جىگەر ئاجىزلىقى

جىگەر ئاجىزلىقى

بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان، بىمارنىڭ ئىشتىھاسى كېمىيىش، ئورۇقلاش، غىزالانغاندىن كېيىن جىگەر ساھەسىدە ئاغرىق سېزىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى جىگەر ئاجىزلىقى
كېسەللىك سەۋەبى بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ ئۆزگىرىشى
ئاساسلىق ئالامىتى ئورۇقلاش،ئىشتىھاسى كېمىيىش
كېسەللىك ئورنى جىگەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىگەر ئاجىزلىقىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: بىمارنىڭ ئىشتىھاسى كېمىيىش، ئورۇقلاش، غىزالانغاندىن كېيىن جىگەر ساھەسىدە ئاغرىق سېزىلىش، خىلىتلار ئۆزگىرىشكە ماس ھالدا چىرايى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: سىركە 30 مىللىلىتىر، كەرەپشە ئۇرۇقى 10 گىرام، كاسىنە يىلتىزى 30 گىرام، قايناق سۇ بىر لىتىر، شېكەر 150 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى قايناق سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى 300 گىرام سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ، دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: ئەفسەنتىن رۇمى 12 گىرام، قىزىلگۈل، رۇم بەدىيان، ئارپىبەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئىزخىر، ئاسارۇن يەتتە گىرامدىن، دارچىن، ھەببى بىلسان، مەستىكى، رۇببىسۇس، قۇستە شېرىن، سەلىخە تۆت گىرامدىن، زەپەر بىر گىرام، قايناق سۇ، سىركەنجىۋىل مۇۋاپىق مىقداردا.

جىگەر ئاجىزلىقىتەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قايناق سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، تۈگمىدەك چوڭلۇقتا توقىچاق تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گىرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا سىركەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: گۈل سەۋسەن يىلتىزى، رەۋەن، زەنجىۋىل 10 گىرامدىن، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئارپىبەدىيان، جۇۋىنە بەش گىرامدىن، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#