۇرۇتۇپ قورساق ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ» دېيىلگەن. «تولغاق» دېگەن قىسمىدا «سۈرگۈ دورىلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ۋە نورمالسىز خىلىتلارنىڭ ئۈچەيگە تەسىر قىلىشى بىلەن بىماردا ئىچى سۈرۈش بولۇپ، يەڭگىل قىزىتما بولىدۇ، قورساق ئاغرىش ئېغىرلىشىپ، چوڭ تەرەتكە قان ئارىلاش كېلىدۇ. ئەگەر كېسەللىك ئېغىر بولسا چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولىدۇ ھەم ئۆتكۈر قىزىتما بولىدۇ»دېيىلگەن.

19− ئەسىردە يېزىلغان «شىفائۇل قۇلۇپ»(قەلبلەر شىپاسى) ناملىق ئەسەرنىڭ «سەپرادىن بولغان ئىچى سۈرۈش» (سەفراۋى ئىسھال) قىسمىدا «بىمارنىڭ قورسىقى كۆيۈشۈپ ئاغرىيدۇ، قىزىتما ۋە ئۇسسۇزلۇق بولىدۇ» دېيىلگەن.

يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغىقەدىمكى زامان ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىۋىپلىرىنىڭ قارىشىچە بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش، سۈرگۈ دورىلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ھەسساسىيەت ئامىللىرى، ئۇدۇم ئامىللىرى، نورمالسىز مىزاج ۋە خىلىتلارنىڭ بەدەنگە تەسىر قىلىشىدىن بۇ خىل كېسەللىك پەيدا بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

يېمەكلىك ئامىللىرى

بۇلغانغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېيىش، زەھەرلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى بۇزۇق ماددىلار ۋە زەھەرلىك ماددىلار ئۈچەي تاملىرىنى غىدىقلاپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىمە ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، ئىچى سۈرۈشكە سەۋەب بولىدۇ. چېرىتىش خۇسۇسىيىتى بولغان ماددىلار ئۈچەينىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى بۇزۇپ ئۈچەيدە يارا پەيدا قىلىدۇ.

سۈرگۈ دورىلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش

قەۋزىيەت، ھەيز قالايمىقانلىشىش ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈرگۈ دورىلىرىنى كۆپ ۋە ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلغاندا دورىلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۈچەينىڭ قۇۋۋىتى دارافخيەسى كۈچىيىپ ئىچى سۈرۈش پەيدا بولۇش بىلەن بىرگە ئۈچەينىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئۈچەيدە يارا پەيدا بولىدۇ.

ھەساسىيەت ئامىللىرى

بەزى يېمەكلىكلەر، بولۇپمۇ سۈت بۇ كېسەللىكنى قوزغايدۇ، سۈت ئىستېمال قىلىشنى توختاتقاندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىكلەيدۇ، زىيادە تۇزلۇق يېمەكلىكلەرمۇ بۇ خىل كېسەللىكنى قوزغايدۇ.

ئۇدۇم ئامىللىرى

بۇ خىل كېسەللىك پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى مىللەتلەردە يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇدۇم )ئېرسىيەت( بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىدۇ.

مىزاج نورمالسىزلىقى

قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ ئېشىپ كېتىشى: بەدەنگە تەسىر قىلغان سىرتقى ئىسسىقلىق كەيپىيات ۋە قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتتىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئۇزاق ۋاقىت يېيىش سەۋەبلىك بەدەندە قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات غالىپ كەلگەندە ئۈچەينىڭ ھۆللۈكىنى قۇرۇتۇپ ئۈچەي لۆمۈلدىمە ھەرىكىتى داۋامىدىكى سۈركىلىشنى ئاشۇرۇپ، ئۈچەيدە يارا (زەخمە) پەيدا قىلىدۇ.

ھۆل سوغۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشى: قار-يامغۇردا قېلىش، مۇنچىغا كۆپ چۈشۈش، ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ، ئۇزاق ۋاقىت يېيىش سەۋەبلىك ئۈچەينىڭ ھۆللۈكى ئېشىپ قۇۋۋىتى ماسىكە (تۇتۇش قۇۋۋىتى) نىڭ ئاجىزلىشىشى نەتىجىسىدە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ياخشى بولماي، ئۈچەينىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى بۇزۇلۇپ، بۇ كېسەلگە سەۋەب بولىدۇ.

خىلىت نورمالسىزلىقى

سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى: بەدەندە سەپرا خىلىتى كۆپىيىپ كەتكەندە بىر تەرەپتىن ئۈچەي بوشلۇقىغا تۆكۈلىدىغان سەپرانىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىپ، ئۈچەينىڭ غىدىقلىنىشى كۈچىيىپ، ئىچى سۈرۈشنى پەيدا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن زىيادە قۇرۇق ئىسسىقلىقى بىلەن ئۈچەيدىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، ئۈچەي قان تومۇرلىرىدا سپازما پەيدا قىلىپ، ئۈچەينىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمنلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ يارا پەيدا قىلىدۇ.

زەڭگەرەڭ سەپرا: بۇ خىل سەپرا خىلىتى تەركىبىدە زەھەرلىك ماددىلار بولغان، بۇزۇش چېرىتىش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولغان خىلىت بولغاچقا، ئۈچەي تاملىرىغا تەسىر كۆرسەتكەندە، ئۈچەي تاملىرىدا بۇزۇلۇش، چېرىش پەيدا قىلىپ، بۇ خىل كېسەلگە سەۋەب بولىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتى: بۇ خىل بەلغەم خىلىتى ئۈچەي تاملىرىنى كۈچلۈك غىدىقلاشتىن سىرت، ئۈچەيدىكى سۇيۇقلۇق ئىشلەپچىقارغۇچى بەزلەرنىڭ زىيانلىق سۇيۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىشىغا سەۋەب بولىدۇ، ئىشلىنىپ چىققان نورمالسىز سۇيۇقلۇقلار ئۈچەي تاملىرىنى غىدىقلاپ بۇ خىل كېسەلگە سەۋەب بولىدۇ.

يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغىبىماردا ئىچى سۈرۈش، قوسۇش، قورساق ئاغرىش، ئۈچەي قاناش، قۇرۇق ئىنجىق، ھەزىم بۇزۇلۇش، قىزىتما، ئۇرۇقلاش ۋە سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇپ، ئەگەر قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە نورمالسىز سەپرا خىلىتىدىن بولغان بولسا، ئىچى سۈرۈش قېتىم سانى ئانچە كۆپ بولمايدۇ. بىر كۈندە 2~5 قېتىم ئەتراپىدا ئىچى سۈرىدۇ. چوڭ تەرەت ئوماچسىمان ھالەتتە بولۇپ، شىلىمشىق قان-يىرىڭلىق تەرەت كۆپ كۆرۈلىدۇ. نورمالسىز سەپرا خىلىتىنىڭ ئۈچەي تاملىرىنى كۈچلۈك غىدىقلىشى نەتىجىسىدە ئۈچەي زەخمىسى بارغانسېرى ئېغىرلاپ، ئۈچەي قان-تومۇرلىرى بۇزۇلۇپ چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كېلىش، ئېغىر بولغاندا تەرت يولىدىن قان كېلىش قاتارلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. قورساق ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش نىسبەتەن ېئغىر بولىدۇ. ئىچى سۈرۈش نەتىجىسىدە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ياخشى بولماي بەدەن ئۇرۇقلاپ كېتىدۇ. قىزىتما يۇقىرى بولۇپ، ھارارەت ۋە سۇسىزلىنىش سەۋەبلىك، بەدەندە ھۆللۈك خۇراپ، قۇرۇقلۇق ئارتىپ، ئۇسسۇزلۇق پەيدا بولىدۇ. تومۇرى تېز، ئاجىز سالىدۇ. تىلىدا سېرىق گەز بولىدۇ. سۈيدۈكى نىسبەتەن سېرىق بولىدۇ. تېرىلەرنىڭ ئىلاستىكىلىقى ناچار، ئېغىزىنىڭ تەمى ئاچچىق بولىدۇ.

ھول سوغۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە نورمالسىز بەلغەم خىلىتىدىن بولغان بولسا، ئىچى سۈرۈش قېتىم سانى كۆپ بولىدۇ. بىر كۈندە 20 ~ 30 قېتىم ئەتراپىدا ئىچى سۈرىدۇ. چوڭ تەرەت سۇدەك سۇيۇق بولۇپ، قاناش ئەھۋاللىرى كۈرۈلمەيدۇ ياكى ئاز كۆرۈلىدۇ. قورساق ئاغرىش نىسبەتەن يېنىك بولۇپ، ھەزىم ناچارلىشىش، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش، قورساق كۆپۈش، كېكىرىش، ئاچچىقسۇ ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر تىپىك بولىدۇ. تۆۋەن ياكى ئوتتۇرا دەرىجىدىكى قىزىتما بولۇپ، ماددا ئالمىشىش ئاستىلاپ، قان ئايلىنىش ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكتىن، تۆۋەنكى مۇچىلەردە سۇلۇق ئىششىق شەكىللىنىدۇ. تومۇرى ئاجىز، ئاستا سالىدۇ. تىلىدا ئاق گەز بولىدۇ. تېرىلەر بوش، ھارارىتى تۆۋەن بولىدۇ.

بەدەن بەلگىسى: يېنىك كېسەللەردە سول تەرەپ تۆۋەنكى قورساق ساھەسى قىسمىنى باسقاندا ئاغرىشتىن باشقا ئالامەتلەر بولمايدۇ. ئېغىرلاردا قورساق كۆپۈش، قورساق قىسمىدا مونەكچە شەكىللىنىش، قورساق مۇسكۇللىرى جىددىيلىشىش، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش، كەم قانلىق قاتارلىق ئىپادىلەر بولىدۇ.

بۇ خىل كېسەللىك ئۇزۇن مۇددەت تەكرار قوزغايدىغانلىقى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىشى قانۇنىيەتلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىمار نورمالسىز روھى-كەيپىياتلارنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش لازىم. ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىشى، زىيادە ھېرىپ-چارچاشتىن تۈرلۈك ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش لازىم. بۇزۇلغان، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن، زەھەرلىك، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولغان، مىزاج بۇزۇلۇشىنى پەيدا قىلىدىغان، نورمالسىز خىلىتلارنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش، سويۇق، ئاسان سىڭىدىغان، مايسىز، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش، ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك لازىم.

قان تەكشۈرۈش

 قان تەكشۈرۈشتە ئاق قان ھۈجەيرىسى (WBC) كۆپىيىدۇ، كۆپ مىقداردا قاناش بولغۇچىلاردا قىزىل قان ھۈجەيرىسى (RBC) ۋە ھىمگىلۇبىن (HB) ئازىيىدۇ.

چوڭ تەرەت تەكشۈرۈش

چوڭ تەرەت تەكشۈرۈشتە شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلار، قان يىرىڭ ھۈجەيرىسى تېپىلىدۇ.

ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرۈش

1. ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرۈشتە چوڭ ئۈچەي شىللىق پەردىسىدە قان تولۇش، سۇلۇق ئىشىق ۋە كۆپ ئۇزۇنلۇق يارا كېسەللىك ئۆزگىرىشى شەكىللىنىدۇ.

2. شىللىق پەردە چۈرۈك بولۇپ، ئاسان قانايدۇ، شىللىق پەردە كىچىك دانچىلار پەيدا بولىدۇ.

3.  مۇنچاق گۆش شەكىللىنىدۇ.

رېنتگېندە تەكشۈرۈش

1. شىللىق پەردىلەر قېلىنلاپ، قالايمىقانلىشىدۇ ياكى شىللىق پەردە يۈزدە كىچىك دانچىلار پەيدا بولىدۇ.

2. كۆپ ئورۇنلۇق يارا ياكى يالغان مونچاق گۆش شەكىللىنىدۇ.

3. ئۈچەي كانىلى تارىيىدۇ، يىغىلىپ قىسقىرايدۇ، ئۈچەي خالتىلىرى يوقىلىدۇ ياكى نەيچىسىمان ھالەتتە بولىدۇ.

يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى1. كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ: سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن، زەھەرلىك، زىيادە ئاچچىق، زىيادە سوغۇق، زىيادە ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ، ئۇزاق ئىستېمال قىلىش تارىخى، سۈرگۈ دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش تارىخى، يۇقۇملۇق تولغاق، سوزۇلما ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش تارىخى، ئائىلە كېسەللىك تارىخى، ھاراق ئىچىش تارىخى قاتارلىق مەزمۇنلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

2. تىپىك بولغان كلىنىك ئىپادىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ: ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىش، ئۈچەي قاناش، قۇرۇق ئىنجىق، ھەزىم بۇزۇلۇش، قىزىتما، ئۇرۇقلاش ۋە سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ئالامەتلەر، سول تەرەپ تۆۋەنكى قورساق ساھەسى قىسمىنى باسقاندا ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، قورساق قىسمىدا مونەكچە شەكىللىنىش، قورساق مۇسكۇللىرى جىددىيلىشىش، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش، كەم قانلىق قاتارلق بەدەن بەلگىلىرى، تىل گەزى، تومۇر سوقۇشى، سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قاتارلىق خىلىتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

3. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

سوزۇلما جاراسىملىق تولغاق

يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغىئۆتكۈر جاراسىملىق تولغاق بىلەن ئاغرىش تارىخى بولىدۇ. كېسەللىنىش ئورنى سول تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمى بولۇپ، سول تەرەپ تۆۋەنكى قورساق ساھەسىنى باسقاندا ئاغرىيدۇ. يۇقىرى قىزىتما بولىدۇ. چوڭ تەرەتتىن جاراسىم ئۆستۈرگەندە (+) چىقىدۇ.

سەپراۋى تولغاق

چوڭ تەرەت قېتىمى ئاز مىقدارى كۆپ بولۇپ، ئىنتايىن سېسىق پۇرايدۇ، رەڭگى قارامتۇل، مۇرابباسىمان ھالەتتە بولىدۇ. كېسەللىنىش ئورنى ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قورساق ساھەسى بولۇپ، تارقاق ھالەتتە يارا پەيدا بولىدۇ. يارا نىسبەتەن چوڭقۇر بولىدۇ.

چەمبەر ئۈچەي راكى

ياشتا چوڭ كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك ئۇرۇقلاش، كەم قانلىق بولىدۇ، قوشۇمچە تەكشۈۈش ئارقىلىق دىئاگنوزنى مۇقىمداشقا بولىدۇ.

1.سۆڭى چىقىپ قېلىش: كۆپ قېتىم ۋە زىيادە كۈچەپ تەرەت قىلىش سەۋەبلىك مەقەت قورىغۇچى مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىراش كۈچى تۆۋەنلەپ، چوڭ ئۈچەي مەقئەت سىرتىغا چىقىۋالىدۇ.

2.كەمقانلىق، ئۇزۇن مۇددەت قان يىرىڭلىق تەرەت قىلىش ۋە قاناش سەۋەبلىك بەدەندە قان يوقىتىش بولۇپ، كەم قانلىق كېلىپ چىقىدۇ.

3. راكقا ئۆزگىرىش: %5 بىمارلاردا بۇ خىل ئېھتىماللىق بار دەپ قارىلىدۇ.

ماددىسىز قۇرۇق ئىسسىقلىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولسا

سۇۋۇتۇش مەقسىتىدە زوھرى مۇھرە 5 گرام، تاباشىر 5 گرام، سۇماق 5 گرام دورىلارنى بەلگىلەنگەن مىقداردا ئېلىپ قايناق سۇغا 4 سائەت چىلاپ، تەمىنى چىقىرىپ، تاماقتىن كېيىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 100~60مىللىلىتىر بېرىلىدۇ.

تەمرى ھىندىدىن 50گرام ئېلىپ، قايناقسۇغا 10سائەت چىلاپ، سۈيىنى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100~60مىللىلىتىر بېرىلىدۇ.

ئاق لەيلى 01 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى 10گرام، زىخ 10گرام، نېلۇپەر 10گرام، بىنەپشە 10گرام دورىلارنى بەلگىلەنگەن مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇغا 6 سائەت چىلاپ قاينىتىپ، شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 100~60مىللىلىتىر بېرىلىدۇ.

زەڭگارەڭ سەپرا خىلىتىدىن بولسا پىشۇرۇش مەقسىتىدە گۈل بىنەپشە، نېلۇپەر، قىزىلگۈل، شاھتەررە، كاسىنە ئۇرۇقى 15گرامدىن چىلان، ئەينۇلا 30گرامدىن تەمرى ھىندى، تەرەنجىبىن 45گرامدىن، دورىلارنى بەلگىلەنگەن مىقداردا ئېلىپ قايناقسۇغا 4~6 سائەت چىلاپ قاينىتىپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100~60مىللىلىتىر بېرىلىدۇ. ماددا پىشقاندىن كېيىن سۈرۈپ چىقىرىش مەقسىتىدە: يۇقىرىقى مۇنزىچ تەركىبىگە سېرىق ھېلىلە پوستى 15 گرام ئەفتىمۇن، 30گرام خىيارشەنبەر 30گرام، بادام يېغى 10گرام قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 100~60مىللىلىتىر بېرىلىدۇ.

بىدەنجىر يېغىدىن 5 گرامنى 250مىللىلىتىر گاۋزىبان ئەرقى بىلەن قوشۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100~60مىللىلىتىر بېرىلىدۇ.

بەدىياندىن 5 گرام ئېلىپ، قايناقسۇغا 4 سائەت چىلاپ، تەمىنى چىقىرىپ، ئۈستىگە 7 گرام ئىسپىغۇلنى چىلاپ، لۇئابىنى چىقىرىپ سۈزۈپ ئارىلاشتۇرۇپ بىنەپشە شەبىتى قوشۇپ ئۇسسۇزلۇقىغا بېرىلىدۇ.

ماددىسىز ھۆل سوغۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولسا

زىرە، زەنجىۋىل، رۇم بەدىيان،نەمەك ھىندى قاتارلىق دورىلاردىن 3 گرامدىن ئېلىپ، ئەرقى بەدىيان قوشۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 ~ 60 مىللىلىتىر بېرىلىدۇ.

ھەببۇلئاس ئۇرۇقى 12 گرام، ئەرەب يىلىمى، ئانار ئۇرۇقى 2 گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، قايناقسۇ بىلەن قوشۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 10 گرام بېرىلىدۇ.

شور بەلغەم تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا

پىرسىياۋشان، قىزىلگۈل، بەدىيان، رۇم بەدىيان 15 گرامدىن، بىخسۇس، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 20 گرامدىن، ئەنجۈر مونىكى 30 گرام، گۈلقەنت 60 گرام، دورىلارنى بەلگىلەنگەن مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇغا 6 سائەت چىلاپ، قاينىتىپ، شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 ~ 60 مىللىلىتىر بېرىلىدۇ.

ماددا پىشقاندىن كېيىن يۇقىرىقى نۇسخىغا سانا 30 گرام، تۇربۇت 15 گرام، تەرەنجىبىن 60 گرام، ئابدىمىلىك يېغى ئۈچ گرام، بادام يېغى 10 گرام دورىلارنى بەلگىلەنگەن مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇغا ئالتە سائەت چىلاپ، قاينىتىپ، شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 ~ 60 مىللىلىتىر بېرىلىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە

بېھى ئۇرۇقى، سىمىز ئوت ئۇرۇقى، ئىسپىغۇل ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى 10 گرامدىن ئېلىپ، 05 مىللىلىتىر بىنەپشە شەربىتى قوشۇپ كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 ~ 60 مىللىلىتىر بېرىلىدۇ. ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، رەيھان ئۇرۇقى، پاقا يوپۇرمىقى ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 10 گرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقى 24 گرام، تاباشىر گىل ئەرمىنى 10 گرامدىن، ئەپيۇن بىر گرامدىن، لۇئابلىق دورىلارنىڭ لۇئابىنى ئېلىپ باشقا دورىلارنى تالقانلاپ كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن بېرىلىدۇ.

كاسىنە ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، شوخلا 6 گرامدىن 150 گرام، شوخلا ئەرقىدە قاينىتىپ سۈيىگە 50 مىللىلىتىر بۇزۇرى شەربىتى قوشۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 ~ 60 مىللىلىتىر بېرىلىدۇ.

قان توختىتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش مەقسىتىدە

سەمغى ئەرەبى، كەتىرا، قىزىلگۈل، تاباشىر قاتارلىق دورىلارنى 10 گرامدىن ئېلىپ، قېتىق سۈزمىسىگە ئارىلاشتۇرۇپ، رەيھان ئۇرۇقى 10 گرامنى سوقۇپ، سۈزمىگە ئارىلاشتۇرۇپ 50 مىللىلىتىر بىنەپشە شەربىتى بىلەن قوشۇپ كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 100 ~ 60 مىللىلىتىر بېرىلىدۇ.

قارا ھېلىلە، خەشخاش پوستى، بەدىيان زەنجىۋىلدىن 12 گرام، جىگدە تالقىنى 24 گرام، دورىلارنى بەلگىلەنگەن مىقداردا ئېلىپ،سوفۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن بېرىلىدۇ.

بىنەپشە، قىزىلگۈل سېمىزئوت ئۇرۇقى، ئېگىر، كۈندۈر، پارپا ئالتە گرامدىن ئېلىپ، كۇندۇردىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ، 200 مىللىلىتىر سۇغا 4 ~ 6 سائەت چىلاپ، 100 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ، كۈندۈرنى يۇمشاق سوقۇپ، دورا سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ ھۇقنە قىلىنىدۇ.

سۇيۇقلۇق تولۇقلاش مەقسىتىدە: ئەرقى گۈل تاماقتىن كېيىن كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 ~ 60 مىللىلىتىر بېرىلىدۇ.

مۇرەككەپ دورىلاردىن ئەرقى شوخلا تاماقتىن كېيىن، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 ~ 60 مىللىلىتىر بېرىلىدۇ. ئەرقى كاسىنە تاماقتىن كېيىن كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 ~ 60 مىللىلىتىر بېرىلىدۇ. ئەرقى چۆبچىن تاماقتىن كېيىن كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 ~ 60 مىللىلىتىر بېرىلىدۇ. مەجۇنى ئۆشبە تاماقتىن كېيىن كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 گرام بېرىلىدۇ.

قۇرسى كەھرىۋا تاماقتىن كېيىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 7 دانە بېرىلىدۇ. شەربىتى ئەنجىباھار ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 ~ 60 مىللىلىتىر بېرىلىدۇ. سوفۇپى قابىز تاماقتىن كېيىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرام بېرىلىدۇ. سۇفۇپى تاباشىر تاماقتىن كېيىن كۈندە ئىكى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرام بېرىلىدۇ. قۇرسى تاباشىب قابىز كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 7 دانە بېرىلىدۇ.

بەدەننى كۈچلەندۈرۈش رەئىس ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە داۋائى مىشكى تاماقتىن كېيىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرام بېرىلىدۇ. ئامىلە نۇشدارى تاماقتىن كېيىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرام بېرىلىدۇ. جاۋارىش ئامىلە تاماقتىن كېيىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرام بېرىلىدۇ. جاۋارىش ئەنبەر تاماقتىن كېيىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرام بېرىلىدۇ. مامىران كاپسۇلى تاماقتىن كېيىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 2 ~ 3 دانە بېرىلىدۇ.

1. يېتىپ دەم ئېلىش؛

2. ئوزۇقلۇقنى تەرتىپكە سېلىش؛

3. ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇشتىن بولغان بولسا، تەڭشەش، ماددىلىق مىزاج بۇزۇلۇشتىن بولغان بولسا، تازىلاش؛

4. ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، قان توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، سۇيۇقلۇق تولۇقلاش.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=827

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/122909.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#