لاچىندانە ھىندى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لاچىندانە ھىندىلاچىندانە ھىندى بولسا زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك غوزا مېۋىسى يۇمىلاق، رەڭگى دەسلەپ كۆك، پىشقانسېرى سېرىققا مايىل بولىدۇ. خۇش پۇراق، تەمى بىر ئاز ئاچچىق بولىدۇ.كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە پىشىشقا يېقىنلاشقان، ئەمما تولۇق پىشمىغان مېۋىسى ئۈزۈۋېلىنىپ يىغۋىلىنىدۇ(تولۇق پىشقاندا قۇرۇغاندىنكېيىن ئاسان يېرىلىپ، ئۇرۇقى تۆكۈلۈپ دورىلىق ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ) . سىرلانكا، ھىندونوزىيە، تايلاند، ۋېيتنام، ھىندىستان، قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
مېڭە، يۈرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش.
مېۋىسى تەركىبىدە %8-%3 گىچە ئۇچۇچان ماي بوۇلۇپ، مـايـنـىـڭ تـەركـىـبـىـدە terpineol-4، terpineol –α، terpinylacetate، cineol قاتارلىقلار بار.
لاچىندانە ھىندى1. لاچىندانە ھىندىدىن 5 گرام ئېلىىپ ، 3 گرام پىلپىل بىلەن قوشۇپ سوقۇپ بۇرۇنغا پۈركىسە، چۈشكۈرتۈپ، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. 10گرام لاچىندانە ھىندىنى گۇلاب بىلەن قاينىتىپ، سۈيىنى سىركەنجىۋىل بىلەن ئىچسە، جىگەر توسۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. سۇمبۇل ھىندى، گاۋزىبان، ئۈستقۇددۇسلاردىن 3 گرامدىن، لاچىندانە ھىندى ۋە رەيھان ئۇرۇقىدىن 6 گرامدىن ئېلىپ، چالا سوقۇپ چايلىق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، مېڭە، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
4. قارىـمـۇچ، پىـلپىـل، زەـنجىۋىـل، لاچىندانە ھىندىلاردىن10 گراممدىن، ئارپىبەدىياندىن5 گرام ئېلىپ چايلىق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، يەل تارقىتىدۇ.
مېڭە، يۈرەك ۋە جىگەر ئاجىزلىقى، ئېغىز پۇراش، قورساق ئېسىلىش، ھەزىم بۇزۇلۇش، قورساق ئاغرىقى، كۆڭۈل ئېلىشىش، ھەزىم ئاجـىـزلـىقـى، ھـېـق تـۇتـۇش، سوغۇقتىـن بـولغـان يـۈرەك چالاڭـغۇراش قاتارلىقـلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر )
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.