بوسسانوۋا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بوسانوۋا(Bossa Nova) كۈي شەكلى برازىلىيەدە بارلىققا كەلگەن جەز پۇراقتىكى مۇزىكا ئۇسلۇبى.
1950-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق مۇزىكانت ئانتونىئو كارلوس جوبىم(antonio carlos jobim) برازىلىيە مۇزىكا رېتىمىSamba ۋە ئامېرىكىنىڭ cool jazzنى بىرىكتۈرۈپ يېقىملىق، راھەت، رومانتىك ئۇسلۇبنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 1950-يىللارنىڭ ئاخىرى بۇ خىل مۇزىكا ئۇسلۇبى ئامېرىكىغا كىرىپ ئاۋال جەنۇپتىكى لاتىن تىل سېستىمىسىدىكىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا ئاندىن ئامېرىكىنىڭ شەرقى ۋە شىمالىدىكى شەھەرلەردە زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. كېيىنچە كانادا ۋە ياۋرۇپادىكى بەزى دۆلەتلەرگە تارقالغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا چارلى بايرد (Charlie Byrd),ستان گېتىز (Stan Getz),ئاستىرۇد گىلبېرتو (Astrud Gilberto)قاتارلىق داڭلىق بوساچىلىلار ۋە ئەڭ داڭلىق ئەسەر -«The Grilfrom Ipanema» مەيدانغا كەلگەن. 60-يىللار BossaNova نىڭ ئەڭ چاقنىغان دەۋرى بولغان.
بوسانوۋا(Bossa Nova) ئەسلى پورتىگال تىلىدىن كەلگەن بۇلۇپ، «Bossa» بىرخىل لاتىنچە ئۇسۇل رېتىمى، «Nova» يېڭى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بوسانوۋا مۇزىكا ئۇسلۇبى بىرازىلىيەدە يەنى رىئودى ژانىرو شەھرىدە بارلىققا كەلگەن بولغاچقا بۇنىڭغا بىرازىلىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل ئاھاڭلىرىدىن ئەنئەنىۋى سامبا ۋە choro نىڭ ئىلمىنتلىرىمۇ سىڭىشىپ كەتكەن. كېيىن ئامېرىكىغا كەڭ تارقىلىپ جەز ساھەسىدە ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەن. شۇ سەۋەبتىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا كىشىلەر بوسانوۋانى لاتىنچە جەزنىڭ بىر تۈرىدەپ قارىغان.
1959-يىلى فرانسىيلىك رېژىسور مارسىل كامۇس (Marcel Camus) ئىشلىگەن «قارا ئوفىئوس»(Black Orpheus) كىنو فىستىۋاللىرىدا (ئوسكارمۇ بار) ئەڭ نادىر چەتئەل فىلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كىنونىڭ بوسانوۋا ئۇسلۇبىدىكى ئاساسىي ناخشىسى «A Felicidade» بىلەن «Desafinado» ئەينى ۋاقىتتا زور بوسانوۋا قىزغىنلىقى قوزغىغان.
بوسانوۋا(Bossa Nova) نىڭ ئىسمىدىنلا «يېڭى رېتىم» دىگەن مەنا چىقىپلا تۇرىدۇ. ئاڭلىسىڭىز شۇنداق تاتلىق. ئاممىباپ جەنۇبىي ئامرىكا مۇزىكىلىرىغا ئوخشىمايدىغان يىرى بوسانوۋا سامبا ۋە رۇمبىغا ئوخشاش رېتىمى كۈچلۈك ئەمەس. ئۇ جەنۇبىي ئامرىكا مۇزىكىلىرىنىڭ ھىسىياتلىق رېتىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا يەنە ئىزگۈ ۋە راھەت تۇيغۇنى شەكىللەندۈرگەن.
Antonio Carlos Jobim(بوسانوۋا ئاتىسى، 1927-1994)
The Girl From Ipanema
Meditation
Água de Beber
Desafinado
Corcovado
How Insensitive
Stan Getz
The Girl From Ipanema
Lisa Ono,小野リサ
Olivia Ong
60-يىللاردا ياپونىيەدە بوسانوۋا تىز مودا بولغان. داڭلىق ساكىسفونچى سادائو ۋاتانابې (渡边贞夫) ئەينى ۋاقىتتىكى بوسانى ياپونىيەگە ئۇمۇملاشتۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتكەن شىەخىس ھىسابلىندۇ. كېيىن كىئېكو لى(李敬子) ، ئونولىزا (小野丽莎) ، شىگېكو سۇزۇكى (铃木重子) قاتارلىق داڭلىق جەز سەنئەتكارلىرى ۋە نۇرغۇن بوسانوۋا ئەسەرلىرى بارلىققا كەلگەن. ئونولىزا ياپونىيەدىكى ئەڭ داڭلىق بوسانوۋا سەنئەتكارىنىڭ ۋەكىلى ھىسابلىندۇ.
80-يىللاردىن كېيىن بوسسانوۋا شاڭگاڭ ۋە تەيۋەن ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇققا تەسىر كۆرسەتتى، بىزدە بوسسانوۋا بىلەن تونۇشۇش بىر قەدەدر كېيىن بولغان بولسىمۇ ئەمما بۇمۇ بىزدە بوش ساھە ئەمەس. 2000-يىللاردىن كېيىن مەملىكەتلىك مۇزىكا ئىقتىدارىنى ئاساس قىلغان مودېل مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن شاھىمەردان ئۇيغۇرلاردىكى بوسسانوۋا مۇزىكا ئۇسلۇبىدا ناخشا ئوقۇيدىغانلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى. [1][0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.