تاتار مىللىتى

تاتار مىللىتى

تاتار مىللىتى ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا، چۆچەك ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرىغا ماكانلاشقان، يەنە بىر قىسمى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى تاتار مىللىتى
نوپۇسى 3556 (2010-يىلى)
تىلى تاتار تىلى
خەنزۇچە نامى 塔塔尔族
چەتئەلچە نامى Tatar people

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاتار مىللىتىتاتار «دادەن» تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن تاتارلار دېگەن مىللەت نامى جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى ئىدى. موڭغۇللار غەربكە يۈرۈش قىلغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى خەلقلەر موڭغۇللارنى تاتارلار دەپ ئاتىغان. مىلادىيە 15-ئەسىردە ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى ۋە كاما دەرياسى ۋادىسىدا قازان دۆلىتى باش كۆتۈرگەن. ئۆزلىرىنى موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ ئاتايدىغان تاتارلار مەزگىلىدە بىر مىللەت سۈپىتىدە مانا مۇشۇ جايدا شەكىللەنگەن. جۇڭگودىكى تاتارلار 19-ئەسىرنىڭ 20-، 30-يىللىرىدىن كېيىن بىر-بىرلەپ روسىيىدىن كۆچۈپ كەلگەن. 

تاتار مىللىتى ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا، چۆچەك ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرىغا ماكانلاشقان، يەنە بىر قىسمى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان.

تاتار مىللىتى ئەرلەر ئاق كانىۋاي كۆڭلەكنىڭ ئۈستىگە قىسقا پىنجەك كىيىۋالىدۇ ياكى ئۇدۇل پەشلىك قارا كۆڭلەك كىيىدۇ. قىز-چوكانلىرى مارجان دوپپا كىيىدۇ، ئاق، سېرىق ياكى سۆسۈن رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىدۇ، ئۇلار تەم تەڭشەشكە بەكمۇ ئۇستا بولۇپ، پىشۇرۇلغان تۈرلۈك تاتلىق-تۈرۈملىرى ئىنتايىن تەملىك، يېيىشلىك بولىدۇ. تاتارلار ئادەتتە تەكشى ئۆگزىلىك كېسەك ئۆيلەردە تۇرىدۇ ۋە ھويلا چۆرۈۋالىدۇ، تامغا گىلەم تارتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار تولىمۇ پاكىز كېلىدۇ. چارۋىچىلىق رايونىدىكى تاتارلار تولاراق چېدىر ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ.

تاتارلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن تۈرلۈك مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلۈپ، بالىغا «قۇرئان» غا ئاساسەن ئىسىم قويىدۇ. بوۋاق 40 كۈنلۈك بولغاندا 40 يەردىن سۇ ئېلىپ كېلىپ بالىنى يۇيۇندۇرۇپ، بالىنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشىنى تىلەيدۇ. بالا قۇرامىغا يەتكەندە، ئاتىسىنىڭ ياكى بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە قويۇپ، فامىلە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، جەسەتنى ئاق رەخت بىلەن يۆگەپ قويىدۇ، مېيىت ئۇزاتقۇچىلار بىر سىقىمدىن توپىنى ئېلىپ ئۆلگۈچىنىڭ مەيدىسىگە قويۇپ، قۇرئان ئوقۇغاندىن كېيىن دەپنە قىلىدۇ. تاتارلارنىڭ ئۆز تىل-يېزىقى بار.

تاتار مىللىتى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز بولغان. تاتارلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر، ھەر يىلى ئەتىيازدا «ساپان» بايرىمى(يەر ھەيدەيدىغان ساپان) دا ناخشا-قوشاق، چېلىشىش، بەيگە، ئارغامچا تارتىشىش ۋە يۈگۈرۈش قاتارلىق ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#