مېنبا مىللىتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مېنيۈ رايونى بىلەن موتو ناھىيىسى ھىمالايا تېغىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يەر ئىپتىدائىي ئورمانلار بىلەن قاپلانغان. مېنبالار ئاساسلىقى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئوۋچىلىقمۇ قىلىدۇ. مېنبالار ئادەتتە قىزىل رەڭلىك يۇلۇ نىمچىسى كىيىدۇ، بېشىغا كىگىز قالپاق، پۇتىغا كالا تېرىسىدىن تىكىلگەن مەسە كىيىدۇ، ئاياللار كۆڭلەك كىيىدۇ، ھەر خىل بېزەكلەرنى تاقىۋېلىشقا ئامراق، ئەرلەر بېلىگە پىچاق ئېسىۋالىدۇ. ئۆينىڭ تۇرۇسى كۆپىنچە ياغاچ، بامبۇك ياكى ئوت-چۆپلەر بىلەن يېپىلىدۇ، ئادەتتە ئۈچ قەۋەت بولىدۇ. ئۈستىدە ئادەم ئولتۇرىدۇ، ئاستىنقى قەۋىتىدە چارۋىلار تۇرىدۇ.
مېنبالار ئومۇميۈزلۈك لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئادەم ئۆلگەندە كۆپىنچە سۇغا ياكى تۇپراققا دەپنە قىلىدۇ، كۆيدۈرىدىغانلارمۇ، ئوچۇقچىلىققا دەپنە قىلىش ئادىتىمۇ بار.مېنبالارنىڭ ئۆز تىلى بار، زاڭزۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى يىللىرىدا، لاسادىكى بودالا سارىيى ئېتىكىدىكى ئاھالىلەر رايونىدا پەرىزاتتەك گۈزەل قىز رېنجېنۋېڭمۇنىڭ ئۆيى بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئىنتايىن كېلىشكەن بىر ئاشىقى بار ئىكەن. بۇ كىشى دەل شىزاڭنىڭ دىن بىلەن سىياسىي بىرلەشكەن ھاكىمىيىتىنىڭ داھىيسى—6-ئەۋلاد دالاي ساڭياڭجاسو ئىكەن. بۇ كاتتا راھىب ھوقۇقدار، باي ۋە مەرتىۋىلىك ئادەم بولسىمۇ، لېكىن ئاددىي كىشىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ياقتۇرىدىكەن، ئۇ نۇرغۇن پاساھەتلىك ھەم تەسىرلىك ئىشقى-مۇھەببەت شېئىرلىرىنى يېزىپ، زاڭزۇ خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولغانىكەن. مۇھەببەت ئۈچۈن، ئۇ ھەتتا ئىنتىزامنى رەت قىلىپ، بۇددا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئىچكى مالىمانچىلىقتا ئۆلگەنىكەن. ساڭياڭجاسۇ شىزاڭنىڭ جەنۇبىدىكى مېنيۈسۇڭ رايونىدا تۇغۇلغان بولۇپ، مېنبا خەلقى پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئوغلان ھېسابلىنىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.