چاچ بالدۇر ئاقىرىش

چاچ بالدۇر ئاقىرىش

چاچ ۋە ساقاللارنىڭ ئاقىرىش يېشىغا يەتمەي تۇرۇپ ئاقىرىپ كېتىشى چاچ ۋاقىتسىز ئاقىرىش كېسەللىكى دېيىلىدۇ. چاچ ۋە ساقالنىڭ تېخى ئاقىرىش يېشىغا يەتمەي تۇرۇپلا مەزگىلسىز ئاقىرىپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. 

غەرب تېبابىتى نامى چاچ بالدۇر ئاقىرىش
كېسەللىك سەۋەبى ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىشىشى، ھەددىدىن زىيادە چارچاش
كېسەللىك ئورنى چاچ
ئاساسلىق ئالامىتى چاچ ۋە ساقالنىڭ بالدۇر ئاقىرىشى
خەنزۇچە نامى 须发早白

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چاچ بالدۇر ئاقىرىشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، 50 ياشقا يەتمىگەن كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى تەسىردىن خىلىتلاردا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، قاننىڭ تۇزلۇق تەرەپكە مايىل بولۇپ قېلىشى ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ يېتىشمەسلىكى ياكى ئىسسىقلىقنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى، ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىشىشى، ھەددىدىن زىيادە چارچاش، روھىي زەربە، غەم-قايغۇ، ھاياجانلىنىش، ئىچىملىك ۋە چېكىملىكلەر بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

چاچ بالدۇر ئاقىرىشنىڭ سەۋەبلىرى مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسەن ئىچكى ۋە تاشقى تەسىرلەر تۈپەيلىدىن خىلىتلاردا ئۆزگىرىش بولۇپ، قاننىڭ تۇزلۇق تەرەپكە مايىل بولۇشى چاچنىڭ ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر قان شورلۇق تەرەپكە مايىل بولۇپ، ھارارىتى غەرىزنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن ئوتتۇرا ياشلىق دەۋردىن ئۆتكەندىن كېيىن، چاچ ئاقارسا بۇ خىلدىكى چاچ ئاقىرىش تەبىئىي ئاقىرىش بولۇپ ئۇنى داۋالاش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر قان ھۆللۈك تەرەپكە مايىل بولۇپ تۇرۇقلۇق ياش تۇرۇپلا ھارارىتى غەرىزى ئاجىزلاپ قاندا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، چاچ ئاقىرىشقا باشلىسا، بۇ چاچنىڭ ۋاقىتسىز ئاقىرىشى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچار بولۇشى، ھەزىم قىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ھەددىدىن زىيادە چارچاش، روھىي زەربە، غەم، قايغۇ، ھاياجانلىنىش، ھاراق ۋە چېكىملىكلەر بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش، قالايمىقان جىنسىي تۇرمۇشلارمۇ چاچنىڭ بالدۇر ئاق كىرىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ.[0]

ئالامىتى: چاچ ۋە ساقالنىڭ تېخى ئاقىرىش يېشىغا يەتمەي تۇرۇپلا مەزگىلسىز ئاقىرىپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: ياڭاق مېغىزى 250 گىرام، قارا كۈنجۈت 250 گىرام، قارا شېكەر 500 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قارا شېكەرنى سۇدا قاينىتىپ، ياڭاق مېغىزى ۋە قارا كۈنجۈتنى قورۇپ، چۈچۈتۈلگەن قىچا مېيىنى تۆكۈلگەن تۈنكە لېگەنگە تۆكۈپ، يېيىتىپ قۇرۇتۇپ، ئاندىن ماشتەك پارچىلاپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

چاچ بالدۇر ئاقىرىشتەركىبى: ھېلىلە، بەلىلە، ئامىلە، نېلۇپەر يىلتىزى تەڭ مىقداردا، شېكەر قومۇش مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: شېكەر قومۇشتىن دورىلارنى ئايرىم-ئايرىم سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، شېكەر قومۇشنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، سۈيىگە دورىلارنى سېلىپ، تۆمۈر قاچىغا قاچىلاپ 40 كۈن يەرگە كۆمۈپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم چاچقا سۈرتۈلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: لىمون سۈيى، ئاق قىچا يېغى، كۈنجۈت يېغى، ئامىلە يېغى، زەيتۇن يېغى، سىيادان يېغى تەڭ مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا سىرتتىن چېپىلىدۇ. 

چاچلارنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىنى توسۇش ۋە قارايتىش چارىلىرى تۆۋەندىكىچە:

بەلغەم ماددىسىنى داۋاملىق تازىلاپ تۇرۇش، بولۇپمۇ مۇمكىن بولسا قەي بىلەن چىقىرىش، جىنسىي ئالاقىنى كېمەيتىش لازىم. قاننى ئاچچىقلىققا مايىل قىلىدىغان ۋە قويۇقلىتىدىغان، بەلغەمنى يوقىتىدىغان ھەرخىل تاماقلارنى، مەسىلەن: قىچا، قوۋزاق دارچىنلار سېلىنغان قورۇما كاۋاپلارنى ئىستېمال قىلىش لازىم. ئىسسىق، خۇشبۇي قابىز دورىلار بىلەن قاينىتىپ قورۇما كاۋاپلارنى ئىستېمال قىلىش لازىم. ئىسسىق، خۇشبۇي قابىز دورىلار بىلەن قاينىتىپ تەييارلانغان ياغلاردىن سۇمبۇل، ئىزخىر مونچىقى، سەلىخە، قەلەمپۇر، ئۇدھىندى، قەسپۇس زەرىرە، شۇنىڭغا ئوخشاش دورىلارنىڭ قاينىتىلغان ياغلىرى بىلەن ياغلاش كېرەك.

تەرياق. مەسرىتۇس، مەجۈنى بالادۇر، ھېلىلە مۇرابباسى قاتارلىق دورىلارنى يېيىش مەنپەئەتلىك، سۈت، قېتىق، ئاچچىق-چۈچۈك نەرسىلەر، ھۆل مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش ۋە ئارقىمۇ ئارقا شاراب ئىچىش، كافور ۋە گۇلاپلارنى ئىستېمال قىلىشتىن، مۇنچىغا كۆپ بېرىشتىن، كۆپ غەم-ئەندىشە قىلىشتىن ساقلانغاندا چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چاچ قارا ۋە ياش تۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان كىشىلەر يۇقىرىقى تەرەپلەردىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چاچلارنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىگە قارشى تۇرغۇچى، ۋاقىتتىن بۇرۇن ئاقارغان چاچلارنى قارايتقۇچى مەجۇنلاردىن مەجۈنى شەبباب (ئادەمنى ياش تۇتقۇچى مەجۈن) ئىستېمال قىلىش مۇمكىن.

چاچ بالدۇر ئاقىرىشتەركىبى: قارا ھېلىلە 30 گىرام، سېرىق ھېلىلە، كۈندۈر، تاباشىر ھەر بىرى 15 گىرامدىن، قارىمۇچ 7. 5 گىرام، زەنجىۋىل، قىزىلگۈل، ئىگىر ھەر بىرى 4. 5 گىرامدىن، ئاق سەندەل، كاسىنە ئۇرۇقى ھەر بىرى 9 گىرامدىن، ھېلىلە مۇرابباسىنىڭ ھەسىلى 3 ھەسسە باراۋەر.

تەييارلاش: دورىلارنى قائىدە بويىچە ئېلىپ، سوقۇپ، تاسقاپ، ھېلىلە مۇرابباسىنىڭ ھەسىلىگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

خۇسۇسىيەت: چاچلارنى قارا ساقلاش، ۋاقىتتىن ئىلگىرى ئاقارغان چاچلارنى قارايتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلارغا 9 گىرامغىچە.

چاچ ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سېرىق ھېلىلىنى دائىم شۈمۈش ياكى ھېلىلە پوستىنى سوقۇپ كۈندە ناشتىدا يېرىم گىرامنى يېرىم پىيالە پىشقان سۈت بىلەن ئىچىپ يۈرۈش، سىيادان يېغىدىن كۈندە يېرىم پىيالە سۈتكە 5 تامچە تېمىتىپ ئىچىپ يۈرۈش ياكى 7-10 تال سىيادان يۈتۈپ تۇرۇش لازىم.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى 

http://tibbiyjawhar.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=34&id=263

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#