باغچا ئىچىدىكى باغچا ئىستىراھەت كەنتى

باغچا ئىچىدىكى باغچا ئىستىراھەت كەنتى

باغچا ئىچىدىكى باغچا ئىستىراھەت كەنتى دۆلەت «1A» دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى. باغچا ئىچىدىكى باغچا ئىستىراھەت كەنتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى گۈلباغ بازىرى غا جايلاشقان بۇلۇپ، شايار ناھىيە بازىرىغا 400 مېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى باغچا ئىچىدىكى باغچا ئىستىراھەت كەنتى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
ئورنى شايار ناھىيە گۈلباغ بازىرى
دەرىجىسى دۆلەت «1A» دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى
خەنزۇچە نامى 园中园休闲度假村
قاراشلىق رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۆلىمى 130 مو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باغچا ئىچىدىكى باغچا ئىستىراھەت كەنتىباغچا ئىچىدىكى باغچا ئىستىراھەت كەنتى دۆلەت «1A» دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى. باغچا ئىچىدىكى باغچا ئىستىراھەت كەنتى شايار ناھىيەسى گۈلباغ بازىرى غا جايلاشقان بۇلۇپ، شايار ناھىيە بازىرىغا 400 مېتىر كېلىدۇ. باغچا ئىچىدىكى باغچا ئىستىراھەت كەنتى سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈلگەن مەنزىرىسى ۋە تەبىئىي مەنزىرىسى ئومۇملاشتۇرۇلغان ساياھەت رايونى، كۆلىمى 130 نەچچە مو، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ كۆلىمى 10 مو، يېشىللاشقان مەيدان كۆلىمى 100 مو، 8 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، 20 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىلەر بار. 

باغچا ئىچىدىكى باغچا ئىستىراھەت كەنتىباغچا ئىچىدىكى باغچا ئىستىراھەت كەنتى ھويلا-ئارام ساياھەتچىلىكىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاددىي، تەبىئىي مېھمانخانا، سائۇنا مۇنچىسى، پۇت يۇيۇش، چايزارلىق، مۇزىكىلق كۇلۇب، تانسىخانا قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ياسالغان. باغچا ئىچىدىكى باغچا دەرۋازىسى ھەشەمەتلىك ھەم ھەيۋەتلىك كۆرىنىدۇ، ئىچىدە چوڭ تىپتىكى يەر يۈزى سېمونت بولغان ماشىنا توختىتىش مەيدانى بار؛ باغچىدىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى 4000 كۋادرات مېتىر، ھەممىسى يېشىللاشقان، ئاق تاملىق بىناكارلىقى يارىشىملىق كۆرىنىدۇ. باغ ئىچىنىڭ سول تەرىپىدە  يېڭى تۇتۇلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى چوڭ مېھمانخانىسى بار، ئىچىدە 9 ئېغىز ئايرىمخانا، ئازادە چوڭ زال بار بۇلۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 150 ئادەم تاڭ تاماق يىيەلەيدۇ، ئوڭ تەرەپتە چايزارلىق، مۇزىكىلق كۇلۇب، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىشقا بولىدىغان ئورۇنلار بۇلۇپ، مېھمانخانىنىڭ ئىچىدە 30 كارىۋات، ساڭنا، پۇت مۇنچىسى بار. باغچا ئىچىدىكى باغچا ئىستىراھەت كەنتىدە 60 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۈزۈم كارىدورى بار بۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھاردۇق ئېلىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. 

باغچا ئىچىدىكى باغچا ئىستىراھەت كەنتىباغچا ئىچىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بىر ئاددىي ۋە تەبىئىي بولغان چوڭ تىپتىكى يېشىل شىپاڭ بار؛ بۇ جايدا تۈرلۈك ياتاقلار، دەرىجىلىك ئاۋاز ياڭراتقۇ ۋە چىراغ ئۈسكۈنىلىرى بار بۇلۇپ، چوڭ تىپتىكى تانسا ئويناش مەيدانى قىلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باغچا ئىچىدە 850 كۋادرات مېتىرلىق ئۆي ئىچى سۇ ئۈزۈش سارىيى ۋە 950 كۋادرات مېتىرلىق ئىككى قەۋەتلىك سېلىنغان كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش ئورنى بار. 

باغچا ئىچىدە يېشى 100 يىلدىن يۇقىرى بولغان ياڭاق ئورمىنى بار، بۇنىڭ ئىچىدە كىرىشتۈرۈلگەن ئۆرۈك ئورمىنى، نەشپۈت ئورمىنى ۋە ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر بار، ھاۋاسى ساپ، تەبىئي. باغ ئىچىدە 10 كىچىك ياغاچ ئۆي بار، 16 دانە گىلەم ياتقۇزۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توز سارىيى، تۆگىقۇش باغچىسى، نېلۇفەر كۆلى قاتارلىقلار بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#