قاپاق ئۇرىقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلتىنى، قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشەش، قىزىتما پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، سۇيدۈك ھەيدەش، قۇرت ئۆلتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.
ئۇرۇقنىڭ تەركىبىدە مايلىق ياغ، ئاقسىل قاتارلىقلار بار.
1. قاپاق ئۇرۇقىنى چېقىپ مېغىزىنى يەپ بەرسە بەدەن ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.
2. قاپاق ئۇرۇقى، چىلان، بىنەپشە، نىلۇپەر، تەمىرى ھىندى قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق ئېلىپ دەملەپ ئىچىپ بەرسە قىزىتما پەسەيتىدۇ. ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.
3. قاپاق ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ.
4. قاپاق ئۇرۇقى، پۇپەل، قەنبىل قاتارلىقلاردىن ھەربىرىدىن10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە مەددەقۇرت چۈشۈرىدۇ.
ھەببە دىيدان. ئىتىرفىل دىيدان.
جىگەر كېسەللىكلىرى، ھەر خىل قىزىتما، كۆپ ئۇسساش، قـەنت سـىيىش كېسىـلـى، مـەددە قۇرت كېسەللىكلـىـرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.