سەرەتان

سەرەتان

سەرەتان (Platypleura kaempferi) يەنە بىر نامى «تومۇزغا»، چىرىلداق ھاشارات تۈرنىڭ نامى. تۈرى: ئوخشاش قاناتلىقلار تۈركۈمى تومۇزغا ئائىلىسى، تۈرگە بۆلۈنىشى: تومۇزغا ئائىلىسى/ ئوخشاش قاناتلىقلار تۈركۈمى، قانىتى ئىككى جۈپ، ئالدى-ئارقا قاناتلىرى ھەممىسى پەردە قانات، ئېغىز ئاپپاراتى (ھاشارات ياكى پارازىت قۇرتلارنىڭ) سانجىپ شورىغۇچى شەكلىدە بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى سەرەتان
ئىنگلىزچە نامى Platypleura kaempferi
تىپى بوغۇم ئاياغلىقلار تىپى
تۈركۈمى ئوخشاش قاناتلىقلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى سەرەتان ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 蟪蛄
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ھاشاراتلەر سىنىپى
ئائىلىسى تومۇزغا ئائىلىسى
تۈرى سەرەتان (چىرىلداق ھاشارات)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەرەتانسەرەتان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2.5 سانتىمېتىر. بىر خىل بىر قەدەر كىچىك تىپتىكى تومۇزغا، سۆسۈن، كۆك، قارا يوللۇق، ئارقا قانىتى گىرۋىكى قارا رەڭدە بولىدۇ، 5-6-ئايلاردا كەڭ تارقالغان. ئەتىگەندىن كەچكىچە قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىدەك ___ «جارت-جارت» ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئادەتتە قارا چېكەتكە شەكىللىك چوڭ تىپتىكى تومۇزغىنىڭ ئاۋازى يۇقىرى، بىرقەدەر چۈرۈك كېلىدۇ.

يېتىلگەن قۇرت 5-ئايدىن 8-ئاي ئارلىقىدا پەيدا بولىدۇ، تۈزلەڭلىك، تۆۋەن دېڭىز يۈزى رايونىدىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى ئۈستىدە ياشايدۇ. كېچىدە نۇر تارقىتىدۇ.

شەندۇڭ رايونىدا ئادەتتە كىچىك بولىدۇ. تەن ئۇزۇنلۇقى 35-38 مىللىمېتىر، تۇمشۇقى ئۇزۇن، سارغۇچ يېشىل، قارا سىزىقلار، قانىتىدا قارا داغ، ئەركىكىنىڭ قورساق قىسمىدا ئاۋاز چىقىرىش ئەزاسى بار، ياز پەسلىنىڭ ئاخىرى گۇگۇم چۈشۈشى بىلەن سايرىغان ئاۋازى توختىمايدۇ.

سەرەتان تۈرى ناھايىتى كۆپ، رەڭ ئايرىش بويىچە  يېشىل رەڭ، سېرىق رەڭ، ئارىلاشما رەڭلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سېرىق يېشىل ئۆز ئارا ئارىلاشما ۋە سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك ۋە باشقىلار بۇنىڭ ئىچىدە يېشىل ۋە سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك سەرەتان جەنۇبتا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. بىر خىل بىر قەدەر كىچىك بولغان تومۇزغىنىڭ بەدەن شەكلى پەقەت 2.5 سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

سېرىق سەرەتان

سېرىق سەرەتانسېرىق سەرەتان: بەدىنى سېرىق رەڭدە بولۇپ، قورساق قىسمىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئاق داغ بار، ئەركىكىنىڭ قورساق قىسىمى ئۇچىدا ئاۋاز چىقىرىش ئورگىنى — ئاۋاز قاپقىقى، ئاۋاز قاپقىقى ئىچىدىكى سۈزۈك نېپىز پەردە شەكىللىك ماددا بار. چىشىسىنىڭ قورسىقىنىڭ ئارقا تەرپىدە تۇخۇم تۇغۇش ئەزاسى، تۇخۇم سېلىش ئورگىنى. خۇددى ئاياللىق كۆپىيىش ئەزاسى بولغانغا ئوخشاش. تۇخۇم تۇغۇش ئەزاسى تەرەققىي قىلغان، قۇيرۇقى قېتىپ قالغان بولۇپ، ئىچىدە يىڭنە سانجىش ئەزاسى ئۆسۈملۈكنىڭ قوۋزىقى تىشىپ ياغاچ ئارىسىغا تۇخۇم كىرگۈزۈشكە ئىشلىتىدۇ. مۇرەككەپ كۆزى سېرىق رەڭلىك. ئوتتۇرا كۆكرەكنىڭ دۈمبە تاختىسى «W» ئاق شەكىللك، خۇددى تاجغا ئوخشاش. ئەتراپى قارا رەڭلىك. قورساق قىسمى قارا رەڭدە، سىرتقى قانىتى سۇس سېرىق، سېرىق قارا سىزىقلارنىڭ تۈسىنى ئالغان. قانات تومۇرى سېرىق رەڭلىك، ئىچكى قاناتلىرى قېنىق، قانىتىنىڭ ئىككى ئۇچىدا قارا رەڭلىك داغلار بۇلۇپ، سېرىق كېپىنەك قانىتىغا ئوخشايدۇ. ئەركەك سەراتاننىڭ كۆكرەك قىسمى بىلەن قورساق قىسمى تۇتاشقان ئوڭ-سول تەرىپىدە بىردىن ئىككى پارچە سوقىچاق شەكىللىك ئاۋاز چىقىرىش ئەزاسى بار، ئەركىكىنىڭ قورساق قىسمى بولسا «W» شەكىللىك، تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى بار.

يېشىل سەرەتان

يېشىل سەرەتانيېشىل سەرەتاننىڭ تېنى يېشىل، لېكىن جىنسىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن بەدىنى ئازراق سېرىق، بولۇپمۇ بەدەننىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىمى سېرىق رەڭلىك. مۇرەككەپ كۆزى سارغۇچ پور رەڭ. پۇت ئاستى سېرىق رەڭلىك، قالغان قىسمى يېشىل. قانات تومۇرى گىرۋىكى يېشىل، قانات تومۇر ئىچى سۇس كۆك رەڭدە. ئاۋازى خۇددى سېرىق سەرەتاننىڭكىگە ئوخشاش. قانىتى سۈزۈك، تۇمشۇقى ئىنچىكە ئاجىز بولۇپ، تۆۋەنگە ئىگىلىپ تۇرىدۇ، ئەركىكىنىڭ قورساق قىسمىدا ئاۋاز چىقىرىش ئورگىنى، چىشىسىنىڭ قورساق قىسمىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا تۇخۇم تۇغۇش ئەزاسى سېرىق سەرەتاننىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لېكىن قورساق قىسمى سېرىق سەرەتانغا قارىغاندا بىر قەدەر ئۇزۇن ، چۈنكى لىچىنكا مەزگىلىدە يېشىل سەرەتانغا قارىغاندا سېرىق چىپار سەرەتاننىڭ قورساق قىسمى ئۇزۇنلۇقى بىر قەدەر ئۇزۇن، شۇڭا ئۆزگىرىش جەريانىدا قورساق قىسمى بىرقەدەر ئۇزۇن. بۇ ئىككى خىل چىپار سەرەتان جەنۇبتا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئارىلاشما رەڭ سەرەتان

ئارىلاشما رەڭ سەرەتانئارىلاشما رەڭ سەرەتان: يەنە بىر خىل سەرەتان تەن رەڭگى بولسا بىر نەچچە خىل رەڭلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ھاسىل بولغان سەراتان. لېكىن ئۇ كۈزنىڭ ئاخىرىدا پەيدا بولىدۇ، تومۇزغا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل سەرەتاننىڭ تەن رەڭگى سارغۇچ يېشىل. ئەركىكىنىڭ قورساق قىسىمىدا ئاۋاز چىقىرىش ئەزاسىمۇ خۇددى «W» شەكلىدە، لېكىن باشقا تۈردىكى تومۇزغا ئۈچۈن ئېيتقاندا «W» شەكلى بىر قەدەر ئۇزۇن، ھەمدە تەلەپپۇزىمۇ ئوخشاش بولمىغان ئادەتتىكى تومۇزغا، خۇددى قۇشنىڭ سايرىغان ئاۋازدەك ئاڭلىنىدۇ، ھەمدە گاز قاچقاندەك ئاۋازدا.

يېتىلگەن قۇرت سەراتان ئادەتتە دەرەخ غولىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، دەرەخ شېخى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئىچى كاۋاك نەيچىسىمان جىسىم قىستۇرۇپ شىرنە شورايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن سايرايدۇ. سەرەتان ئۈچ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن ئاۋاز چىقىرىپ سايرايدۇ:

1. يىغىلغاندا سايرايدۇ، بارلىق ئەركەك تومۇزغا كوللېكتىپ سايرايدۇ. 

2. قورقۇپ كەتكەن ياكى تۇتۋېلىنغان ۋاقىتتا قىسقا ۋاقىت ئاۋاز چىقىرىدۇ.

3. جورا ئىزدەش ۋاقتىدا ئاۋاز چىقىرىدۇ.

لىچىنكا بىلەن يېتىلگەن قۇرتنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى

سەرەتان لىچىنكىسى ئانتېننىسى ناھايىتى ئۇزۇن، چۈنكى لىچىنكا ئۆسىدۇ. تېلازىيەگە تايىنىپ دەرەخ شىرنىسى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، لىچىنكا سەزگۈ مۈڭگۈزى ناھايىتى ئۇزۇن، ناھايىتى توم.

چۈنكى ئەمدىلا يېتىلگەن ئەركەك سەرەتان تېنى ناھايىتى يۇمشاق، تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى سايرايدۇ، تەخمىنەن ئۈچ كۈندىن كېيىن تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى ئاندىن قېتىپ ھەمدە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ ئاندىن سايرايدۇ، ئاۋازى ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئاشىدۇ. قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىن لىچىنكىسى بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئاندىن دەرەخ شېخىنىڭ شىرنىسىنى شورايدۇ. بۇ خۇددى قارا چېكەتكە شەكىللىك تومۇزغا بىلەن ئوخشاش. سەرەتان بىلەن قارا چېكەتكە شەكىللىك تومۇزغا ئوخشاش.

قورچاقلىقتىن چىقىش ئالاھىدىلىكى

سەرەتانسەرەتان دەرەخ غولىنى يەر يۈزىدىن بىر بۆلەك ئارىلىق تاشلىغاندىن كېيىن يامىشىپ چىقىپ، بىر مەزگىل، ئاز بولغاندا نەچچە ئون مىنۇت، كۆپ بولغاندا بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ياشىيالايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن دۈمبە قىسمى يېرىلىش سىزىقى ئاجرىغان چاغدا قانات چىقىرىشقا باشلايىدۇ. يېتىلگەن چاغدا بولسا بىر خىل ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇيۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قۇرتنىڭ  ئاستا-ئاستا كۆكرەك قىسمى ۋە بېشى ئاستا-ئاستا پەيدا بولىدۇ، ئارقىدىنلا پۇتى چىقىدۇ. بۇ چاغدا بەدەن دەرەخ غولى تىك بولغاچقا، ئادەتتە 10 مىنۇت ئەتراپىدا چىقىپ بولىدۇ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. چوڭ تىپتىكى تومۇزغىغا تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان چىپار سەرەتان ناھايىتى كىچىك ھەمدە رەڭگى ناھايىتى سۇس بولۇپ، بۇ چاغدا چۈمۈلە تومۇزغا دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى خۇددى بىر تال كىچىك چۆمۈلىگە ئوخشايدۇ. ئارقىدىن ھەر قېتىم تېرە تاشلىشىغا ئەگىشىپ رەڭگى قېنىقلىشىدۇ.

سەراتان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، غەربتە سىچۈەن، شەرقتە جۇشەن ئاراللىرى، رۇسىيە، ياپونىيە، چاۋشيەن، مالايسىيا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.

سەرەتانسەرەتان مەيلى يېتىلگەن باسقۇچىغا ياكى لىچىنكا باسقۇچىدا بولسۇن ھەممىسى يېزا ئىگىلىكدە زىيانداش ھاشارات ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى لىچىنكا كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك دەرەخ يىلتىزى شىرنىسى، يېتىلگەن شاخ ئۈستىدىكى شىرنىسىنى سۈمۈرىدۇ. بولۇپمۇ ئانىلىق سەرەتان سانى كۆپ بولغان چاغدا تۇخۇم تۇغۇش ۋاقتىدا دەرەخ قوۋزىقىنىڭ ئانئورگانىك تۇز ۋە نەملىكىنى تۇسۇپ دەرەخ شېخىنىڭ ئوزۇقلۇق توشۇشىنى چەكلەپ شۇنىڭ بىلەن دەرەخ شاخلىرى قۇرۇپ، مەھسۇلات مىقدارىغا تەسىر يېتىدۇ. كۆپ شىرنىلىك، ھەر خىل يۇمشاق مېۋىلىك دەرەخ قاتارلىقلارغازىيان يەتكۈزىدۇ. قول بىلەن تۇتۇش ياكى قاراڭغۇدا يورۇقلۇققا ئىنتىلىش ئالاھىدىلىكىدىن  پايدىلىنىپ ئوت ئالدۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ياكى دېھقانچىلىق دورىلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#