مىكون دەرياسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى بىرىنچى چوڭ دەريا. ئۇنىڭ باش ئېقىنى جۇڭگونىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى تاڭگولا تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىدىن باشلىنىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىنى، تايلاند، ۋېيتام، لائوس، كامبودژالارنى بېسپ ئۆتۈپ، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. بۇ دەريانىڭ جۇڭگودىكى قىسمى لەنساڭجياڭ دەپ ئاتىلىدۇ. قالغان قىسمى مېكونگ دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. مېكون دەرياسىنىڭ ئومىي ئۇزۇنلۇقى 4908 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 81 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مېكون دەپ ئاتىلىدىغان قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2647 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
مىكون دەرياسىمېكون دەرياسى شۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى سۇ، سۇ ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەشتىن سىرت، سۇ قاتنىشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بولۇپمۇ ۋېيتنام، لائوس، كامبودژالارنىڭ مۇھىم سۇ قاتناش يولى ھېسابلىنىدۇ. مېكون دەريا بويىدىكى خەلقلەر نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان دەريا سۈيىدىن پايدىلىنىپ تېرىقچىلىق ۋە سۇ قاتناش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.