ۋاڭ چۇڭ

ۋاڭ چۇڭ

ۋاڭ چۇڭ (مىلادىيە 27-يىلىدىن تەخمىنەن مىلادىيە 97-يىلىغا قەدەر ياشىغان) − ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ماتېرىيالىستىك مۇتەپەككۇر. ئىسمى جۇڭرېن، خۇيجى ۋىلايىتىنىڭ شاڭلۇ دېگەن يېرى (بۈگۈنكى جېجياڭ ئۆلكىسى شاڭلۇ ناھىيەسى) دىن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋاڭ چۇڭ
باشقا نامى 王仲任
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيە 27-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 王充
مىللىتى خەنزۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيە 97-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋاڭ چۇڭۋاڭ چۇڭ (مىلادىيە 27-يىلىدىن تەخمىنەن مىلادىيە 97-يىلىغا قەدەر ياشىغان) − ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ماتېرىيالىستىك مۇتەپەككۇر. ئىسمى جۇڭرېن، خۇيجى ۋىلايىتىنىڭ شاڭلۇ دېگەن يېرى(بۈگۈنكى جېجياڭ ئۆلكىسى شاڭلۇ ناھىيەسى) دىن. ئۇ كىچىك چېغىدا دادىسىدىن يېتىم قېلىپ، نامراتلىقتا ئۆتكەن. ئالتە يېشىدىن تارتىپ ئوقۇشنى باشلاپ، ئون بەش يېشىدا پايتەخت لوياڭدىكى تەيشۆ بىلىم يۇرتىغا ئاپىرىپ بېرىلگەن، شۇ چاغدىكى مەشھۇر كۇڭزىچى ئۆلىما بەن بياۋنى ئۇستاز تۇتقان. ئۇ نۇرغۇن نادىر كىتابلارنى ئوقۇپ چىقىشقا ئىشتىياق باغلىغان، ئەمما كىتاب ئالىدىغانغا پۇلى بولمىغاچقا، دائىم لوياڭ كوچىلىرىدىكى كىتاب يايمىلىرىنىڭ قېشىدا كىتاب ئوقۇغان، ئوقۇغانلىرىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، بارا-بارا نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە ئادەمگە ئايلانغان. ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشتا ئۆزگىچە قارىشى بولغان، ئۇستىلىق بىلەن ئوقۇغان، بولۇپمۇ تۈرلۈك «غەيرىي سۆزلەر» نى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان، ئەمەلدارلار چوقۇنىدىغان كۇڭزىچىلىق تەلىماتلىرىغا قارىتا گۇمانلىنىش ۋە تەنقىد قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان. ئۇ كېيىنكى چاغلاردا يۇرتىغا قايتىپ، شاگىرت-تالىپ قوبۇل قىلىپ دەرس ئۆتكەن، يەرلىكتە كىچىك ئەمەلدار بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي، مەنسىپى ئېلىپ تاشلىنىپ ئۆيىگە كېتىپ، دېرىزە، تاملارنىڭ ھەممە يېرىگە موي قەلەملەرنى ئېسىپ قويۇپ، مەخسۇس كىتاب يېزىپ، نەزەرىيە مۇتالىئە قىلىپ، 30 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ نادىر ئەسەر − «مۇھاكىمە ۋە بايان» نى يېزىپ چىققان. 

ۋاڭ چۇڭۋاڭ چۇڭ «مۇھاكىمە ۋە بايان» دا شۇ چاغلاردا ناھايىتى كەڭ تارقالغان «تەڭرىنىڭ ھېس قىلىشى» دەيدىغان ھەم ئالۋاستى-شاياتۇنلارنى ماختايدىغان سەپسەتىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەنقىد قىلىپ، ئۆزىنىڭ ساددا ماتېرىيالىستىك تەلىماتلىرىنى سىستېمىلىق شەرھلىگەن. تەڭرى ھېس قىلىش سەپسەتىسى تەرەپدارلىرى: تەڭرى بالايىئاپەت ۋە بەخت-سائادەت ئارقىلىق كىشىلەرنى ئەيىبلىيەلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ، دەپ قارىغان. ئەمما، ۋاڭ چۇڭ: «يەل» ئاسمان-زېمىندىكى كۇللى شەيئىنى پەيدا قىلىدىغان تۈپ ئېلېمېنت، ئاسمان بىلەن زېمىن «يەل» دىن شەكىللەنگەن، شەيئىلەر قوبۇل قىلىدىغان «يەل» نىڭ نېپىز-قېلىنلىقى ۋە ئىنچىكە-توملۇقى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا تۈرلۈك-تۈمەن پەرقلىرى بولغان ھادىسىلەر بارلىققا كەلگەن؛ ئادەممۇ شۇ شەيئىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر شەيئى، لېكىن ئادەم پاراسەتكە ئىگە، شۇڭا ھەممە شەيئىنى باشقۇرۇشقا قادىر؛ ئاسمان ئىرادىسى يوق، ئىدىيىسى(ئوي-پىكرى) يوق تەبىئىي گەۋدە(جىسىم)، ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دەپ قارىغان. ئۇ يەنە ئادەم ئۆلسە جىنغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، دەيدىغان سەپسەتىنى ئىنكار قىلىپ: ئادەم ئۆلسە، تېنى سېسىپ توپىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، روھىمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭلا يوقىلىدۇ، جىنغا ئايلانمايدۇ، دەپ قارىغان. ۋاڭ چۇڭنىڭ ئىدىيەسىدىن ماتېرىيالىزمنىڭ نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇ شۇ چاغدىكى فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئىدىيىسىگە جەڭ ئېلان قىلغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#