ئىچكى كېسەللىك ئىلمى

ئىچكى كېسەللىك ئىلمى

ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىي بولسا مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە بىر قىسىم شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى قوللانماي، باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى ئۆگىتىدىغان پەن بولۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئىچكى كېسەللىك ئىلمى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Uighur Medicine Department of Internal Medicine
خەنزۇچە ئاتىلىشى 维吾尔医内科学

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىچكى كېسەللىك ئىلمىئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىي بولسا مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە بىر قىسىم شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى قوللانماي، باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى ئۆگىتىدىغان پەن بولۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلىرى ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى بولسا ئادەم ئورگانىزمدىكى ھەرقايسى ئەزالاردا يۈز بەرگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن باشقا مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە بىر قىسىم شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پۇختا ئىگىلەش ئارقىلىق كېسەللىكلەرگە توغرا دىئاگنوز قويۇش، توغرا داۋالاش پرىنسىپى ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى تۇرغۇزۇش ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە پەرھىز بۇيرۇش ئارقىلىق بىمارلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قوتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەتقىق قىلىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىنى ئۆگىنىش

ئىچكى كېسەللىك ئىلمىئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىنى ئۆگىنىشتە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. چۈنكى ئەمەلىيەت بولسا نەزەرىيىنىڭ ئاساسى، نەزەرىيە بولسا ئەمەلىيەتنىڭ ئىلمىي يەكۈنى، شۇنداقلا نەزەرىيە ھەر دائىم ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئاناتومىيە، فىزىئولوگىيە، ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي نەزەرىيىلىرى ئىلمىي، ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەللىكىنىش ئىلمىي، ئۇيغۇر تېبابىتى دىئاگنوستكا ئىلمىي قاتارلىق تېببىي ئاساسىي پەنلەرنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى ئىچكى كېسەللەر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەزەرىيىۋى بىلىملەر بىلەن كلىنىكا ئەمەلىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش كېرەك.

ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىنى ئۆگىنىشتىكى تەلەپلەرنى يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا بۆلىدۇ.

1 . ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىنى ئۆگىنىشتە مۇھىم نۇقتا ۋە مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي نەزەرىيىلىرىگە تەدبىقلاشقا ماھىر بولۇش لازىم

2 . كېسەللىك سەۋەبى، كېسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانى، كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىلىرى بولغان تۆت ماددا تەلىماتى، مىزاج تەلىماتى، خىلىت تەلىماتى، ئەزا تەلىماتى، قۇۋۋەت تەلىماتى، روھ تەلىماتى قاتارلىق نەزەرىيىلەر بىلەن زىچ باغلاپ، كېسەللىكلەرگە توغرا دىئاگنوز قويۇش ئارقىلىق داۋالاش پرىنسىپى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى بېكىتىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىنى ئۆگىنىشتە كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي نەزەرىيىلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

3 .  ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىنى ئۆگىنىشتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى باشقا تېبابەتلەرنىڭ دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى ئۇيغۇر تېبابىتىئاساسىي نەزەرىيىلىرىنىڭ تۈپ قائىدە قانۇنىيەتلىرىگە زىت بولمىسا ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

4.  ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىنى ئۆگىنىشتە پەقەت دەرسخانا نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، كلىنىكا ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش، نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=549

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#