قەشقەردىكى دەريالار

قەشقەردە دەريالارنىڭ تۈرلىرى كۆپ بۇلۇپ، يەنى يەكەن دەرياسى، تىزناپ دەرياسى، گەز دەرياسى، قىزىل دەرياسى،  كۈسەن دەرياسى، تۈمەن دەرياسى، بەشكېرەم دەرياسى، قەشقەر دەرياسى، پەيزىۋات دەرياسى، يوپۇرغا دەرياسى، يىلىك دەرياسى، پاخپۇ ئېقىن دەرياسى، شىخشۇ دەرياسى، خالاستان دەرياسى....... قاتارلىقلار. 

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەردىكى دەريالار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەشقەر دە يەكەن دەرياسى، تىزناپ دەرياسى، گەز دەرياسى، قىزىل دەرياسى،  كۈسەن دەرياسى، تۈمەن دەرياسى، بەشكېرەم دەرياسى، قەشقەر دەرياسى، پەيزىۋات دەرياسى، يوپۇرغا دەرياسى، يىلىك دەرياسى، پاخپۇ ئېقىن دەرياسى، شىخشۇ دەرياسى، خالاستان دەرياسى، قولانئاغۇ دەرياسى، گوساس دەرياسى، كولچىن دەرياسى، ۋەچە دەرياسى، مەرياڭ دەرياسى، داتۇڭ دەرياسى، قاراچوقۇر دەرياسى، پەيىك دەرياسى، شىنغۇن دەرياسى، ئۇپراڭ دەرياسى، تاشقورغان دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار.

يەكەن دەرياسى

  يەكەن دەرياسى قەشقەر دەرياسىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، راستكەن، ئاقتېكە ئىككى دەريانىڭ قاراقۇرۇم تاغ ئېغىزىدىكى قارا بۇلۇڭ كۆلنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللىنىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1000 كىلومېتىر بولۇپ، غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمال تەرەپكە قاراپ ئېقىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى تاشقورغان، قاغىلىق، پوسكام، مەكىت، مارالبېشى قاتارلىق ئالتە ناھىيە ۋە يېزا ئىگىلىك 3- دىۋىزىيەدىكى 11 تۈەن-مەيدانىنىڭ 4 مىليون 333 مىڭ 400 مو يېرىنى سۇغىرىدۇ، ئۇ قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە بىرىنچى چوڭ دەريا ھېسابلىنىدۇ.

  يەكەن دەرياسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ مىقدارى 6 مىليارد 433 مىليون كۇب مېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 205 كۇب مېتىر، 1961-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەڭ زور كەلكۈن مەزگىلىدىكى ئېقىن مىقدارى 6270 كۇب مېتىرغا يەتكەن. 1980-يىلى كەلگەن زور كەلكۈن سېكۇنتىغا 9140 كۇب مېتىر، ئەڭ كىچىك ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 22.8 كۇب مېتىر. ھەر يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ۋاقىت كەلكۈن مەزگىلى، 12-ئايدىن كېلەر يىلى 2-ئايغىچە بولغان ۋاقىت سۇ ئاز مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. سۇ مەنبەسى ئۈچ بولۇپ: بىرى، دۇنيا بويىچە 2-ئېگىز چوققا چوگىر چوققىسىدىكى قار-مۇز سۈيى؛ ئىككىنچىسى، دەريا قىنىنىڭ غەربىي ياقىسىدىكى تاش قەۋىتىدىن ئېقىپ چىققان بۇلاق سۈيى بولۇپ، بۇ جايدىكى ماگما بۇلاق سۈيىنىڭ ئېقىن مىقدا ى ھەر سېكۇنتتا 2 كۇب مېتىرغا يېتىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، يامغۇر سۈيى، دەريا سۈيىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىشىگە ۋە ئېتىزلارنى سۇغىرىشقا باب كېلىدۇ. دەريادا بېلىق ۋە سۇ قۇشلىرى ياشايدۇ.

 يەكەن ناھىيەسىنىڭ يۇقىرى قىسمى تاغلىق رايون بولۇپ، جىلغا ئەگرى-بۈگرى، دەريانىڭ ئىككى تەرىپى خەتەرلىك، بۇ يەردە يۇلغۇن، ئوت-چۆپلەر ئۆسكەن بولۇپ، چارۋا باققىلى بولىدۇ. ئەمما، قاتناش ئىنتايىن قولايسىز. دەريانىڭ ئاياغ تەرىپى، يەنى كاچۇڭنىڭ ئايىغى تەدرىجىي ھەرخىل تۆۋەنلىگەن. دەريا قىنى قۇم-شېغىلدىن تەركىب تاپقان. دەريانىڭ ئىككى تەرىپى پايانسىز كەتكەن تۈزلەڭلىككە تۇتاشقان بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولىدىغان ئوبدان جاي.

 يەكەن دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنلىرى كۆپ بولۇپ، ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىنلىرىدىن ئولچىن دەرياسى بار. بۇ دەريا چوگىر چوققىسى بىلەن ئاقلىق داۋىنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 225 كىلومېتىر كېلىدۇ. تاشقورغان دەرياسى ئاقاز بويىدىن باشلىنىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 252 كىلومېتىر كېلىدۇ. يەكەن دەرياسى بويىدا چوڭ-كىچىك سۇ ئامبىرىدىن 37 سى، سۇ ئۆلچەش پونكىتلىرىدىن ئالتىسى بار.

تىزناپ دەرياسى

  تىزناپ دەرياسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كۆكئارت داۋىنىدىن باشلىنىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 335 كىلومېتىر بولۇپ، شەرقىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ ئاقىدۇ. ۋىلايىتىمىزنىڭ قاغىلىق، پوسكام، يەكەن، مەكىت ناھىيەلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، دەريا بويىدىكى 750 مىڭ مو يەرنى سۇغىرىدۇ. دەريا سۈيىنىڭ كۆپ قىسمى سۇغىرىش رايونلىرىغا ئېقىپ كىرىدۇ. ئاز قىسمى مەكىت ناھىيەسىنىڭ چاسا دېگەن يېرىدە يەكەن دەرياسىغا قوشۇلىدۇ.

  تىزناپ دەرياسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئومۇمىي سۇ مىقدارى 771 مىليون كۇب مېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 24.4 كۇب مېتىر. ھەر يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ۋاقىت كەلكۈن مەزگىلى، 12-ئايدىن كېلەر يىلى 2-ئايغىچە بولغان ۋاقىت سۇ ئاز مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. سۇ مەنبەسى ئاساسەن تاغدىكى قار-مۇز سۈيى ۋە بۇلاق سۈيى، يامغۇر سۇلىرىدىن ئىبارەت. سۇ مەنبەسى مول، سۇنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىشىگە ۋە ئېتىلارنى سۇغىرىشقا باب كېلىدۇ. دەريادا بېلىق ۋە سۇ قۇشلىرى ياشايدۇ.

  تىزناپ دەرياسىنىڭ تاغ ئىچىدىكى جىلغىلىرىدا تاش كۆپ؛ تاغ ئېغىزىنىڭ تۆۋەن قىسمى يەلپۈگۈچ شەكىللىك تىنما بەلباغ بولۇپ، دەريا قىنى قۇم-شېغىلدىن تەركىب تاپقان. دەريا بويىدا ئوتتۇرا-كىچىك سۇ ئامبارلىرىدىن 25 ى، سۇ ئۆلچەش پونكىتىدىن بىرسى بار.

 گەز دەرياسى

  گەز دەرياسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، سارىقول تېغىنىڭ شىمالىي چوققىسىدىن باشلىنىپ، مۇجى دەرياسى، يامانيار دەرياسىنىڭ بۇلۇڭكۆلدە قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 320 كىلومېتىر بولۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ كونا شەھەر، يېڭىشەھەر، يوپۇرغا ناھىيەلىرىنى ۋە يېزا ئىگىلىك 3-دىۋىزىيە 41-، 42-تۈەن مەيدانلىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ سۇ بىلەن 1 مىليون مودەك يەر سۇغىرىلىدۇ.

  گەز دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا پارچە تاشلار بار. ئوتتۇرا قىسمىدا شېغىل-قۇم بار. تۆۋەن تەرىپى قۇم-لايدىن تەركىب تاپقان. سۇ مەنبەسى ئاساسەن مۇز تاغ، قوڭۇر چوققىلىرىدا ئېرىگەن قار-مۇز سۇلىرى ۋە بۇلاق سۇلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن پەيدا بولىدۇ. دەريا سۈيى تۇزسىزراق بولغاچقا، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىشىگە ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشقا باب كېلىدۇ. دەريادا بېلىق ۋە سۇ قۇشلىرى ياشايدۇ.

  گەز دەرياسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئومۇمىي سۇ مىقدارى 1 مىليارد 162 مىليون كۇب مېتىر، ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 36.9 كۇب مېتىر، 1978-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەڭ چوڭ ئېقىن مىقدارى 295 كۇب مېتىر، تارىختا ھەر سېكۇنتتا 532 كۇب مېتىرلىق زور كەلكۈن كەلگەن. ئەڭ كىچىك ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 4.38 كۇب مېتىر بولۇپ، ھەريىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ۋاقىت كەلكۈن مەزگىلى، 12-ئايدىن كېلەر يىلى 2-ئايغىچە بولغان ۋاقىت سۇ قىس مەزگىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 گەز دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا ئۈچ ئورۇندا سۇ ئۆلچەش پونكىتى بار. پۈتكۈل ئېقىن بيىدا 11 سۇ ئامبىرى بار.

  قىزىل دەرياسى   

  قىزىل دەرياسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 6048 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىراپۇكىيا (لېنىن چوققىسى) دىن باشلىنىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 778 كىلومېتىر، جۇڭگو تەۋەسىدىكى ئۇزۇنلۇقى 900 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. دەريا ئېقىنىنىڭ ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 80 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، غەربتىن شەرققە قاراپ ئېقىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ كونا شەھەر، قەشقەر شەھىرى، يېڭىشەھەر، پەيزىۋات، مارالبېشى ناھىيەلىرىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەكەن دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. سۇغىرىش ئېقىنىدىكى تېرىلغۇ يەر 2 مىليون 150 مىڭ مو، بىنەم 1 مىليون 700 مىڭ مو بولۇپ، ۋىلايىتىمىزدىكى 2-چوڭ دەريا ھېسابلىنىدۇ. دەريا سۈيى قىزىل ۋە لاي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

  قىزىل دەرياسى مۇز ئېقىنلاردىن ئېرىپ چۈشكەن قار سۈيى ۋە تاغ بۇلاقلىرى، شۇنىڭدەك تەبىئىي يامغۇر سۈيىنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان. يۇقىرى ئېقىنىدىكى سۇنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچىشىگە، زىرائەتلەرنى سۇغىرىشقا باب كېلىدۇ. تۆۋەن ئېقىندا سۇدا ئېرىيدىغان شور ۋە لاتقىلار كۆپەيگەچكە، سۇنىڭ سۈپىتى ناچارلىشىپ كېتىدۇ، ئادەملەرنىڭ ئىچىشىگە باب كەلمەيدۇ. دەريادا بېلىق ۋە سۇ قۇشلىرى بار.

  قىزىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 67.1 كۇب مېتىر، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 2 مىليارد 120 مىليون كۇب مېتىر، سۇ كۆپ كەلگەن يىللاردا 2 مىليارد 282 مىليون كۇب مېتىر، سۇ ئاز كەلگەن يىللاردا 1 مىليارد 765 مىليون كۇب مېتىر. ھەر يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان مەزگىل كەلكۈن مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. 7-ئايدىكى كەلكۈن مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، يىللىق سۇ مىقدارىنىڭ 60% ىنى ئىگىلەيدۇ. 1966-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى ئەڭ زور ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 1400 كۇب مېتىرغا يەتكەن. 1930-يىلى 1850 سېكۇنت كۇب مېتىرلىق زور كەلكۈن كەلگەن. ھەريىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن كېلەر يىلىنىڭ 2-ئايلىرىغىچە سۇ ئازىيىدۇ. ئەڭ كىچىك ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 9.60 كۇب مېتىر كېلىدۇ.

  قىزىل دەريا ئېقىنىدا 19 ئورۇندا سۇ ئامبىرى، بەش ئورۇندا سۇ ئۆلچەش پونكىتى، ئىككى ئورۇندا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بار.

كۈسەن دەرياسى

  كۈسەن دەرياسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 7546 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇز تاغ ۋە 7719 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قوڭۇر چوققىسىدىن باشلىنىپ، قاراتاش دەرياسى ۋە چىمگەن دەرياسىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 224 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 400 مېتىر بولۇپ، دەريا سۈيى غەربتىن شەرققە قاراپ ئېقىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى، ۋىلايىتىمىزنىڭ يېڭىسار، يېڭىشەھەر ناھىيەلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك 3-دىۋىزىيەسىنىڭ شەرق شامىلى دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. تەخمىنەن 550 مىڭ 400 مو يەرنى سۇغىرىپ، ئاخىرىدا بۇغرا-قۇم چۆلىدە يوقىلىپ كېتىدۇ.

  كۈسەن دەرياسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى دەريا قىرغىقى ئەگرى-بۈگرى بولۇپ، قورام تاش، ئۇيۇلتاشلاردىن تەركىب تاپقان. تاغلىق رايونلارنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى دەريا ئېقىنى قۇم-شېغىل ۋە ئۇششاق تاشلاردىن تەركىب تاپقان. سۇ مەنبەسى تاغدىكى مۇزلۇقلار، قار سۇلىرى ۋە ئاز مىقداردىكى بۇلاق سۇلىرى، يامغۇر سۇلىرىدىن ئبارەت. سۇنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىشىگە ۋە ئېتىزلارنى سۇغىرىشقا باب كېلىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ئومۇمىي سۇ مىقدارى 636 مىليون كۇب مېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 20.2 كۇب مېتىر، 1975-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى ئەڭ چوڭ ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 2.23 كۇب مېتىر، ھەريىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ۋاقىت كەلكۈن مەزگىلى، 1-ئايدىن كېلەر يىلى 2-ئايغىچە بولغان ۋاقىت سۇ ئاز مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.

  كۈسەن دەرياسىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە سۇ ئامبىرىدىن 15 ى، سۇ ئۆلچەش پونكىتىدىن ئىككىسى بار.

تۈمەن دەرياسى

  تۈمەن دەرياسى قەشقەر شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، بۇلاق سۈيىنى مەنبە قىلغان ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولۇپ يامغۇر، بۇلاق سۈيى ۋە ئېتىز-ئېرىقلارنى سۇغىرىشتىن ئاشقان سۇلار بىلەن سۈيى تولۇقلىنىپ تۇرىدىغان دەريادۇر. بۇ دەريا كونا شەھەر ناھىيەسى لەڭگەر يېزىسىنىڭ ئاقتامدىن باشلىنىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى ئىتپوقى دېگەن يەرگە كەلگەندە قىزىل دەرياسىغا يېقىنلىشىدۇ. شەھەر دائىرىسىدىن ئۆتىدىغان قىسمى 9 كىلومېتىر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 16 كىلومېتىر، سۇغىرىش ئۆلچىمى 4000 مو كېلىدۇ. دەريا بويلىرىدا بۇلاق كۆپ بولۇپ، قىش كۈنلىرى بۇلاق ئەتراپىنى تۇمان قاپلاپ كەتكەچكە «تۈمەن» دەپ ئاتالغان.

 بەشكېرەم دەرياسى

  بۇ دەريا كونا شەھەر ناھىيەسى بەشكېرەم يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، غەربتە قوغان يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى قازئېرىق، تۈتۈرگىدىن باشلىنىپ، بەشكېرەم تەۋەسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، شەرقىي جەنۇبتا خانئۆي قەدىمكى شەھەر خارابىلىكىدە ئاخىرلىشىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 28 كىلومېتىر، كەڭلىكى 400 مېتىر، سۇغىرىش كۆلىمى 12 مىڭ مو كېلىدۇ. بۇ دەريا ئاساسەن بەشكېرەم يېزىسىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇغىرىشتا پايدىلىنىلغانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

قەشقەر دەرياسى

  بۇ دەريا قەشقەر دەرياسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، خانتەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئالىي تاغ تىزمىلىرىدىن باشلىنىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 900 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 40 مېتىر كېلىدۇ. ئۇلۇغچات، كونا شەھەر، يېڭىشەھەر، پەيزىۋات قاتارلىق ناھىيەلەردىن ئۆتۈپ، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ئاناركۆل سۇ ئامبىرىغا قۇيۇلىدۇ. دۆلەتباغ، چارباغ يېزىلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇغىرىدۇ. بۇ دەريانىڭ باشلانغان يېرىدىن تارتىپ قەشقەر شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقى–قىزىل دەرياسى، قەشقەر شەھىرىدىن مارالبېشىغىچە بولغان ئېقىنى- قەشقەر دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ.

پەيزاۋات دەرياسى

 بۇ دەريا يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، بارىن يېزىسىنىڭ قېچىچى كەنتىدىن باشلىنىپ، يامانيار يېزىسىنىڭ شارقىراتما دېگەن يېرىگە بارغاندا پەيزىۋات تەۋەسىگە كىرىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 51.1 كىلومېتىر بولۇپ، يىل بويى سۈيى ئۆكسۈمەيدۇ. كەلكۈن مەزگىلىدە، ئېقىن مىقدارى سېكۇنتىغا 80-100 كۇب مېتىرغا يېتىدۇ.

قىزىلبوي دەرياسى

  بۇ دەريا يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، بارىن يېزىسىنىڭ قېچىچى كەنتىدىن باشلىنىپ، يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ ئەچكۈچى كەنتىگە بارغاندىن كېيىن، پەيزىۋات تەۋەسىگە كىرىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 35 كىلومېتىر بولۇپ، يىل بويى سۈيى ئۆكسۈمەيدۇ. ئەڭ چوڭ ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتىغا 30 كۇب مېتىر، ئەڭ ئاز ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 5 كۇب مېتىرغا يېتىدۇ.

 يوپۇرغا دەرياسى

  بۇ دەريا يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، باغچى يېزىسىنىڭ خانقۇم كەنتىدىكى ئۈچ كۆۋرۈك ئايرىش تومىسىدىن باشلىنىپ 41-تۈەن-مەيدانى، تازغۇن يېزىسىنىڭ ئېرىق كەنتىگە كېلىپ ئاندىن يوپۇرغا تەۋەسىگە كىرىپ، ئايىغى كونا كۇندىيار تۇغىنىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 74.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 50-200 مېتىر كېلىدۇ. تېرىم، ئاخۇنلۇقۇم، بايئاۋات يېزىلىرى ۋە 42-تۈەن مەيدانى، ناھىيەلىك ئۇرۇقچىلىق مەيدانى، نەسىللىك چارۋا فېرمىسى، دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق جايلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇغىرىدۇ. ئەڭ چوڭ ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتىغا 400 كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ دەريا نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى تەبىئىي شەكىللەنگەن بولۇپ، ئاساسەن يوپۇرغا ناھىيەسىنى سۇ بىلەن تەمىنلىگەچكە شۇ نام بىلەن ئالغان.

 يىلىك دەرياسى

  بۇ دەريا قاغىلىق ناھىيەسى شىخشۇ يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كەشمىر مۇز تېغىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئېقىپ كۆكئارت دەرياسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن، يەكەن دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر، كەڭلىكى 300 مېتىر كېلىدۇ. يىلىك دەرياسىنىڭ ئەسلى نامى سۈركىۋەتتى دەرياسى بولۇپ، 1962-يىلى يىلىك كۆۋتۈكى ياسالغاندىن كېيىن شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

 پاخپۇ ئېقىن دەرياسى

بۇ دەريا قاغىلىق ناھىيەسى شىخشۇ يېزىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 35 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، مۇز چوققىسىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئېقىپ پاخپۇ كەنتىدىن ئۆتكەندە، خالاستان دەرياسى بىلەن قوشۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 30 كىلومېتىر، كەڭلىكى 50 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 3 مېتىر كېلىدۇ. پاخپۇ ئېقىنى ئېگىزگە جايلاشقان دەريا مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. دەريا قىنى ئېگىز بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

 شىخشۇ دەرياسى

بۇ دەريا قاغىلىق ناھىيەسى شىخشۇ يېزىسىنىڭ غەربىدىن 0.2 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئاقاز مۇز تېغىدىن باشلىنىپ، شىخشۇ، بولۇڭ، يولۇڭ ئېقىنلىرىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ جالاستان دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر، كەڭلىكى 600 مېتىر كېلىدۇ. بۇ دەريا شىخشۇ كەنت نامى بىلەن ئاتالغان.

خالاستان دەرياسى

 بۇ دەريا قاغىلىق ناھىيەسى شىخشۇ يېزىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، مۇز تاغدىن باشلىنىپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئېقىپ، باراڭلا، ئاقاز، مومۇق، شىخشۇ كەنتلىرىدىن ئۆتۈپ، تىزناپ دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 241 كىلومېتىر، كەڭلىكى 30-1000 مېتىر كېلىدۇ. خالاستان- كەلگەندىلا يەرگە دوقۇرىدىغان دەريا مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

قولانئاغۇ دەرياسى

 بۇ دەريا قاغىلىق ناھىيەسى شىخشۇ يېزىسىنىڭ غەربىدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، مۇز تاغدىن باشلىنىپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئېقىپ، قولانئاغۇدا يەكەن دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 170 كىلومېتىر، كەڭلىكى 50 مېتىر كېلىدۇ. بۇ دەريا قولانئاغۇ كەنتىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

 گوساس دەرياسى

 بۇ دەريا قاغىلىق ناھىيەسى گوساس يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، گوساس كەنتىدىكى مۇز داۋاندىن باشلىنىپ خالاستان دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ دەريا گوساس كەنتىدىن ئۆتكەچكە شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

كولچىن دەرياسى

بۇ دەريا تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 120 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، يېڭى سۆگەت، تۇپولاق، شىڭشەر، ئۇپراڭ قاتارلىق جايلاردىن باشلىنىپ، چوڭ توقايدا بۇزۇر دايو دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. بۇ دەريادا يىل بويى تاتلىق سۇ ئاقىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 122 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردىكى دەريا قىنىنىڭ كەڭلىكى 40-50 مېتىر، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 1 مېتىر، كەلكۈن مەزگىلىدىكى سۇ چوڭقۇرلۇقى 2-3 مېتىر، كەڭلىكى 80-120 مېتىر كېلىدۇ. كولچىن- جۇڭگو دەرياسى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

 ۋەچە دەرياسى

 بۇ دەريا تاشقورغان ناھىيەسى بەلدىر يېزىسىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، سۈيدۆڭ، ۋاياۋ قۇنبۇنى، قاۋۇ ئەيفال، تاش ئەيفال، سايسۇ قاتارلىق تارماق ئېقىنلاردىن ئېقىپ ئۆتۈپ، تاشقورغان دەرياسى بىلەن قوشۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 56 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 10 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 1 مېتىر كېلىدۇ. بۇ دەريا يىللىق دەريا بولۇپ، ئېقىن بويلىرىدىكى ئىككى يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇغىرىدۇ. ۋەچە دەرياسى-بوسۇق دەرياسى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

مارياڭ دەرياسى

 بۇ دەريا تاشقورغان ناھىيەسى مارياڭ يېزىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، پىياق جىراپ، مالىڭ جىراپ، ھارپا تۇجى، زەنغار قاتارلىق جىلغىلاردىن باشلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 38 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5 مېتىر، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 0.7 مېتىر كېلىدۇ. كەلكۈن مەزگىلىدە دەريا كەڭلىكى 7 مېتىر ئەتراپىغا، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 1 مېتىرغا يېتىدۇ. سۈيى بىرقەدەر تېز ئاقىدۇ. بۇ يىللىق دەريا بولۇپ، شۇ جايدىكى كىشىلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، چارۋىلار ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى سۇغىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. مارياڭ دەرياسى-رەڭدار بۇلۇت دەرياسى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

داتۇڭ دەرياسى

بۇ دەريا تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ داتۇڭ يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، لابلۇغا تاغ جىلغىسىدىن باشلىنىپ، تۇراجىراپ، چۈپەنجىراپ جىلغىلىرىدىن ئۆتۈپ يەكەن دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 43 كىلومېتىر، كەڭلىكى 1-12 مېتىرغىچە، سۇ چوڭقۇرلۇقى 1 مېتىر بولۇپ، يىللىق دەريا ھېسابلىنىدۇ.

 قاراچوقۇر دەرياسى

بۇ دەريا تاشقورغان ناھىيەسى دەفتەر يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 117 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ۋاخجىرۇي، كۆكتۈرك، تۈگمەنسۇ قاتارلىق تاغلاردىن باشلىنىپ، غىجاق بويىدا تاشقورغان دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتىر، دەريا قىنىنىڭ كەڭلىكى 60-100 مېتىر كېلىدۇ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئادەتتە 1.5-2 مېتىرغىچە، كەلكۈن مەزگىلىدىكى سۇ چوڭقۇرلۇقى 3 مېتىر كېلىدۇ.

 پەيىك دەرياسى

 بۇ دەريا تاشقورغان ناھىيەسى دەفتەر يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 79 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆك ئالا چوقۇر مۇز چوققىسىدىن باشلىنىپ، شەرقتە پەيىك جىلغىسىدا قارا چوقۇر دەرياسى بىلەن قوشۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 39 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 5-10 مېتىرغىچە، ئادەتتىكى سۇ چوڭقۇرلۇقى 0.45 مېتىر، كەلكۈن مەزگىلىدىكى سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 1.3-1.5 مېتىرغىچە بولۇپ، يىللىق دەريا ھېسابلىنىدۇ. دەريادا ئاندا-ساندا قارلىق تاغ بېلىقى بار. پەيىك دەرياسى-ئېگىزلىكتىكى دەريا مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

شىنغۇن دەرياسى

  بۇ دەريا تاشقورغان ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 4 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، چوڭ خانيول، كىچىك خانيول، ئاق شىيۇق قاتارلىق تاغ جىلغىلىرىدىن باشلىنىپ، تاشقورغان دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 44 كىلومېتىر، دەريا قىنىنىڭ كەڭلىكى 5-9 مېتىرغىچە، ئادەتتىكى سۇ چوڭقۇرلۇقى 0.4 مېتىر، كەلكۈن مەزگىلىدىكى سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 1.3 مېتىر بولۇپ، يىللىق دەريا ھېسابلىنىدۇ. دەريا ياقىسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى تاشقورغان، تىزناپ ۋە ناھىيە بازىرى قاتارلىق ئورۇنلار بۇ دەريا سۈيى بىلەن تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇغىرىدۇ. شىنغۇن دەرياسى-كۆك رەڭدىكى دەريا مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇپراڭ دەرياسى

  بۇ دەريا تاشقورغان ناھىيەسى تاشقورغان يېزىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن 164 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئۇپراڭ، تېكىلىك، ئۈچ يالرىق قاتارلىق جىلغىلاردىن باشلىنىپ، ئىچراڭ سۇمانبۇلاققا كەلگەندە، كۆلچىن دەرياسى بىلەن قوشۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 41 كىلومېتىر، دەريا قىنىنىڭ  كەڭلىكى 30-80 مېتىرغىچە، سۇنىڭ ئادەتتىكى چاغلاردىكى چوڭقۇرلۇقى 0.4 مېتىر، كەلكۈن مەزگىلىدىكى  چوڭقۇرلۇقى 1.5 مېتىر بولۇپ، يىللىق دەريا ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى 19 كىلومېتىر ئارىلىق دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە بولۇپ، تۆۋەن ئېقىنىدىكى22 كىلومېتىر ئارىلىق دەريا ئېقىنىنىڭ مەركىزىي سىزىقى بويىچە، جۇڭگو-پاكىستان چېگراسى قىلىپ ئايرىلغان. دەريانىڭ شىمالىي تەرىپى جۇڭگوغا، جەنۇبىي قىرغىقى پاكىستانغا تەۋە. ئۇپراڭ دەرياسى-يايلاق دەرياسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

تاشقورغان دەرياسى

بۇ دەريا تاشقورغان ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىن 1 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ،دومباش دەرياسى ۋە قارا چوقۇر دەرياسىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. بۇ دەريا قونجىراپ، مىڭتېكە، پەيىك قاتارلىق تاغ جىلغىلىرىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئېقىپ، تاغارما دەرياسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن شەرق تەرەپكە بۇرۇلۇپ، بەلدىر، قوغۇشلۇق يېزىلىرىدىن ئۆتۈپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چېگراسىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 169 كىلومېتىر، ئادەتتىكى چاغلاردىكى كەڭلىكى 100-130 مېتىرغىچە بولۇپ، يىللىق دەريا ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرى ئېقىنىدىكى 50 كىلومېتىر ئارىلىقتىن پايدىلانغاندىن سىرت، تۆۋەندىكى ئېقىنىنىڭ دەريا قىنى بىرقەدەر تۆۋەن بولغانلىقى سەۋەبىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئادىل مۇھەممەت تۈزگەن «قەشقەرنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#