خۇاڭ ۋېي

خۇاڭ ۋېي

خۇاڭ ۋېي، ئەر، خەنزۇ، 1961-يىلى 4-ئايدا جياڭسۇ تۇڭجۇدا تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خۇاڭ ۋېي
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جياڭسۇ تۇڭجۇ
كەسپى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى
پارتىيىگە كىرگەن ۋاقتى 1982-يىلى 7-ئاي
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黄卫
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1961-يىلى 4-ئاي
پۈتتۈرگەن مەكتىپى دۇڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى
خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى 1977-يىلى 10-ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خۇاڭ ۋېيخۇاڭ ۋېي، ئەر، خەنزۇ، 1961-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ تۇڭجۇدىن، 1982-يىلى 7-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1977-يىلى 10-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش-تىرانسىپورت قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ تاشيول ۋە شەھەر يوللىرى، ئايرودروم قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سانائەت پەنلىرى دوكتورى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، پروفېسسور. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى.

1977-يىلى 10-ئايدىن 1978-يىلى 9-ئايغىچە جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ ناھىيىسى شىگاڭ گۇڭشېسى چىشىن باشلانغۇچ مەكتىپىدە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولغان.

1978-يىلى 9-ئايدىن 1982-يىلى 8-ئايغىچە نەنجىڭ سانائەت ئىنستىتۇتى ئاممىۋى قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنىڭ يول قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇغان.

1982-يىلى 8-ئايدىن 1983-يىلى 9-ئايغىچە ئازادلىق ئارمىيە ساپيورلار ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.

1983-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 1-ئايغىچە نەنجىڭ سانائەت ئىنستىتۇتى ئاممىۋى قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنىڭ يول قۇرۇلۇشى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇغان، ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاسپىرانتلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1986-يىلى 1-ئايدىن 1988-يىلى 6-ئايغىچە نەنجىڭ سانائەت ئىنستىتۇتى ئاممىۋى قۇرۇلۇش فاكۇلتېتى يول ئىلمى كافېدىراسىدا ئاسسىستېنت، لېكتور، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

1988-يىلى 6-ئايدىن 1990-يىلى 10-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش-ترانسپورت قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىدا كافېدىرا مۇدىرى، لېكتور بولغان.

1990-يىلى 10-ئايدىن 1995-يىلى 1-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش-ترانسپورت قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، پروففېسسورى بولغان.

1991-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 10-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش-تىرانسپورت قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ تاشيول ۋە شەھەر يوللىرى، ئايرودروم قۇرۇلۇشى كەسپىدە دوكتور ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇغان.

1993-يىلى 5-ئايدىن 1994-يىلى 2-ئايغىچە ئامېرىكا كالىفورنىيە بېركېلېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالىي زىيارەتچى ئالىم بولۇپ تۇرغان.

1995-يىلى 1-ئايدىن 1996-يىلى 5-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش-تىرانسپورت قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

1995-يىلى 5-ئايدا سانائەت پەنلىرى دوكتورى بولغان.

1996-يىلى 4-ئايدا دوكتور يېتەكچىسى بولغان.

1996-يىلى 5-ئايدىن 1998-يىلى 5-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

1998-يىلى 5-ئايدىن 1999-يىلى 6-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

1999-يىلى 6-ئايدىن 2000-يىلى 4-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

2000-يىلى2-ئايدا «چاڭجياڭ ئالىملىرىنى مۇكاپاتلاش پىلانى»نىڭ تەكلىپلىك پروففېسسورى بولغان.

2000-يىلى 4-ئايدىن 2001-يىلى 8-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش ئىنستىتۇتىنىڭ پروففېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى (مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى دەرىجىلىك) بولغان.

2001-يىلى 8-ئايدىن 2003-يىلى 2-ئايغىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2003-يىلى 2-ئايدىن 2003-يىلى 8-ئايغىچە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

2003-يىلى 8-ئايدىن 2008-يىلى 3-ئايغىچە قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

2007-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان.

2008-يىلى 3-ئايدىن 2008-يىلى 9-ئايغىچە تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكىنىڭمۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

2008-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلى 11-ئايغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

2008-يىلى 11-ئايدىن 2010-يىلى 12-ئايغىچە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

2010-يىلى 12-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىيكومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

2010-يىلى 12-ئايدا، مەركەز، يولداش خۇاڭ ۋېينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولىشىنى قارار قىلغان. 

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خۇاڭ ۋېينىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان.

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى، ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغانلارنى قاراردىن ئۆتكۈزۈشتە، خۇاڭ ۋېي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدىكى سايلامدا خۇاڭ ۋېي ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

ھۆكۈمەت دائىمىي ئىشلار خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. تەرەققىيات-ئىسلاھاتقا مەسئۇل بولىدۇ، مالىيە-باج، ئىستاتىستىكا قىلىش، مۇپەتتىش، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى، كادىرلار، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، زېمىن بايلىقى، قاتناش، خەۋەرلىشىش، تاشقى ئىشلار، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر.

خۇاڭ ۋېي1991-يىلى، ئۆلكە بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش نەتىجىسى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

1993-يىلى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش نەتىجىسى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1994-يىلى، قاتناش مىنىستىرلىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1994-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە، بەش تۈردە، ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، 5 تۈردە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، بىر تۈردە 4-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1996-يىلى، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان، ئەسىر ھالقىيدىغان ئىختىساسلىقلار پىلانى دۆلەت مائارىپ كومىتېتىغا تاللانغان.

1999-يىلى، دۆلەتكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسسىس بولغان. 

2001-يىلى، جۇڭگو يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2002-يىلى، قاتناش مىنىستىرلىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#