تۇماق

تۇماق - ئومۇمەن تېرە، كۆرپىدىن تىكىلگەن ئەر-ئاياللارنىڭ قىشلىق باش كىيىمى. ئاساسەن سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ. كۆپ ھاللاردا قوي تېرىسىدىن تىكىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇماق - ئومۇمەن تېرە، كۆرپىدىن تىكىلگەن ئەر-ئاياللارنىڭ قىشلىق باش كىيىمى. ئاساسەن سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ. كۆپ ھاللاردا قوي تېرىسىدىن تىكىلىدۇ. 

تۇماق - تۈلكە تېرىسى، توشقان تېرىسى، سوغۇر تېرىسى، قاما، سۆسەر تېرىسىدىنمۇ تىكىلىدۇ.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاق تۇماق(ئاق تېرىدىن تىكىلىدۇ)نى ئاساسەن ئوتتۇرا ياشتىكىلەر،ياشلار كىيىدۇ. تۇماقلارنىڭ تۈرلىرى سالۋا تۇماق، سوغا تۇماق، كۇلاھ تۇماق، يېڭىسار تۇمىقى، كېرىيە تۇمىقى، ساغان تۇمىقى، ھەربىيچە تۇماق، سۆسەر تۇماق، قاما تۇماق قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. ھەر قايسى خىلدىكى تۇماقنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. 

نەپىس، كۆركەم ئىشلەنگەن، تۇماقلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاشلانغان يۇمشاق تېرىدىن ئىشلىنىپ، ئېغىز گىرۋىكىگە سۈپەتلىك كۆرپىدىن چوڭ-كىچىك زىغزىق تۇتۇلغان، بەزى تۇماقلارنىڭ ئۈستىگە قارا ياكى باشقا رەڭلىك رەختلەردىن بىر قەۋەت تاشلىق تۇتۇلۇپ، ئەستىرىگە تېرە ئېلىنغان. ھەرخىل تۇماقلارنىڭ ئۆزىگە خاس قېلىپى بولۇپ، ئۇنىڭغا تۇماقچىلىقنى كەسىپ قىلغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ يۈكسەك ماھارىتى سىڭدۈرۈلگەن، ئاياللارنىڭ تۇمىقى پەرقلىق بولۇپ، كۆپرەك ياشانغان ئاياللار ياكى بىرقەدەر مەرتىۋىلىك ئاياللار ھەرخىل مۇراسىملارغا قاتناشقاندا تۇماق كىيىدۇ، بۇ قاما تۇماق دېيىلىپ ئۈستى قارا مەخمەل ياكى قارا دۇخاۋا بىلەن قاپلىنىدۇ. قاسقىنىغا بۆرەكچە شەكىلىدە ئۈچ-تۆت مېتىر كەڭلىكتە ئەتىۋارلىق قامىدىن گىرۋەك ئورنىتىلىدۇ. ئىچىگە يۇمشاق ئەلتېرىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ. بۇ تۇماقنىڭ تەننەرخى خېلى يۇقىرى بولغاچقا، ھاللىق شەھەر ئاياللىرى ئارىسىدا كۆپرەك ئومۇملاشقان، ئۇندىن سىرت،ئەرلەرنىڭ قالپىقى ئىچىگە كىگىزدىن،سىرتى رەختتىن بولىدۇ ۋە ھاكازالار.

 تۇماقنى ئەسلىدە كىشىلەر قىشتا،ئىسسىقلىق ساقلاش،سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىيىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلاردا بەزىلەر يازدىمۇ قۇلاقچا كىيىدۇ. بۇ نەملىكنى ساقلاش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#