كىم جۇڭئېل

كىم جۇڭئېل

چاۋشيەننىڭ دۆلەت باشلىقى، ھەربىي كىم جۇڭئېل 1942-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو چاۋشيەن چېگراسىدىكى پەكدۇ تېغىغا جايلاشقان مىيىڭ دېگەن يەردە تۇغۇلغان، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپات بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كىم جۇڭئېل
باشقا نامى 김정일
مىللىتى چاۋشيەن مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1942-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
كەسپى دۆلەت باشلىقى، ھەربىي
خەنزۇچە ئاتىلىشى 金正日
دۆلەت تەۋەلىكى چاۋشيەن
يۇرتى مىيىڭ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى كىم ئېرسېن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چاۋشيەننىڭ دۆلەت باشلىقى، ھەربىي كىم جۇڭئېل 1942-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو چاۋشيەن چېگراسىدىكى پەكدۇ تېغىغا جايلاشقان مىيىڭ دېگەن يەردە تۇغۇلغان، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپات بولغان.

1950-يىلى 9-ئايدىن 1960-يىلىغىچە، پيۇڭياڭ قىزىل بايراق ماڭيوڭدە ئىنقىلابىي ئىنستىتۇتى ۋە پيۇڭياڭ نامسان ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان، 1964-يىلى كىم ئېرسېن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.

1964-يىلى 6-ئايدىن 1974-يىلى 2-ئايغىچە، كىم جۇڭئېل ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۆلۈمچە باشلىقى، مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، باشلىقى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

1980-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سېكرېتارى بولغان.

1982-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە، ھەر نۆۋەتلىك چاۋشيەن ئالىي خەلق كېڭىشىنىڭ ۋەكىلى بولغان.

1990-يىلى 12-ئايدىن 1993-يىلى 4-ئايغىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ 1-مۇئاۋىن باشلىقى ۋە باشلىقى بولغان.

1997-يىلى 10-ئايىنىڭ 8-كۈنى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى بولغان.

2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.

كىم جۇڭئېل 1975-يىلى ۋە 1982-يىلى ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قەھرىمانى دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

1992-يىلى 4-ئايدا چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مارشالى دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

ئۇ يەنە 3 قېتىم كىم ئېرسېن ئوردىنى ھەمدە كىم ئېرسېن مۇكاپاتى ھەمدە باشقا ئوردېن، مېدال ۋە ناملارغا ئېرىشكەن.

1983-يىلى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان. 2000-يىلى 5-ئاي، 2001-يىلى 1-ئاي، 2004-يىلى 4-ئاي، 2006-يىلى 1-ئاي، 2010-يىلى 5-ئاي، 2010-يىلى 8-ئاي ۋە 2011-يىلى 5-ئايدا ئېلىمىزدە بىرەسمىي زىيارەتتە بولغان. 2011-يىلى 8-ئايدا جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالىي رايونىدىن ئۆتەر يولىدا زىيارەتتە بولغان.

چاۋشيەن ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتى 19-دېكابىر كىم جۇڭئېلغا يەنە جۇمھۇرىيەت قەھرىمانى دېگەن نامنى بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق ئىمزالىغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#