غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى

غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى

 شىمالىي ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا ئارىلىقىغا جايلاشقان مېكسىكا قولتۇقى ۋە كارىپ دېڭىزى ئارىلىقىدا، غەربتىن شەرققە يېرىم چەمبەر شەكلىدە سوزۇلغان، 2000 دىن ئوشۇق چوڭ-كىچىك ئاراللار گۇرۇپپىسى بار. بۇ ئاراللار غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى
چەتئەلچە نامى The West Indies
خەنزۇچە نامى 西印度群岛
كىلىماتى ئىسسىق بەلباغ كىلىماتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىشىمالىي ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا ئارىلىقىغا جايلاشقان مېكسىكا قولتۇقى ۋە كارىپ دېڭىزى ئارىلىقىدا، غەربتىن شەرققە يېرىم چەمبەر شەكلىدە سوزۇلغان، 2000 دىن ئوشۇق چوڭ-كىچىك ئاراللار گۇرۇپپىسى بار. بۇ ئاراللار غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 3500 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، يەر مەيدانى 236 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تۆت چوڭ ئاراللار گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنىدۇ. بۇ تۆت چوڭ ئاراللار گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسى 26 مىليون 379 مىڭدىن ئاشىدۇ(1983) . بۇنىڭ 5/2 قىسمىنى نېگىرلار، 5/2 قىسمىنى ئاق تەنلىكلەر، قالغىنىنى ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر بىلەن باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئاراللار گۇرۇپپىسى ئىچىدىكى فاتلىن(سان-سالۋادور) ئارىلىغا 1492-يىلى كولۇمبو كەلگەن، كېيىنكى قېتىملىق سەپەرلىرىدە كۇبا، گايتى قاتارلىق ئاراللار بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىرغاقلىرىغا كەلگەن، كولۇمبو گايتى ئارىلىنى ياپونىيە، كۇبانى جۇڭگو، جەنۇبىي ئامېرىكا قىرغاقلىرىنى ھىندىستان دەپ خاتا تونۇپ، بۇ جايدىكى ئاراللاردا ئولتۇراقلاشقان خەلقلەرنى ھىندىستانلىقلار دەپ پەرەز قىلغان، كېيىنكى قېتىملىق تەكشۈرۈشلەردە كولۇمبو بارغان جاي ھىندىستان ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، بۇ ئاراللارنىڭ جايلاشقان ئورنىغا قاراپ غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى دەپ نام بېرىلگەن.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/76578.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#