ۋاگنېر

 ۋاگنېر گېرمانىيەنىڭ داڭلىق كومپۇزىتورى، دىرىژور، كومىدىيە رېژىسسورى ۋە ئوبزورچىسى. ئاساسلىقى مۇزىكىلىق تىياتىر ساھەسىدە نەتىجە قازانغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋاگنېر
باشقا نامى رىچارد ۋاگنېر
مىللىتى گېرمان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1813-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى
كەسپى كومپۇزىتورى، دىرىژور، كومىدىيە رېژىسسورى ۋە ئوبزورچىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 理查德·瓦格纳
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
يۇرتى لېپزىگدىكى يەھۇدىلار مەھەللىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1883-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى لېيپزىگ ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋاگنېرۋاگنېر  1813-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى لېپزىگدىكى يەھۇدىلار مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن باشلاپلا بتخوۋېن، مۇزارت قاتارلىقلارنىڭ مۇزىكىلىرىنى ياخشى كۆرۈپ رۇيال چېلىش ۋە كومپىزىتۇرلۇقنى ئۆزلىگىدىن ئۈگەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىكسپىر، گىيوتى دىراممىلىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 15 ياش ۋاقتىدا، 5 پەردىلىك شېئىرى تېراگىدىيىنى يېزىپ ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە  شوپېنخاۋېر  قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. 1833-يىلى يازدا ۋولزىبورىگدا ئوپىرا دېرژورى بولغان. ھەمدە ئوپىرا ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.1840-يىلى، 1841-يىلى ئۆزنىڭ تۇنجى ۋەكىلىك خاراكتىرگە ئىگە ئوپىراسى «گوللاندىيلىك سەرگەردان» نى تاماملىغان. 1843-يىلى، دېلىستون ئوردا ئوپىرا تىياتىرخانسىنىڭ دىرژورى بولغان. ۋاگنېر 1883-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ مۇزىكا كومدىيلىك سەھنە ئەسەرلىرى ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتكى دۇنيا مۇزىكا تەرەققىياتىغا بەلگىلەش خاراكتىرلىق تەسىرى كۆرسەتكەن.

ۋاگنېر1845-يىلى گېرمانىيە رىۋايەتلىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن «توۋېنسون» ناملىق دىرامما ئىجادىيتىنى پۈتتۈرگەن. 1849-يىلدىن كىيىن، چەتئەللەردە 15يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1876-يىلى 8-ئايدا، يېڭدىن قۇرۇلغان لېپزىگ تىياتىرخانىسدا ئشلەپ، ناھايتى زور مۇۋەپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

ۋاگنېرنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن «گېرمانىيە مۇزىكىسى توغرىسىدا»، «سەنئەت ۋە ئىنقلاپ »، «كەلگۈسىدىكى سەنئەت ئەسەرلىرى» ۋە «ئوپىرا ۋە كومدىيە » قاتالىقلار بار.

ۋاگنېر ھايات ۋاقتىدا گېرمانىيەنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى نىتچە بىلەن بىر مەزگىل يېقىن دوست بولۇپ ئۆتكەن. يەھۇدىلار مەھەللىسىدە چوڭ بولغان ۋاگنېر گېرمانىيەنىڭ يەھۇدىلارغا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىنى بەرپا قىلغانلارنىڭ بىرى دىسە مۇبالىغە بولمىغۇدەك دەرىجىدە يەھۇدىلارنى چەتكە قېقىش ئىدىيىسىنى تارقاتقان. ئادولىف ھېتلىر ۋاگنېر مۇزىكىلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكتىن شۇنداقلا ۋاگنېر مۇزىكىلىرىدىن يەھۇدىلارغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقتىن، شۇنداقلا يەھۇدىلار ۋاگنېر تەرىپىدىن داۋاملىق گېرمانىيەدىكى قارشى ئېلىنمايدىغان مېھمان سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغانلىقتىن، يەھۇدىلار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ۋاگنېرنى فاشىستلارنىڭ نەزەرىيىچىسى دەپ قاراپ ئۇنىڭ بارلىق سەنئەت ئىجادىيەتلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ.

ۋاگنېر مۇزىكا ساھەسىدە ئېغىر مېتال ۋە روك مۇزىكىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەڭ دەسلەپكى ئاساس سالغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، جىم ستېينمان قۇرغان گېرمانىيەدىكى  ۋاگنېر روك مۇزىكا ئەترىتى ۋە رامىستېين مۇزىكا ئەتىرىتى ۋاگنېرنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇستازى ھىساپلىشىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#