جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى كۆپىنچە پاكىز بولمىغان يېمەكلىكلەر ئارقىلىق قورساققا كىرىپ، ئاندىن جىگەرگە خەۋپ يەتكۈزۈپ، پۈتۈن بەدەنگە زىيان سالىدۇ. كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كۆپ مىقداردىكى ھەر خىل بۇيۇملار بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئەگەر يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە تازىلىققا رىئايە قىلمىسا، ئوڭايلا A تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، 1987-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1988-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، شاڭخەي رايونىدا A تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشى كىشىلەرنىڭ جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بار پاكىز بولمىغان تۈكلۈك ئاركا بېلىقىنى يېگەنلىكىدىن بولغان. A تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشى توساتتىن بولىدۇ، يۇقۇش دائىرىسى كەڭ بولىدۇ، لېكىن داۋالاپ ساقايتىش ئوڭاي، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ساندىكى قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ياكى بۇرۇن A تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەردە A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچى بولىدۇ.
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئىنتايىن جاھىل بولۇپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى ئۇزۇنغىچە ساقىيالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوزۇلما خاراكتېرلىك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى جىگەر راكىغا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى يۇقىرى تېمپېراتۇرا، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قۇرغاق شارائىت ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇر بولغان شارائىتلاردا ئۇزاق ۋاقىت ھايات تۇرالايدۇ، بۇ B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىشلىرى ئۈچۈن زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى بايان
نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى تىزگىنلەيدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا كەمچىل بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇنىڭ تارقىلىش يوللىرىغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى كۈچەيتىلىدۇ، مەسىلەن، قان بەرگۈچىلەر B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بولماسلىقى كېرەك؛ دوختۇرخانىلار، ياخشىسى، بىر قېتىملىق شپىرسلارنى ئىشلىتىشى كېرەك؛ ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى بەدىنىنى تەكشۈرتۈشى، ئەگەر B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغىنى بايقىلىپ قالسا چوقۇم ساقايغاندىن كېيىن ھامىلىدار بولۇشى كېرەك.
كىشىلەردە غەيرىي A تىپلىق، غەيرىي B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا نىسبەتەن تېخىغىچە يېتەرلىك تونۇش يوق، لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، غەيرى A تىپلىق، غەيرىي B تىپلىق جىگەر ياللۇغى A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ۋە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. غەيرىي A تىپلىق، غەيرىي B تىپلىق جىگەر ياللۇغىدا ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى. بۇ خىل جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى، ئاساسەن، قان بېرىش ۋە ئوكۇل ئارقىلىق تارقىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.